گۈزەل ئەخلاق توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدسىلەر
فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەييارلىدى
hedisim.com | mujtehid.com
ئەخلاق — كىشىنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىكلەر ماختىلىدىغان ياكى تەنقىدلىنىدىغان ئالاھىدىلىكلەردىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا ئايرىلىدۇ. hedisim.com (قۇرتۇبى، مۇفھىم)
گۈزەل ئەخلاقنىڭ تۈرلىرى: كەچۈرۈش، ھىلم، مەرتلىك، سەبر، ئەزىيەتلەرگە چىداش، مېھرىبانلىق، شەپقەت، باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ھەل قىلماق، سۆيگۈ كۆرسىتىش، يۇمشاق مۇئامىلە قىلىش… قاتارلىقلار. hedisim.com (فەتھۇلبارى)
ئىمام تىرمىزى گۈزەل ئەخلاقنىڭ نېمىلىكى توغرۇلۇق ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: «گۈزەل ئەخلاق — خۇش چىراي بولۇش، ھەممە كىشىگە (بەدەلسىز) ياخشىلىق قىلىش ۋە ھېچكىمگە ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىكتۇر.» hedisim.com (تىرمىزى 2005؛ رىيازۇس سالىھىن 340-بەت)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ((الَّلهُمَّ حَسَّنتَ خَلْقِي فَحَسِّن خُلُقِي)) «ئى رەببىم! يارىتىلىشىمنى گۈزەل قىلغىنىڭدەك، ئەخلاقىمنىمۇ گۈزەل قىلغىن.» hedisim.com (ئەھمەد؛ ئىبنى ھىببان سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى – ئىرۋائۇل غەلىل، 75؛ ئىبنى ھەجەر-فەتھۇل بارى 12\122)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إِنَّمَا بُعِثتُ لِأُتَمِّمَ مَكَارِمَ الأَخلَاقِ)) «شۈبىھسىزكى، مەن گۈزەل ئەخلاقنى كامالەتكە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم.» hedisim.com (بۇخارى-ئەدەب ئەلمۇفرەد 273؛ ئەلبانى-سىلسىلە ئەسسەھىھە 45)
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كىشىلەر ئارىسىدا ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغان زات ئىدى.» hedisim.com (بۇخارى 6203؛ مۇسلىم 2150؛ رىيازۇس سالىھىن 621)
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إِنَّ مِنْ أَحَبِّكُمْ إِلَيَّ وَأَقْرَبِكُمْ مِنِّي مَجْلِسًا يَوْمَ الْقِيَامَةِ أَحَاسِنَكُمْ أَخْلَاقًا)) «ئاراڭلاردا ماڭا ئەڭ سۈيۈملۈك بولغىنىڭلار، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى ماڭا ئەڭ يېقىن بولىدىغىنىڭلار — ئەخلاقىڭلار ئەڭ ياخشى بولغانلىرىڭلاردۇر.» hedisim.com (تىرمىزى 2018؛ ئەلبانى «سەھىھ تىرمىزى»دا سەھىھ دېگەن)
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إِنَّ خِيَارَكُمْ أَحَاسِنُكُمْ أَخْلَاقًا)) «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار — ئەخلاقى ئەڭ ياخشى بولغىنىڭلاردۇر.» hedisim.com (بۇخارى 6035؛ مۇسلىم 2321)
ئۇسامە ئىبنى شەرىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ساھابىلەر «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئارىسىدا، ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر كىملەر؟» دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغۇچىلاردۇر» دېدى. hedisim.com (ئىبنى ھىببان، ھاكىم، تەبرانى؛ فەتھۇلبارى 12\123، سەھىھ)
وعَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رضي الله عنه قَالَ : سُئِلَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ عَنْ أَكْثَرِ مَا يُدْخِلُ النَّاسَ الْجَنَّةَ ؟ فَقَالَ : ( تَقْوَى اللَّهِ وَحُسْنُ الْخُلُقِ )
ئەبۇ ھۇرەيرە ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن «كىشىلەرنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە ئەڭ كۆپ سەۋەب بولىدىغان نەرسە نېمە؟» دەپ سورىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ «ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاق» دەپ جاۋاپ بەردى. hedisim.com (تىرمىزى 2004؛ ئەلبانى «سەھىھ تىرمىزى»دا سەھىھ دېگەن)
