بالىلارغا توڭ تېگىپ، ئۇرۇپ-دۈشكەلەپ تۇرۇپ قۇرئان ۋە دىن ئۆگەتكۈچىلەر ھەققىدە
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
قۇرئاننى ۋە شەرئىي ئىلىمنى زورلۇق كۈچ بىلەن، قوپاللىق بىلەن ئۆگەتمەكچى بولۇش — قۇرئانغا ۋە شەرئىي ئىلىمگە قارشى يول تۇتقانلىقتۇر.
ئىسلام شەرىئىتى مۇسۇلمانلارنى باشقىلارغا يۇمشاق، شەپقەتلىك مۇئامىلە قىلىقشقا بۇيرۇيدۇ. توڭلۇقنى، قوپاللىقنى، رەھىمسىزلىكنى ۋە باغرىتاشلىقنى چەكلەيدۇ.
مەدرىسلەردە بالىغا توڭ، قوپال ھالدا دىنىي ئىلىم ئۆگىتىش، ھەتتا بۇنىڭغا قوشۇپ پات-پاتلا بالا ئۇرۇشقا كۆنۈۋېلىش ئىسلامنىڭ تەلىم-تەربىيە مېتىدىغىمۇ، ئىسلامىي ئەخلاق پىرىنسىپىغىمۇ تامامەن زىتتۇر.
مەدرىسلەردە ئۇستازلارنىڭ بالا ئۇرۇشىنىڭ دۇرۇس ياكى ئەمەسلىكى ئىشنىڭ تەپسىلاتىغا باغلىق.
ئەگەر تەلىم مېتودى ئىسلام بۇيرۇغان يۇمشاقلىقنى، كۆيىنىشنى ۋە بالىنىڭ مەقسەت قىلىنغان نىشانغا سۈپەتلىك ھالدا يېتەلىشىنى، بالىنى ئىسلامنىڭ مۇناسىۋەتلىك ساھەسىدە ياخشى ئاساسقا ئىگە قىلىشنى، بالىغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىشنى ئاساس قىلغان بولسا — مانا بۇ «مەدرىس» دېگەن ئىسىمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغان، ئۆلچەملىك ئىلىم مەرىپەت ماكانىدۇ.
بۇ خىل مەدرىستىكى مۇشۇ سۈپەتلەرگە ئىگە ئۇستازمۇ ئىسلامغا ياردەم بەرگۈچى، مۇسۇلمانلارغا خىزمەت قىلغۇچى تۆھپىكار شەخسلەرنىڭ ئەڭ ئاۋانگارتلىرىدىن سانىلىدۇ. بۇ خىل ئۇستازنىڭ ئىزچىل ئويۇن قېپىلىق قىلىپ، دائىملا تۈزۈمگە بويسۇنماسلىق، دەرس ئۆگەنمەسلىك، ئىلىم-مەرىپەت خوش ياقماسلىق يولىنى تۇتقان بالىنى — ئۇ بالىنىڭ جىسمىغا زىيان يەتمىگۈدەك، پسخىكىسى بۇزۇلمىغۇدەك، باشقىلارنىڭ ئالدىدا شەرمەندە قىلىنمىغۇدەك دەرىجىدە كىچىك چىۋىق قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن، بالىنىڭ ئىسلاھ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ ئاندا-ساندا ئەدەپلەش يۈزىسىدىن ئانچە ئاغرىتمىغۇدەك دەرىجىدە يەڭگىل ئۇرۇپ قويسا بۇ دۇرۇس بولىدۇ. ئىسلام ئۆلىمالىرىدىن بۇنى دۇرۇس ئەمەس دەيدىغان ئۆلىما تېپىلمايدۇ. بۇ خىل شەكىلدىكى ئۇرۇش، يەنى كۆيىنىشنى ئاساس، ئەدەپلەشنى قوشۇمچە قىلغان، بالىنى مەيلى تەن مەيلى مەنىۋىيەت جەھەتتە زەخمىلىمەيدىغان، دائىم ئەمەس ئاندان ساندا بولغان يەڭگىل ئۇرۇش بالىلغا پايدا قىلىدىغان، گېزى كەلسە ئاللاھ ئەجر بېرىدىغان ھېكمەتلىك ئۇرۇشتۇر.
