دۇنيانىڭ قۇلىمۇ، ئاللاھنىڭ قۇلىمۇ
(فۇرقان دەۋەت مەركىزى)
بسم الله الرحمن الرحيم
قەلبنىڭ ئاخىرەتكە ئىنتىلىشتىن مەھرۇم قېلىپ، دۇنياغا باغلىنىپ قېلىشىنىڭ ئۆزىلا كىشى ئۈچۈن يېتەرلىك مۇسىبەتتۇر.
ئاخىرەتكە ئىككىلەمچى، دۇنياغا بىرلەمچى مۇئامىلە قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئالدىدا ھېچبىر مەرتىۋىسى يوقتۇر.
كىم مۇشۇ بالا-مۇسىبەتكە مۇپتىلا بولغان بولسا تەۋبە قىلىپ توغرا يولغا قايتسۇن.
كىم بۇ بالا-مۇسىبەتتىن ئەمىن قالغان بولسا ئاللاھقا بولغان شۈكرىنى سالىھ ئەمەللەر ئارقىلىق تېخىمۇ ئاشۇرسۇن.
ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:
بَلْ تُؤْثِرُونَ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا وَالْآخِرَةُ خَيْرٌ وَأَبْقَىٰ
ھالبۇكى، سىلەر (دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدىغان، ماددىيەتكە ئالدانغان، ئاخىرەتكە تەلپۈنمەيدىغان ئىي غاپىل ئىنسانلار!) دۇنيا ھاياتىنى ئۈستۈن كۆرىسىلەر. (ئاللاھنى رازى قىلىش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە مۇستەھكەم ئەمەل قىلىپ ياشىغان تەقۋادارلار ئۈچۈن) ئاخىرەت ياخشىدۇر، (ئاخىرەتتىكى ھايات، ئاخىرەتتىكى ساناقسىز نېمەت ۋە بەخىتلىك ھايات) مەڭگۈلۈكتۇر. (سۈرە ئەئلا 16-،17-ئايەت)
ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:
كَلَّا بَلْ تُحِبُّونَ الْعَاجِلَةَ ﴿٢٠﴾
ئۇنداق ئەمەس (ئىش سىلەرنىڭ يېڭىدىن تىرىلىشنى مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىغىنىڭلاردەك ئەمەس. سىلەرنىڭ قىيامەتتە قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلىشىڭلارنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى شۇكى1) سىلەر (تېز قولغا كېلىدىغان2) تېز ئۆتۈپ كېتىدىغان دۇنيا ھاياتىنى3 ياخشى كۆرىسىلەر. (دۇنيادىكى لەززەتلەر ۋە نېمىلەتلەر تېزلا قولغا كېلىدىغان بولۇپ، ئىنسان تېز قولغا كېلىدىغان نەرسىلەرنى ياخشى كۆرۈشكە مايىلدۇر. ئاخىرەتتىكى نېمەتلەر بولسا دەرھال قولغا كەلمەستىن، كەلگۈسىدە <ئۆلگەندىن كېيىن> قولغا كېلىدۇ.3) [1.2.(مختصر في التفسير) 2.4.(تفسير السعدي)]
وَتَذَرُونَ الْآخِرَةَ ﴿٢١﴾
ئاخىرەتكە (ئاخىرەتتىكى مەڭگۈلۈك ھايات ئۈچۈن سالىھ ئەمەل-ئىبادەتلەرنى قىلىشقا1) سەل قارايسىلەر. (ئاخىرەت ئۈچۈن ياشاشنى تەرك ئېتىسىلەر. ئاخىرەتنى تاشلاپ، دۇنيانى تاللايسىلەر.2) [1.2. (تفسير السعدي)]
وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ نَّاضِرَةٌ ﴿٢٢﴾
ئۇ كۈندە (مەڭگۈلۈك ئاخىرەتنىڭ تۇنجى كۈنى بولغان قىيامەت كۈنىدە) بىر قىسىم يۈزلەر نۇرلۇق بولىدۇ. (بۇ ئاخىرەتنى دۇنيانىڭ ئالدىغا قويۇپ ياشىغان تەقۋادار مۆمىنلەرنىڭ يۈزلىرىدۇر.1 بۇلارنىڭ يۈزلىرى نۇرلۇق، گۈزەل ۋە خۇشاللىققا چۆمگەن بولىدۇ.2) [1. تفسير السعدي 2. (تفسير البغوي)]