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھەدىس بايان قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۆمىنلەرنىڭ ئارىسىدا ئىمان ئەڭ ئۈستۈن كىشىلەر — ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغۇچىلاردۇر.» hedisim.com (ئەبۇ يەئلا؛ فەتھۇلبارى 12\122)
ئەبۇ ئۇمامە ئەلباھىلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەن ئۆزىنىڭ ھەق تۇرۇپ (باشقىسى بىلەن) تالاش-تارتىش قىلىشنى تەرك ئەتكەن كىشى ئۈچۈن جەننەتنىڭ بۇلۇڭىدىن بىر ئۆي بېرىلىشىگە كېپىلمەن. چاقچاق قىلسىمۇ يالغان سۆزلەشتىن ئۇزاق تۇرغان كىشى ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىر ئۆي بېرىلىشىگە كېپىلمەن. ئەخلاقى گۈزەل بولغان مۆمىن ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئەڭ ئۈستۈن يېرىدىن بىر ئۆي بېرىلىشىگە كېپىلمەن.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 4800؛ رىيازۇس سالىھىن 630)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إنَّ اللهَ تعالى جَميلٌ يحبُّ الجمالَ)) «ئاللاھ تائالا گۈزەلدۇر. (سۆزدە، ھەرىكەتتە ۋە ئەخلاقتا) گۈزەل بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ.» hedisim.com (سۇيۇتى: جامىئۇس سەغىر 1720؛ ئەلبانى: سەھىھ جامىئۇس سەغىر 1741)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إنَّ اللهَ تعالى جَوادٌ يحبُّ الجُودَ، ويحبُّ مَعالِي الأَخلاقِ، ويكرَهُ سَفسافَها)) «ئاللاھ تائالا مەرتتۇر، مەرتلىكنى ياخشى كۆرىدۇ، گۈزەل خۇي-مىجەزلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. ناچار، پەس خۇي-مىجەزلەرنى يامان كۆرىدۇ.» hedisim.com (سۇيۇتى: جامىئۇس سەغىر 1723؛ ئەلبانى: سەھىھ جامىئۇس سەغىر 1744؛ تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ ۋە ئىبنى ئابباستىن، سەھىھ)
ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((مَا مِنْ شَيْءٍ أَثْقَلُ فِي الْمِيزَانِ مِنْ حُسْنِ الْخُلُقِ )) «(قىيامەت كۈنى مۆمىننىڭ ياخشىلىق-يامانلىقلىرىنى ئۆلچەيدىغان) مىزاندا (ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرى ئارىسىدا) گۈزەل ئەخلاقتىنمۇ ئېغىر نەرسە بولمايدۇ.» hedisim.com [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى4799-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 2002-نومۇرلۇق ھەدىستە ھەسەن سەھىھ دېگەن. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ «سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى»2 -توم 535-بەتتە كەلتۈرگەن]
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: ((إِنَّالْمُؤْمِنَ لَيُدْرِكُ بِحُسْنِ خُلُقِهِ دَرَجَةَ الصَّائِمِ الْقَائِمِ)) «مۇئمىن كىشى گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كېچىسى ناماز ئوقۇيدىغان كىشىنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى تاپىدۇ.» hedisim.com [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 4798-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئالبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ»سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى»2-توم 421-بەتتە كەلتۈرگەن].
وعَنْ أَبي هُرَيْرَةَ، أنه قال: » قِيلَ لِلنَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: يَا رَسُولَ اللَّهِ! إِنَّ فُلَانَةً تَقُومُ اللَّيْلَ وَتَصُومُ النَّهَارَ، وَتَفْعَلُ، وَتَصَّدَّقُ، وَتُؤْذِي جِيرَانَهَا بِلِسَانِهَا؟
فَقَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: لَا خَيْرَ فِيهَا، هِيَ مِنْ أَهْلِ النَّارِ.