ئەمما، بالىنى گېپىنى ئاڭلىمىغانلىق سەۋەبلىك ھە دېسىلا ئۆچ ئېلىش، شەرمەندە قىلىش يۈزىسىدىن ئۇرۇش؛ ھە دېسىلا توڭ تېگىپ بالىنىڭ قەلبىنى رەنجىتىش؛ بالىنى قورقۇتۇپ تۇرۇپ ئۆگىتىش — مانا بۇ ئىسلامغا تامامەن زىت؛ بالا ئۆگەنمىسەم ئۇستازدىن تاياق يەيمەن دېگەن قورقۇنچ ئىچىدە زورلاپ ئۆگەنگەن تەقدىردە، بۇنداق بالىدىن ئاقىۋەتتە ياخشى نەتىجە چىقمايدۇ.
ئىنسان دېگەن ھېسسىي مەخلۇق بولۇپ، ئەڭ رەھىمسىز قاتىلمۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشىنى كۈتىدۇ. باشقىسىغا توختىماي ئازار بېرىدىغان ئەڭ زالىم شەپقەسىز بىرىمۇ ھېچكىمنىڭ ئۆزىگە ئازار بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىغۇبار كىچىك بالا كىشىلەردىن تېخىمۇ بەك مېھىر مۇھەببەت كۈتىدۇ. بالا ئۆزىگە يۇمشاق سىلىق مۇئامىلە قىلغان ئۇستازنى بارا-بارا ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ئاقىۋەتتە ئۇ ئۇستاز ئۆگىتىۋاتقان دىنىي ئىلىمنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. نەتىجىدە، ئىسلام شەرىئىتىنى ئىچىدىن ياخشى كۆرىدىغان ئەۋلاد يېتىشىپ چىقىدۇ. ئىسلامىي مائارىپتىن مەقسەت دەل مۇشۇ تىپتىكى ئىسلام شەرىئىتىنى ئىچىدىن ياخشى كۆرىدىغان پەرزەنتلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىرىش. دىنىي ئىلىم ئۆگەنگەن كىشى ئىسلام شەرىئىتىنى ئىچ ئىچىدىن ياخشى كۆرگەندە ئاندىن بۇ دىنغا ھەقىقىي خالىس خىزمەت قىلالايدۇ.
ھەدېسىلا ئۇستازى تەرىپىدىن دۈشكەنلىنىپ، ھاقارەتكە ئۇچراپ، ھەتتا تاياق توقماق يەپ تۇرۇپ دىنىي دەرس ئوقۇغان ئوقۇغۇچى بىر نەچچە ھەپتىدىلا ياكى بىر نەچچە ئايدىلا ھەم بۇنداق لاياقەتسىز ئوقۇتقۇچىغا ئىچ ئىچىدىن ئۆچ بولۇپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قالماي ئۇ ئۆگىتىۋاتقان مەيلى قۇرئان، مەيلى باشقا دىنىي دەرسكىمۇ بارغانچە ئۆچ بولۇپ كېتىدۇ. كىچىك بالىنىڭ ھېسسىياتىنى زەخمىلەندۈرۈپ، پسخولوگىيىسىنى ۋەيران قىلىپ، جىسمىنىڭ ۋايجىنىنى چىقىرىپ تۇرۇپ دىنىي دەرس ئۆتۈش — پەقەت ئىككىلا مەخلۇقنى، يەنى شەيتاننى ۋە شەيتانلاشقان بۇنداق ئۇستازنىلا خوش قىلىپ، ئۇنىڭدىن باشقا جىمىي ئىنسانلارنى، ئەڭ مۇھىمى ئاللاھنى ۋە پەرىشتىلەرنى غەزەپلەندۈرىدىغان شەيتانىي تەربىيە مېتىدودۇر. بۇنداق بالا ئىسلام، قۇرئان، شەرئىي ئىلىم دېگەن ئۇقۇملارنى تىل-دەشنام، قورقۇتۇش، رەنجىتىش، ئۇرۇپ-دۇمبالاش قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. نەتىجىدە، ئىسلامدىن ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ھالدا سوۋۇشقا، ھەتتا ئەڭ ئەشەددىي دەرىجىدە ئۆچ بولۇشقا باشلايدۇ. بۇنداق ئۇستازدا — يەنى مېھىر-شەپقىتى يوق قوپال، توڭ، تاياقچى ئۇستازدا تەربىيلەنگەن