إِلَى رَبِّهَا نَاظِرَةٌ ﴿٢٣﴾
(بۇ يۈزلەرنىڭ ئىگىلىرى) ئاللاھنىڭ يۈزىنى (ھېچبىر توسۇق، پەردىسىز ھالدا، بىۋاستە ئوپئوچۇق1) كۆرىدۇ.2 (جەننەت ئەھلى مۆمىنلەر جەننەت ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتقا ئوخشىمايدىغان گۈزەل يۈزىنى ئۆز مەرتىۋىلىرىگە يارىشا شەكىلدە كۆرۈش نېمىتىگە نائىل بولىدۇ. بەزى مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتقا ئوخشىمايدىغان، ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان گۈزەل يۈزىنى ھەر كۈنى ئەتىگەندە ۋە ئاخشامدا كۆرىدۇ. بەزى مۆمىنلەر جۈمەدىن-جۈمەگىچە ھەپتىدە بىر قېتىم كۆرىدۇ. ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ يۈزىنى كۆرىدۇ ۋە بۇنىڭدىن تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە لەززەت ئېلىپ، چەكسىز خۇشاللىققا چۆمىدۇ. ئاللاھنىڭ يۈزىنى ھەر كۆرگەنچە ئۇلارنىڭ يۈزلىرى تېخىمۇ پارلاق ۋە گۈزەللىشىپ كېتىدۇ.3) [1.(تفسير البغوي) 2.(زاد المسير) 3.(تفسير السعدي)]
ئىمام ئىبنۇل جەۋزى مۇنداق دېگەن: مۆمىنلەرنىڭ ئۇلۇغ ئاللاھنى كۆرۈشى ھەقتۇر، بۇنىڭدا ھېچبىر شۈبھە يوقتۇر. بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەر سەھىھ. مەن بۇلارنى «ئەلمۇغنى» ۋە «ئەلخەدائىق» ناملىق ئەسەرلىرىمدە بايان قىلدىم. — زاد المسير
وَوُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ بَاسِرَةٌ ﴿٢٤﴾
(قىيامەتتە) يەنە بىر تۈركۈم يۈزلەر تۈرۈلۈپ كەتكەن بولىدۇ. (بۇلار دۇنيانى ئاخىرەتتىن ئۈستۈن تۇتقانلارنىڭ يۈزىدۇر. بۇلارنىڭ يۈزلىرى خارلىق ۋە غەمكىنلىك ئىچىدە تۈرۈلۈپ كەتكەن بولىدۇ.1) [1.(2)]
تَظُنُّ أَن يُفْعَلَ بِهَا فَاقِرَةٌ ﴿٢٥﴾
(چۈنكى1) بېشىغا بەك ئېغىر بالا-قازا كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ. (چۈنكى، بۇلار دوزاخقا تاشلىنىدىغان كىشىلەردۇر.2 بۇخىل بەدبەخت كىشىلەر سائادەتمەن كىشىلەرنىڭ ئەكسىچە ئاللاھنىڭ گۈزەل يۈزىنى كۆرۈشتىن مەھرۇمدۇر.3) [1.(تفسير السعدي) 2.(تفسير البغوي) 3.(زاد المسير)]
دۇنيانى ئاخىرەتتىن ئەلا بىلىش كاپىرلارنىڭ ئەخلاقى بولۇپ، ئاللاھ مۇنداق دېگەن:
{الَّذِينَ يَسْتَحِبُّونَ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا عَلَى الْآخِرَةِ}
{كاپىرلار دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەتتىن ئارتۇق كۆرىدۇ.} (سۈرە ئىبراھىم، 3-ئايەت)
دىندىن يېنىپ مۇرتەد بولغان بىر پىرقىنىڭ كاپىر بولۇشىدىكى سەۋەبى، دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەت ھاياتىدىن ئۈستۈن كۆرگەنلىكىدىن بولغان. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
{ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمُ اسْتَحَبُّوا الْحَيَاةَ الدُّنْيَا عَلَى الْآخِرَةِ وَأَنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْكَافِرِينَ }
