ناخشا مۇزىكا توغرىسىدىكى ھەدىسلەر

ناخشا مۇزىكىنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر

فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەييارلىدى

hedisim.com | mujtehid.com

مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

1. ئەبۇ ئامىر ئەشئەرىي ياكى ئەبۇ مالىك ئەشئەرىي رضي الله عنهما  ھەدىس بايان قىلىپ، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىنى نەقىل قىلغان: (لَيَكُونَنَّ مِنْ أُمَّتِي أَقْوَامٌ يَسْتَحِلُّونَ الْحِرَ وَالْحَرِيرَ وَالْخَمْرَ وَالْمَعَازِفَ) «ئۈممىتىمدىن زىنا- پاھىشىنى، (ئەرلەرنىڭ) يىپەكنى (كىيىنىشى)، ھاراق ۋە مۇزىكا ئەسۋابلىرىنى ھالال سانايدىغان كىشىلەر مەيدانغا چىقىدۇ.» hedisim.com (سەھىھۇلبۇخارىي 5590سەھىھ ئىبنى ھىببان 6719- ھەدىس؛ ئەبۇداۋۇد 4039- ھەدىس؛ سۇيۇتى جامىئۇس سەغىر 91 – ھەدىس)

2.ئەبۇ مالىك ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: يشرب ناس من أمتي الخمر، يسمونها بغير اسمها يضرب على رءوسهم بالمعازف والقينات يخسف الله بهم الأرض، ويجعل منهم القردة والخنازير «ئۈممىتىمدىن بىر بۆلۈك ئادەملەر ھاراقنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ ئىچىدۇ، باشلىرىدا نەغمە – مۇزىكىلار چېلىنىدۇ، ئايال ناخشىچىلار ناخشا ئېيتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى زېمىنغا يۇتقۇزىۋېتىدۇ، ئۇلاردىن بىر قىسمىنى مايمۇن، چوشقىغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ.» hedisim.com (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە: 5\67؛ بۇخارىي تەئرىخ 967- ھەدىس؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 6721- ھەدىس؛ ئىبنى ماجە 4020- سەھىھ ھەدىس)

3. ئىبنى ئابباس رضي الله عنهما مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:إِنَّ اللَّهَ تَعَالَى حَرَّمَ الْخَمْرَ وَالْمَيْسِرَ وَالْكُوبَةَ وَقَالَ: كُلُّ مُسْكِرٍ حَرَامٌ  «ئاللاھ ھاراقنى، قىمارنى، ناغرا – دۇمباقنى ھارام قىلدى.» رەسۇلۇللاھ مۇشۇنداق دەپ بولۇپ، «بارلىق مەست قىلغۇچى نەرسە ھارامدۇر» دېگەن. hedisim.com (ئەھمەد 2476- ھەدىس؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 5341- ھەدىس؛ مىشكات مەسابىھ 4503- ھەدىس؛ سەھىھ ھەدىس توپلىمى 1708 – ھەدىس)

4. ناپىئ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنەينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، بارماقلىرى بىلەن قۇلىقىنى ئېتىۋالدى ۋە يولدىن چەتكە چىقىپ، ماڭا قاراپ: ناپىئ بىرەر ئاۋاز ئاڭلاۋاتامسەن دېدى، مەن: ياق ئاڭلىمىدىم دېگەندىن كېيىن، بارمىقىنى قۇلىقىدىن ئىلىپ، مەن بىر قېتىم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئىدىم، ئۇ يۇقىرىقىدەك ئاۋازنى ئاڭلىغاندا، مۇشۇنداق قىلغان ئىدى، دىدى. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].

5. ئىمران ئىبنى ھۇسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «بۇ ئۈممەتتە ناخشا-مۇزىكىچى ئاياللار، نەغمە-ناۋا، ھاراق ئىچىش يېيىلغاندا يەر يۈتۈپ كېتىش، سۈرىتى ئۆزگىرەپ كېتىش، ئاسماندىن تاش يېغىش قاتارلىق ئىشلار يۈز بېرىدۇ.» hedisim.com (تىرمىزى 2212؛ سەھىھۇل جامىئ 4273) 

6. ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ «ئەدەب ئەلمۇفرەد» ناملىق ھەدىس كىتابىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلغان: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ {وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَشْتَرِي لَهْوَ الْحَدِيثِ لقمان}{بەزى كىشىلەر بىلىمسىزلىكتىن، (كىشىلەرنى) اﷲ نىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن بىھۇدە گەپلەرنى سېتىۋالىدۇ}(لوقمان سۈرىسى،6-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى) دېگەن ئايەتنى ناخشا ۋە شۇ تىپتىكى نەرسىلەر ئۈچۈن نازىل بولغان دەپ تەپسىرلىگەن. hedisim.com (سەھىھ ھەدىس؛ ئەلبانى: سەھىھ ئەدەب ئەلمۇفرەد،603)

7. ئابدۇللاھ ئىبنى دىينار رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: (خرجْتُ مع عَبْدِ اللهِ بنِ عمرَ إلى السُّوقِ فمرَّ على جَارِيَةٍ صَغِيرَةٍ تُغَنِّي فقال إِنَّ الشيطانَ لَوْ تركَ أحدًا لَتركَ هَذِهِ) مەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىلەن كوچىغا چىقتىم. ئۇ زات ناخشا ئېيتىۋاتقان كىچىك دېدەك قىزنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ:«ئەگەر شەيتان بۇ يەردە بىر نەرسە قويۇپ قويغان بولسا، چوقۇمكى مۇشۇ ناخشا ئېيتىۋاتقان قىزنى قويۇپ قويدى» دېدى. hedisim.com (ئىمام بۇخارى «ئەدەب ئەلمۇفرەد» 784-ھەدىس؛ ئەلبانى ھەسەن دېگەن)

8. ئۇممۇ ئەلقەمەدىن مۇنداق دەيدۇ: (أَنَّ أُمَّ عَلْقَمَةَ أَخْبَرَتْهُ، أَنَّ بَنَاتَ أَخِي عَائِشَةَ اخْتُتِنَّ، فَقِيلَ لِعَائِشَةَ: أَلاَ نَدْعُو لَهُنَّ مَنْ يُلْهِيهِنَّ؟ قَالَتْ: بَلَى. فَأَرْسَلْتُ إِلَى عَدِيٍّ فَأَتَاهُنَّ، فَمَرَّتْ عَائِشَةُ فِي الْبَيْتِ فَرَأَتْهُ يَتَغَنَّى وَيُحَرِّكُ رَأْسَهُ طَرَبًا، وَكَانَ ذَا شَعْرٍ كَثِيرٍ، فَقَالَتْ: أُفٍّ، شَيْطَانٌ، أَخْرِجُوهُ، أَخْرِجُوهُ) مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئىنىسىنىڭ قىزىنىڭ خەتمىسى قىلىنغاندا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن «ئۇلارنى خۇش قىلىدىغان بىرەرسىنى چاقىرساق بولامدۇ؟» دەپ سورىۋىدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا «بولىدۇ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئەدىي دېگەن كىشى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كەلتۈرۈلدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاچ قويۇق چاچلىق ئەدىينىڭ مەجنۇنلارچە بېشىنى چايقاپ ناخشا توۋلاۋاتقىنىنى كۆرۈپ «(ئۇ) شەيتان (ئىكەن) . ئۇنى چىقىرىۋېتىڭلار! ئۇنى چىقىرىۋېتىڭلار» دەپ بۇيرۇدى. hedisim.com (بۇخارى «ئەدەب ئەلمۇفرەد» 1247؛ ئەلبانى ھەسەن دېگەن)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