بالىلارنىڭ ئاللاھ ساقلاپ قالغان ئىنتايىن ئاز قىسىمىدىن باشقا بارچىسى دىننى ئىچ ئىچىدىن ياخشى كۆرەلمەيدۇ. ھەتتا ئۇستازىدىن ئۆتە شەپقەتسىز، شەيتاندىن ئۆتە سەركەش، ھايۋاندىن ئۆتە ئەدەپسىز دىنىي تالىپ بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ، كېيىن داموللاممۇ بولىدۇ. ئىسلامنى بۇنداق داموللاملار تەربىيىلىگەن بالىلار ساپلا دىنغا مەنپەئەت بەرمەي دىندىن مەنپەئەت ئالىدىغان، دىن ئارقىلىق جان باقىدىغان بىر توپ جانباقتى ئادىمىي شەيتاندىن باشقىسى بولالمايدۇ.
كۆڭلىدە ئىنسانىي مېھىرش شەپقەت بولمىغان، بالىلارغا ۋە ئۆگەنگۈچىگە كۆيىنىش ۋە ئىززەت ئىكرام كۆرسىتىشتەك نەبەۋىي مائارىپ مېتودىدىن مەھرۇم بولغان ئاتالمىش ئۇستازلار دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە مەۋجۇت بولۇپ، بۇنداق لاياقەتسىز ئۇستازلار ھە دېسە بالا ئۇرۇپ دۆشكەلەيدۇ. بۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ بالىلىرى ئالدىدىكى ئەڭ زىيانلىق توسالغۇدۇر.
ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:
وَأَمَّا السَّائِلَ فَلَا تَنْهَرْ
سورىغۇچىغا (يامان سۆز بىلەن1) ئازار بەرمە.
(يەنى ئاللاھنىڭ ئاجىز بەندىلىرىگە قوپالللىق قىلىدىغان، مۇتەكەببىر كىشىلەردىن بولما.2)
ئىمام بەغەۋى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: ھەسەن بەسرى «سورىغۇچى» نى شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىش يولىدا سەندىن شەرىئەت ھەققىدە سورىغان كىشى، دەپ تەپسىرلىگەن.3
يەنى سەندىن قۇرئان قاتارلىق دىنىي ئىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن ئالدىڭغا كەلگەن، ياكى سەندىن پەتىۋا سوراش ئۈچۈن كەلگەن كىشىگە قوپاللىق، توڭلۇق بىلەن مۇئامىلە قىلماستىن، دەل ئەكسىچە، يۇمشاق، سىپايە مۇئامىلىدە بول. يۇقىرىقىسى بىر بۆلۈك سەلەپ، خەلەپ مەشھۇر مۇپەسسىرلەر بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە بايان قىلغان ۋە ئايەتنىڭ تەپىسىرىگە مۇناسىپ كۆرگەن مەنادۇر.
[1.3.بەغەۋى 2.ئىبنى كەسىر]
ئاللاھ قۇرئاندا يەنە مۇنداق دېگەن:
فَبِمَا رَحْمَةٍ مِّنَ اللَّهِ لِنتَ لَهُمْ ۖ وَلَوْ كُنتَ فَظًّا غَلِيظَ الْقَلْبِ لَانفَضُّوا مِنْ حَوْلِكَ
(ئى پەيغەمبىرىم مۇھەممەد!) ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا (يەنى ساھابىلىرىڭگە) مۇلايىم بولدۇڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى. — سۈرە ئالى ئىمران 159- ئايەت
ئاللاھ بۇ ئايەتتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرىگە بولغان يۇمشاقلىقىنى، مۇلايىملىقىنى ۋە مېھرىبانلىقىنى ماختىغان. ئايەت مۇسۇلمانلارنى باشقىلارغا يۇمشاق، مېھرىبان بولۇشقا تەشەببۇس قىلماقتا.