{ئۇلارنىڭ مۇرتەد بولۇپ ئىسلام دىنىدىن چىقىشىدىكى سەۋەب1، ئۇلارنىڭ دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەت ھاياتىدىن ئارتۇق كۆرگەنلىكى ئۈچۈندۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ كاپىر قەۋمنى توغرا يولغا يېتەكلىمەيدۇ.} (سۈرە نەمل، 107-ئايەت) [1.مختصر في التفسير]
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «دۇنيا شۇنداق بىر يەركى، دۇنيادا ساغلام كىشى كېسەل بولىدۇ، خاتىرجەم كىشى ئەنسىزلىككە چۈشىدۇ. نامرات پەرىشان بولىدۇ، باي پىتنىگە چۈشىدۇ. دۇنيانىڭ ھالال مېلىدا (قىيامەت كۈنى) ھېساب بار، دۇنيادا ھارام يول ئارقىلىق قولغا كەلگەن مال ئۈچۈن قىيامەت كۈنى دوزاخ ئوتى باردۇر.» hedisim.com (ئىبنى جەۋزى: مىنھاج قاسىدىن)
سەلەف ئىماملىرىدىن سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ ھازمدىن «سېنىڭ مال-دۇنيارىڭ نېمە؟» دەپ سورىلىۋىدى، ئۇ «ئاللاھقا ئىشىنىشىم ۋە ئىنسانلارنىڭ قولىدىكىن ئۈمىدىمنى ئۈزۈشۈم» دېدى. hedisim.com (سىفاتۇس سەفۋا: 449)
كىشى دۇنياۋىي نەرسىلەرگە ئەھمىيەت بەرگەنسېرى قەلبىدە ئاخىرەتنىڭ مۇھەببىتى سۇسلايدۇ. ھەتتا كىشىنىڭ قەلبىدە دۇنيا ماتالىرىغا بولغان سۆيگۈ، مۇھەببەت، قىزىقىش شۇ دەرىجىدە ئاشىدۇكى، بۇنداق قەلبىدە ئاخىرەت مۇھەببىتىدىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ. ئاخىرەت مۇھەببىتىدىن مەھرۇم قالغان قەلب تامامەن ئۆلگەن قەلب بولۇپ، بۇنداق قەلب ئېگىسى ئىبادەتلەرگە، بۇنداق كىشى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان سالىھ ئىبادەتلەرگە رىغبەت كۆرسىتەلمەيدۇ، ھارام ۋە شۈبھىلىك نەرسىلەردىن ئۆزىنى تارتىشى تەسكە توختايدۇ، ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتى يوقنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالىدۇ.
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىمكى دۇنيا (يەنى دۇنياغا مۇھەببەت باغلاش) بىلەن دۇنيانى ياراتقان ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىنى قەلبىدە جەم قىلغىنىنى داۋا قىلسا، راستتىنلا يالغان سۆزلىگەن بولىدۇ.» hedisim.com (ئىبنى ئابدىلبەر: ئەلئىنقىتا 139)
كىشىنىڭ ئاخىرەت سائادىتىنى كۆزلىشى ۋاجىپتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن كىشىنىڭ كۆزى توق، قەلبى باي بولۇشى، دۇنياۋىي ماتالارغا، ماددىيەتكە ئاچكۆز بولماسلىقى، دۇنياۋىي نەرسىلەرنى چوڭ بىلمەسلىكى كېرەك بولىدۇ. ئازغىنە دۇنياۋىي ماتاغا رازى بولۇش، دۇنيادىكى كۆزنى قامۇشتۇرىدىغان، كۆڭۈل تارتىدىغان، كىشىگە، ئائىلىگە سۆلەت بېغىشلايدىغان نەرسىلەرگە ئۆزىنى ئۇرماسلىق — قەلبنىڭ ئاخىرەتتىن بۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللاردىندۇر.