قَالُوا: وَفُلَانَةٌ تُصَلِّي الْمَكْتُوبَةَ، وَتَصَّدَّقُ بِأَثْوَارٍ، وَلَا تُؤْذِي أَحَدًا؟
فَقَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: هِيَ مِنْ أَهْلِ الْجَنَّةِ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! پالانى ئايال كېچىدە ناماز ئوقۇيدۇ، كۈندۈزدە روزا تۇتىدۇ، سەدىقە قىلىدۇ ۋە كۆپ ياخشىلىقلارنى قىلىدۇ، لېكىن خوشنىلىرىغا بەك ئەزىيەت بېرىدۇ؟ دېيىلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇ ئايالدا ياخشىلىق يوق، ئۇ دوزاخ ئەھلىدىن دېگەن. ساھابىلار: پالانى ئايال بەش ۋاقىت نامىزىنى ئوقۇيدۇ، ئاددى نەرسىلەرنى بولسىمۇ سەدىقە قىلىدۇ، باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمەيدۇ؟ دېيىلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇ ئايال جەننەت ئەھلىدىن دېگەن. hedisim.com [بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى»ئەدابۇل مۇفرەد»119-بەتتە، ئىمام ئەھمەد»ئەلمۇسنەد» 15-توم 421-بەتتە كەلتۈرگەن. باشقا ھەدىس ئالىملىرىمۇ ئۆز كىتابىدا كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ: «سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى»1-توم 369-بەتتە كەلتۈرگەن].
عَنْ أَبِيْ ذَرٍّ جُنْدُبِ بنِ جُنَادَةَ وَأَبِي عَبْدِ الرَّحْمَنِ مُعَاذِ بِنِ جَبَلٍ رَضِيَ اللهُ عَنْهُمَا عَنْ رَسُولِ اللهِ ﷺ قَالَ: (اتَّقِ اللهَ حَيْثُمَا كُنْتَ، وَأَتْبِعِ السَّيِّئَةَ الحَسَنَةَ تَمْحُهَا، وَخَالِقِ النَّاسَ بِخُلُقٍ حَسَنٍ ) رواه الترمذي وقال: حديث حسن. وفي بعض النسخ: حسنٌ صحيح.
ئەبۇ زەر جۇندۇب ئىبنى جۇنادە ۋە ئەبۇ ئابدۇرراھمان مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: «نەدىلا بولمىغىن ئاللاھتىن قورققىن. بىر يامانلىق قىلغان بولساڭ، ئارقىسىدىنلا بىر ياخشى ئەمەل قىلغىن، بۇنىڭ بىلەن يامان ئىشىڭ يوققا چىقسۇن. كىشىلەرگە گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلغىن.» hedisim.com (ئەھمەد 21354؛ تىرمىزى 1987؛ ھاكىم 1\54)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداقدېگەن:«مۆمىنلەر ئىچىدە ئىمانى ئەڭ مۇكەممىلى مىجەز–خۇلقى ئەڭ ياخشى بولغانلاردۇر. سىلەرنىڭ ئەڭياخشىلىرىڭلار ئاياللىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلاردۇر.» hedisim.com (رىيازۇس سالىھىن 628)
مۇلايىملىقنىڭ پەزىلىتى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((إذا أراد الله بأهل بيت خيرا أدخل عليهم الرفق)) «ئاللاھ تائالابىر ئائىلىگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇ ئائىلىنىڭ كىشىلىرىنى مۇلايىم قىلىدۇ.» hedisim.com (ئەلبانى سەھىھجامىئۇس سەغىر 203؛ سۇيۇتى جامىئۇس سەغىر 393، ھەسەن)
ناچار ئەخلاقنىڭ ۋابالى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن شر الناس منزلة عند الله يوم القيامة من تركه الناس اتقاء فحشه)) «قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىداا ئەھۋالى ئەڭ يامان بولغان ناچار ئەخلاقى سەۋەبلىك باشقىلار ئۇنى تەرك ئەتكەن كىشىدۇر.» hedisim.com (مۇسلىم 2591؛ سۇيۇتى: جامىئۇس سەغىر 2284؛ ئەلبانى: سەھىھ جامىئۇس سەغىر 2095؛ مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە بىنتى ئەبۇ بەكردىن)
فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەييارلىدى
mujtehid.com | hedisim.com