شۇنداقلا ئاللاھ بۇ ئايەتتە مۇسۇلمانلارغا مۇلايىم، يۇمشاق، مېھرىبان بولۇشنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى دەپ ئېنىق بايان قىلدى. توڭ، قوپال، تاياقچى بولۇش بولسا ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ زىتىدۇر. قوپال، توڭ ۋە تاياقچى ئوقۇتقۇچى ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ سىرتىدىدۇر.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نورمال ھاياتتا مۇلايىم بولۇپلا قالماي، ئاللاھنىڭ ئۆيىنى، يەنى مەسجىدنى بۇلغىغان كىشىگىمۇ مۇلايىم بولغان.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ بىلەن مەسجىدتە ئولتۇراتتۇق، چۆلدە ياشايدىغان كىشىلەردىن بىرى مەسجىدكە كىرىپ كەلدى-دە، ئۆرە تۇرغان پېتى سىيىشكە باشلىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرى «توختا، توختا» دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ «ئۇنىڭغا دەخلى قىلماڭلار، ئىشىنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويماڭلار» دېدى. ساھابىلەر تاكى بۇ چۆلدە ياشايدىغان كىشى ھاجىتىنى راۋا قىلىپ بولغانغا قەدەر ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلمىدى. ئۇ ئىشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنى چاقىرىپ مۇنداق دېدى:«مەسجىدلەردە كىچىك تەرەت قىلىش ۋە باشقا شەكىلدە مەسجىدلەرنى مەينەت قىلىش توغرا ئەمەس. مەسجىدلەر پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھنى زىكىر قىلىش، ناماز ئوقۇش ۋە قۇرئان ئوقۇش ئۈچۈن ئىنشا قىلىنغان.» رەسۇلۇللاھ ساھابىلىرىگە مۇنداق دېدى:«سىلەر پەقەتلا ئاسانلاشتۇرغۇچى قىلىنىپ ئەۋەتىلدىڭلار، تەسلەشتۈرۈگۈچى قىلىنمىدىڭلار. ئۇنىڭ كىچىك تەرىتىنىڭ ئۈستىگە بىر چېلەك سۇ تۆكۈڭلار.»
بۇنىڭ بىلەن چۆلدە ياشايدىغان كىشى «ئى ئاللاھ! ماڭا ۋە مۇھەممەتكە رەھىم-شەپقەت قىلغىن. ئىككىمىزدىن باشقا ھېچكىمگە رەھىم-شەپقەت قىلمىغىن» دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا «سەن تولىمۇ كەڭرى بولغان ئىشنى بەكلا تارايتىۋەتتىڭ» دېدى. (بۇخارى ۋە مۇسلىم)
مەسجىدكە سىيگەن كىشىگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇشۇنچىلىك مېھرىبانلىق قىلىدۇيۇ، مەسجىدكە-مەدرىسكە ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇش ياكى ئۆگىنىش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن كەلگەن ياش سەبىي بالىلارغا مەسجىدكە سىيگەن كىشىگە كۆرسەتكەن مۇئامىلىسىنىڭ يۈزدىن بىرىنى كۆرسىتىەلمەيدىغان توڭ ۋە شەپقەتسىز كىشىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە زىت ئىش قىلىۋاتقانلار بولماي نېمە؟؟؟
مۇلايىملىق ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولۇپ، ئاللاھ بەندىنى ئۇنىڭغا بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ توڭلۇقنى، قوپاللىقنى چەكلىگەن بولۇپ، توڭلۇق ۋە قوپاللىقنى ئاللاھ چەكلىگەن.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((إذا أراد الله بأهل بيت خيرا أدخل عليهم الرفق))«ئاللاھ تائالا بىر ئائىلىگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇ ئائىلىنىڭ كىشىلىرىنى مۇلايىم قىلىدۇ.» hedisim.com (ئەلبانى سەھىھ جامىئۇس سەغىر 203؛ سۇيۇتى جامىئۇس سەغىر 393، ھەسەن)