ئەبۇ ھازىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ دۇنيادا ماڭا بەرمىگەن نېمەت، ماڭا بەرگەن نېمەتتىن ئۈستۈندۇر.» hedisim.com (سىفاتۇس سەفۋا: 450)
كىشى دۇنيا ماتاسىدىن بىرىگە كۆز تاشلايدۇ، شۇنىڭ ئېرىشىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ ۋە پۇل-مال سەرپ قىلىدۇ. ئۇنىڭغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئاز ئۆتمەي يەنە بىر دۇنيا ماتاسىغا كۆز تاشلايدۇ، ئۇنىڭغا ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە بىر دۇنيا ماتاسىغا … دۇنيا كىشىنى مانا مۇشۇنداق ئالدايدۇ. كىشى دۇنيا ماتاسىنى قوغلاشقانسېرى تۇزلۇق يېمەكلىك يەۋىلىپ ئۇسسۇزلۇقى قانمايۋاتقان ئادەمدەك، بارغانچە دۇنياغا تويماس، ئېرىشكەنلىرىگە رازى بولماس بولۇپ كېتىدۇ.
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «دۇنياغا نىسبەتەن زاھىد بولۇش قەلب ۋە بەدەن ئۈچۈن راھەتلىكتۇر.» hedisim.com (ئىبنى مۇبارەك، كىتابۇز زۇھد، 593-نومۇر)
سالىھلارنىڭ، ئابىدلارنىڭ، ئاخىرەت ئۈچۈن ياشىغۇچىلارنىڭ ئورتاق پىرىنسىپلىرىدىن بىرى — قۇربى يېتىدىغان تۇرۇپ نۇرغۇن دۇنيا ماتالىرىدىن ئۇزاق تۇرۇشتۇر. ئۇلار «بىر دۇنيا ماتاسىغا كۆز تاشلىسام، ئۇنىڭغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئىككىنچىسىگىمۇ كۆز تاشلاپ قالىمەن، قەلبىمگە دۇنيا مۇھەببىتى يەرلىشىپ قالىدۇ» دېگەن ئەنسىرەش بىلەن، ئاسان قولغا كەلتۈرەلەيدىغان نۇرغۇن دۇنيا ماتالىرىدىن ئۇزاق تۇرىدۇ، نەتىجىدە دۇنيا مۇھەببىتىنىڭ ئۆزىنى ئەسىرگە ئېلىۋېلىشىدىن ئەمىن قېلىپ، دۇنيا مۇھەببىتىنىڭ كونتروللۇقىدىن ئۇزاق ھالدا ئۆزىنىڭ ئاخىرەت ھاياتى ئۈچۈن ئىشلەيدۇ.
سەۋبان ئىبنى رافى مۇنداق نەقىل قىلىدۇ: ئەبۇ ھازم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «دۇنيانىڭ ئۆتۈپ كەتكەن قىسىمى چۈش، قالغان قىسىمى خىيالدىن ئىبارەتتۇر.» hedisim.com (سىفاتۇس سەفۋا: 449)
دۇنياغا ھەۋەس قىلىش پىتنىسىدىن ئەمىن قالغان بەندىلەرگە خۇش مۇبارەك بولسۇن.
