ئاللاھنىڭ ياردىمى بىزگە نېمىشقا كېچىكىدۇ
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
قۇرئاننى ئاز ئوقۇدۇق، توردىكى غەيۋەت شىكايەتنى كۆپ ئوقۇدۇق؛
ھەدىسنى ئاز ئوقۇدۇق، چاكىنا ئاپتورلارنىڭ يازغانلىرىنى كۆپ ئوقۇدۇق؛
ناماز ئۈچۈن ئاز تۇردۇق؛ بازار، كوچا-كويلاردا كۆپ تۇردۇق؛
دەرتمەن ۋە ئاجىزلارنى ئاز يوقلىدۇق، بايلارنى ۋە باشلىقلارنى كۆپ يوقلۇدۇق.
ياخشى نامراتلارنى كۆزگە ئىلماي، ناچار بايلارغا تازىم قىلدۇق؛
كۈچلۈكلەر ۋە پۇلدارلار يامان ئىش قىلسا خۇشامەتگۇيلۇق بىلەن ھىجايدۇق؛ ئاجىزلار، يېتىم-يېسىرلار يامان ئىش قىلسا ئاغزىمىزدىن تۈكۈرۈك چاچرىتىپ تۇرۇپ قارغىدۇق.
سالىھ ئەمەللەرگە ئاز ھەۋەس قىلىپ، شەيتاننىڭ يوللىرىغا كۆپ ھەۋەس قىلدۇق؛
ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۆز ۋە خەۋەرلىرىنى ئاز يايدۇق؛ پاسىقلارنىڭ ۋە كاپىرلارنىڭ خەۋەرلىرىنى كۆپ يايدۇق.
ياخشىلىق يوللىرىغا ئاز، ئەرزىمەس يوللارغا كۆپ پۇل-مال سەرپ قىلدۇق.
سالىھلاردىن بولۇشقا تىرىشماي، مەشھۇرلاردىن بولۇشقا تىرىشتۇق؛
فەقىھ بولۇشقا تىرىشماي، باي بولۇشقا تىرىشتۇق.
ئاخىرەت ئۈچۈن ئاز، دۇنيا ئۈچۈن كۆپ تىرىشتۇق.
دۇنياغا ئالدىمىزنى قىلىپ، ئاخىرەتكە ئارقىمىزنى قىلدۇق.
ئاللاھنى زىكرىنى تاشلاپ، ئىنسانلارنىڭ زىكىر قىلىشقا بەنت بولدۇق.
دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق تۇرالغۇ ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ، ئاخىرەتنىڭ مەڭگۈلۈك تۇرالغۇ ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقاردۇق.
نەتىجىدە،
غەملىرىمىز كۆپەيدى، دەردىمىز كۆپەيدى، ئاغرىق ئاداۋىتىمىز كۆپەيدى. چۈشكۈنلىكىمىز بارغانچە ئېشىپ، ئۈمىدۋارلىقىمىز كۈنسېرى ئاجىزلىدى؛ دوستلار ئىچىدە يالغۇز، دۈشمەنلەرنىڭ قورشاۋىدا چارىسىز قالدۇق.
ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بۇيرۇغاننى ئاز قىلدۇق، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى چەكلىگەننى كۆپ قىلدۇق.
ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى ئاز قىلدۇق؛ ئاللاھ يامان كۆرۈپ، غەزەپ قىلىدىغان ئىشلارنى كۆپ قىلدۇق.
نەتىجىدە، بېشىمىزغا بىز يامان كۆرىدىغان ئىشلار كۆپ كەلدى، بىز ياخشى كۆرىدىغان ئاقىۋەتلەر ئاز كەلدى.
بىز سالىھ ئەمەللەرگە، دۇرۇست ئىنسان بولۇشقا، تەقۋادار مۆمىنلەردىن بولۇشقا كېچىكتۇق.
نەتىجىدە،
ئاللاھنىڭ ياردىمى بىزدىن كېچىكتى.
— فۇرقان دەۋەت مەركىزى