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ما يَحِلُّ لِمُؤْمِنٍ أنْ يَشْتَدَّ إلى أخِيهِ – أوْ قالَ: يَشُدَّ إلى أخِيهِ – بِنَظْرَةٍ تُؤْذِيهِ «بىر مۇسۇلماننىڭ دىنىي قېرىندىشىغا قوپال مۇئامىلە قىلىپ، توڭ تېگىشى ھالال ئەمەس — ۋەياكى دىنىي قېرىندىشىغا ئازار بېرىدىغان شەكىلدە (سۆرۈن تەلەت بىلەن) قارىشى ھالال ئەمەس.» hedisim.com (ئىبنى مۇبارەك: زۇھد 641)
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: عَنْ أنَسِ بْنِ مالِكٍ، عَنِ النَّبِيِّ ﷺ، قالَ: ((يَسِّرُوا ولاَ تُعَسِّرُوا، وبَشِّرُوا، ولاَ تُنَفِّرُوا)) «دىننى كىشىلەرگە ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىڭلار، قىيىنلاشتۇرماڭلار. خۇش بېشارەت بېرىپ جەلىپ قىلىڭلار، نەپرەتلەندۈرۈپ قاچۇرۇۋەتمەڭلار.» hedisim.com (بۇخارى 69)
ئىمام ئىبنى ھەجەر بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن:
«قىيىنلاشتۇرماڭلار»: بۇ سۆز ئەسلىدە «ئاسانلاشتۇرۇڭلار» بۇيرۇقىنىڭ تەقەززاسىسى سۈپىتىدە ئېيتىلغان. ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئەگەر «ئاسانلاشتۇرۇڭلار» دەپلا توختىغان بولسا، بىر قېتىم ئاسانلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە بىر نەچچە قېتىم قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەن كىشىمۇ بۇ بۇيرۇققا رىئايە قىلغان ھېسابلىنىپ قالاتتى. بۇ ۋەجىدىن، پۈتكۈل ئەھۋاللاردا باشقىلارنى قىيىنچىلىققا، مۈشكۈللۈككە سېلىشنى يوق قىلىش ئۈچۈن «ئاسانلاشتۇرۇڭلار» دەپ بولۇپ، ئارقىدىن «قىيىنلاشتۇرماڭلار» دېگەن.
«خۇش بېشارەت بېرىڭلار» — تەلىم-تەربىيەنىڭ بېشىدا قورقۇتۇش، يامان ئاقىۋەت بىلەن خەۋەر بېرىش — قارشى تەرەپنىڭ نەپرەتلىنىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، «خۇش بېشارەت بېرىڭلار»غا قوشۇپ «نەپرەتلەندۈرمەڭلار» دېگەن. بۇ سۆزدىن يېڭى مۇسۇلمان بولغان كىشىنىڭ قەلبىنى ئىسلامغا مايىل قىلىڭ، ئىشنىڭ بېشىدىلا (بىسمىللىسىغىلا) ئۇنىڭغا ئېغىر تەلەپلەرنى قويۇۋالماڭلار» مەنىسىدىدۇر. گۇناھتىن قايتۇرۇشتىمۇ گۇناھكارنىڭ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا يۇمشاق مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەك بولىدۇ. ئوخشاشلا، ئىلىم ئۆگىتىشتىمۇ تەدرىجىيلىككە رىئايە قىلىنىشى كېرەك. چۈنكى، بىر ئىش باشلىنىشىدا ئاسان بولسا، ئىلىم ئۆگىنىشنى باشلىغان كىشى ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ئاقىۋەتتە ئۆزى ئۆگىنىۋاتقان ئىلىمنى ياخشى كۆرۈشى كۆپ ھاللاردا ئاشىدۇ. ئەكسىچە بولسا، ئىشمۇ بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. (فەتھۇل بارى 1\219)
ئىمام نەۋەۋى «ئەتتىبيان» ناملىق ئەسىرىدە بۇ ھەقتە تەپسىلى توختالغان بولۇپ، تەلىم تەربىيە ئىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا مەزكۇر ئەسەردىكى مۇناسىۋەتلىك بابلارنى ئوقۇشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
— فۇرقان دەۋەت مەركىزى