ئەبۇل ئابباس سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە كېلىپ «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ماڭا بىر ئەمەلنى سۆزلەپ بەرگەيلىكى، ئۇ ئەمەلنى قىلسام مېنى ئاللاھمۇ، ئىنسانلارمۇ ياخشى كۆرسۇن» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«دۇنياغا ھەۋەس قىلما، ئاللاھ سېنى ياخشى كۆرىدۇ. باشقىلارنىڭ قولىدىكىگە ھەۋەس قىلما، كىشىلەر سېنى ياخشى كۆرىدۇ.» hedisim.com (ئىبنى ماجە 4102؛ رىيازۇس سالىھىن 472؛ تەبرانى-ئەلكەبىر 5972؛ ھاكىم 4\313؛ ئىبنى ھەجەر بۇلۇغۇلمەرامدا 1475، ھەسەن دېگەن)
ھۇزەيفە ئىبنى يەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئالتۇن-كۆمۈش چىنە-قاچىلاردا ئىچمەڭلار، بۇنداق چىنە-قاچىلاردا يېمەڭلار. چۈنكى، بۇلار دۇنيادا ئۇلارنىڭ (يەنى كاپىرلارنىڭ)، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭدۇر.» hedisim.com (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس، بۇلۇغۇلمەرام 14)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((اقتربت الساعة، ولا يزداد الناس إلا حرصا ولا يزدادون من الله إلا بعدا)) «قىيامەت يېقىنلاشتى. شۇنداق تۇرۇغلۇق، ئىنسانلارنىڭ دۇنياغا بولغان ھېرىسمەنلىكى ۋە ئاللاھتىن يىراقلىشىشى ئاشماقتا.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 1321؛ سەھىھ جامىئۇس سەغىر، 1146)
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنغان: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۈرەمدىن تۇتۇپ تۇرۇپ ((كُنْ فِي الدُّنْيَا كَأَنَّكَ غَرِيْبٌ أَوْ عَابِرُ سَبِيْلٍ)) «دۇنيادا بىر غېرىپتەك ياكى مۇساپىردەك بولغىن» دېدى. hedisim.com (بۇخارى 6053)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((تَعِسَ عبدُ الدِّينارِ، والدِّرْهَمِ، والقَطِيفَةِ، والخَمِيصَةِ، إنْ أُعْطِيَ رَضِيَ، وإنْ لَمْ يُعْطَ لَمْ يَرْضَ)) «دىنارنىڭ، دىرھەمنىڭ، تاۋار-دۇردۇننىڭ ۋە كىيىم-كېچەكنىڭ قۇلى ھالاك بولدى. ئۇنىڭغا بېرىلسە رازى بولىدۇ، بېرىلمىسە نارازى بولىدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 2730، بۇلۇغۇلمەرام 1451) [يەنى ئۇنىڭ خۇشاللىقى دۇنيا ماتاسىغا، دۇنيا نېمەتلىرىگە ئېرىشىش، خاپىلىقى دۇنيا ماتاسىنىڭ، دۇنيا نېمەتلىرىنىڭ بەزىلىرىدىن مەھرۇم قېلىشتۇر.]
ئامىر ئىبنى ئابدۇلقەيس رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«ئۆزۈڭنى قۇرئانغا بەر. كىمكى ئۆزىنى قۇرئانغا بەرمىسە نەپسى دۇنياغا باغلىنىپ قالىدۇ.» hedisim.com (ئىمام ئەھمەد: زۇھد كىتابى 1260)
نۇئمان رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: سۇفيان ئىبنى ئۇيەينەنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: زۆرۈرىيەت ھېسابلانغان نەرسىلەرنى ئۈمىد قىلىش دۇنيانى ياخشى كۆرۈش ھېسابلانمايدۇ. hedisim.com (سىفاتۇس سەفۋا: 493)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((من أحبَّ دنياهُ أضرَّ بآخرتِه ومن أحبَّ آخرتَه أضرَّ بدنياهُ فآثروا ما يبقى على ما يفنى)) «كىم دۇنيانى ياخشى كۆرسە، ئاخىرىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. كىم ئاخىرەتنى ياخشى كۆرسە، دۇنياسىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. سىلەر مەڭگۈلۈك ئاخىرەتنى ۋاقىتلىق دۇنيادىن ئۈستۈن تۇتۇڭلار.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 8313؛ ئىبنى ھەجەر-تەخرىق مىشكات مەسابىھ 5\10؛ مۇسنەد ئەھمەد 19697؛ سەھىھ ھەدىس)
— فۇرقان دەۋەت مەركىزى