114-سۈرە | سۈرە ناسنىڭ چۈشىنىشلىك تەرجىمە تەپسىرى
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ النَّاسِ
ئېيتىقنكى: ئىنسانلارنىڭ رەببىگە سېغىنىپ،
مَلِكِ النَّاسِ
ئىنسانلارنىڭ پادىشاھىغا (سېغىنىپ)،
إِلَهِ النَّاسِ
ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا (سېغىنىپ)،
مِنْ شَرِّ الْوَسْوَاسِ الْخَنَّاسِ
(غەپلەتتە قالغۇچىغا1 يامان ئىش ئەمەللەرنى چىرايلىق كۆرسىتىش، ياخشى ئەمەللەرنى سەت كۆرسىتىش ئارقىلىق2) ۋەسۋەسە قىلىدىغان، (ئاللاھ زىكىر قىلىنغاندا3، يامانلىقىغا قارشى ئاللاھتىن ياردەم تەلەپ قىلىنغاندا4) يوشۇرۇنىدىغان شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن (پاناھ تىلەيمەن).(ئىنساننىڭ قەلبى ئاللاھنى قانچىلىك كۆپ زىكىر قىلسا، شەيتان ئاجىزلاپ\ كىچىكلەپ يېڭىلىدۇ؛ ئەگەر ئاللاھنى زىكىر قىلمىسا شەيتان چوڭىيىپ\كۈچلىنىپ، ئىنساندىن غالىپ كېلىدۇ.5)
الَّذِي يُوَسْوِسُ فِي صُدُورِ النَّاسِ
ئىنسانلارنىڭ قەلبىگە (ئىنساننىڭ قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان سۆزلەرنى ئېيتىپ6، يامانلىق ۋە شەك-شۈبھە سېلىپ7) ۋەسۋەسە تاشلايدىغان،
مِنَ الْجِنَّةِ وَالنَّاسِ
جىنلار ئىچىدىكى ۋە ئىنسانلار ئىچىدىكى شەيتاننىڭ (ۋەسۋەسىسىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن.)
- تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر ئىبنى كەسىر، تەپسىر مۇيەسسەر 2.تەپسىر سەئدى 3.تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر ئىبنى كەسىر، تەپسىر مۇيەسسەر 4.تەپسىر سەئدى 5.تەپسىر ئىبنى كەسىر 6.تەپسىر بەغەۋى 7.تەپسىر مۇيەسسەر
— فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەييارلىدى