ئوسمان خەمىيس (عُثْمَانْ الخَمِيْسْ) — ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەشھۇر دەۋەتچىلىرىدىن. ئىسلام دۇنياسىدا نامى مەشھۇر، كۆپ ياقتۇرۇشقا ئېرىشكەن. كۇۋەيت پۇقراسى. شەيخ ئوسمان خەمىيس 1962-يىلى تۇغۇلغان. سەئۇدىي ئەرەبىستان پايتەختى رىيازدىكى ئىمام مۇھەممەد بىن سەئۇد ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ھەدىس بۆلۈمىدىن ماگېستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. شەيخ ئوسمان خەمىيس كۇۋەيت ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى شەرىئەت فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى. شەيخ ئوسمان خەمىيس — دەۋەتكە ۋە دەرس ئۆتۈشكە باشچىلاپ چۆككەن، ۋاقتىنى ۋە زېھنىنى ئاللاھ يولىغا ئاتىغان، دىن ئۈچۈن ئىزچىل خىزمەت قىلىۋاتقان دەۋەتچىدۇر.
ئۆزىنى ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ شاگىرتىمەن دەپ ئاتايدۇ ۋە بۇنىڭدىن ناھايىتى پەخىرلىنىدۇ. ئىمام ئىبنى بازدىنمۇ دەرس ئالغانلىقى مەلۇم.
ئاللاھ ئىلىمىنى ۋە ھىدايىتىنى ئاشۇرسۇن، مۇسۇلمانلارغا تېخىمۇ مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن. يۇتيۇب دەۋەتلىرى، دەرسلىرى بىلەن، شۇنداقلا شىئەلەر بىلەن قىلغان مۇنازىرىلىرى بىلەن داڭلىق.
تور بېتى: https://othmanalkamees.com
يۇتيۇب قانىلى: https://www.youtube.com/@othmanalkamees/videos
— مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى