«ئاراڭلاردا ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدىغان بىر جامائەت بولسۇن» ئايىتىنىڭ تەپسىرى

وَلْتَكُن مِّنكُمْ أُمَّةٌ يَدْعُونَ إِلَى الْخَيْرِ وَيَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنكَرِ ۚ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ

104. (ئى مۆمىنلەر!1) ئاراڭلاردا ياخشىلىققا (يەنى ئىسلامغا2) چاقىرىدىغان، مەئرۇفقا (يەنى تەۋھىدكە، سالىھ ئەمەلگە ۋە گۈزەل ئەخلاققا بۇيرۇيدىغان؛ ھەم شەرئىي، ھەم ئەقلىي جەھەتتىن توغرا كۆرلىدىغان ئىشلارغا، ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىشقا3) بۇيرۇيدىغان،  مۇنكەردىن (يەنى شىركتىن، خۇراپاتتىن،  ناچار ئەخلاقتىن توسىدىغان؛ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىسيانكارلىق، ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن4) توسىدىغان بىر جامائەت (يەنى يېتەرلىك ساندا بىر گورۇھ كىشى5) بولسۇن. مانا مۇشۇنداق قىلغۇچىلار نىجاتلىققا (يەنى نېمەتلەر بىلەن تولغان جەننەتكە6) ئېرىشكۈچىلەردۇر. (يەنى ئاخىرەتتە بارچە ئارزۇلىرىغا يېتىپ، ھەر قانداق تۈردىكى قورقۇنچتىن ئەمىن قالغۇچىلاردۇر.7)

104-ئايەت نەقىل مەنبەلىرى: 1.6. تفسير الميسر 2. تفسير البغوي، زاد المسير 2.3.4. زاد المسير 5.7. تفسير السعدي

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «نەپسىم قولىدا بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىسىلەر. بۇنداق بولمايدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۆز دەرگاھىدىن سىلەرگە ئازاب چۈشۈرىدۇ. ئۇ چاغدا، سىلەر ئاللاھقا دۇئا قىلىسىلەر، ئەمما ئاللاھ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلمايدۇ.»  hedisim.com (ئىمام ئەھمەد، ئىبنى ھىببان توپلىغان؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن؛ سەھىھ جامىئۇس سەغىر 7070)

ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «سىلەردىن كىمكى بىر يامانلىقنى كۆرسە، ئۇنى قولى بىلەن توسسۇن. ئەگەر بۇنىڭغا كۈچى يەتمىسە، ئۇنى تىلى بىلەن توسسۇن. ئەگەر بۇنىڭغىمۇ كۈچى يەتمىسە قەلبى بىلەن قارشى تۇرسۇن. يامانلىققا قەلبىدە قارشى تۇرۇش ئىماننىڭ ئەڭ زەئىپ ھالىتىدۇر.» hedisim.com (مۇسلىم 49)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن الناس إذا رأوا المنكر فلم يغيروه أوشك أن يعمهم الله بعقابه)) «ئەگەر كىشىلەر يامانلىقنى كۆرۈپ تۇرۇپ توسمىسا، ئاللاھ پات ئارىدا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايدۇ.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 4338، تىرمىزى 2167، ئىبنى ماجە 4005؛ مۇسنەد ئەھمەد، مۇھەددس ئەھمەد شاكىر سەھىھ دېگەن)

قەيس ئىبنى ئەبۇ ھەزم مۇنداق دېگەن: مەن ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ئىي ئىنسانلار! سىلەر «ئىي ئىمان ئېيتقانلار! ئۆزۈڭلارنى (گۇناھتىن) ساقلاڭلار. سىلەر ھىدايەت ئۈستىدە بولساڭلار، ئازغۇنلاشقان كىشىلەر سىلەرگە زىيان كەلتۈرەلمەيدۇ» دېگەن ئايەتنى ئوقۇماقتىسىلەر. (بۇ ئايەتنى ئەسلا خاتا چۈشىنىۋالماڭلار.) مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:«كىشىلەر بىر يامانلىقنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۆزگەرتمىگەن چېغىدا، ئاللاھنىڭ ئۆز ئازابى بىلەن ئۇلارنى قورشىشى بەكمۇ يېقىندۇر.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد، نەسائىي، تىرمىزى، ئىبنى ماجە، ئەھمەد، ئەبۇ يەئلا؛ ئەلبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 4\88)

ئىمام ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئايەت ۋە ھەدىسلەر شۇنى كۆرسىتىدۇكى، يامانلىقنى كۆرۈپ سۈكۈت قىلغان كىشى گۇناھكار بولىدۇ.» (أن الآيات والأخبار تدل على أن كل مَن رأى منكراً فسكت عنه : عصى) hedisim.com (مۇختەسەر مىنھاج قاسىدىن،124)

ئىبنى ئەتىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىشى يامانلىقتىن توسۇپ، ياخشىلىققا بۇيرۇشقا قادىر بولالىغان ۋە بۇنى قىلىش سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا، باشقىلارنى يامانلىقتىن توسۇپ، ياخشىلىققا بۇيرۇش كىشى ئۈچۈن پەرز بولىدۇ. بۇ ئىجمائقا كېلىنگەن ئىشتۇر. ناۋادا، كىشى يامانلىقتىن توسۇش سەۋەبلىك ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدىغان بولسا، ئۇ ھالدا شۇ يامانلىقنى قەلبىدە ئىنكار قىلىشى، يامانلىققا شېرىك بولۇپ قېلىشتىن قېچىشى ۋە يامانلىقنى قىلغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىن ئايرىلىشى لازىم بولىدۇ.» mujtehid.com (تەپسىر قۇرتۇبى، 6-جىلد، 253)

ئىمام ئىبنى باز: «يامانلىقنى كۆرگەن كىشى ئۈچۈن شۇ يامانلىقنى توسىدىغان باشقا بىرى بولمىغان ۋە ئۇ يامانلىقنى ئىنكار قىلىشقا قۇربى يەتكەن تەقدىردە، ئۇنىڭ ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشى پەرز ئەين بولىدۇ.» (وقد يكون الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر فرضَ عينٍ ، وذلك في حق من يرى المنكر وليس هناك من ينكره وهو قادر على إنكاره) mujtehid.com (ئىمام ئىبنى باز پەتىۋالىرى، 3\212)

ھەسەن بەسرى مۇنداق دېگەن: «ئەگەر باشقىلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇۋاتقان بولساڭ، ئەڭ ئاۋۋال ئۇ ياخشىلىققا ئۆزۈڭ ئەمەل قىل! بولمىسا ھالاك بولىسەك. ئەگەر باشقىلارنى يامان ئىشلاردىن قايتۇرۇۋاتقان بولساڭ، ئەڭ ئاۋۋال ئۇ يامانلىقتىن ئۆزۈڭ قايت، بولمىسا ھالاك بولىسەن.» mujtehid.com (ئىمام ئەھمەد: زۇھد كىتابى 1462)
— فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەييارلىدى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