بۈگۈنىڭىز مانا مۇنداق ئۆتسۇن
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
بۈگۈن بەش ۋاخ نامىزىڭىزنى ئۆز ۋاقتىدا، قەلبىڭىز نامازغا ھازىر بولغان، ئاللاھنى ئەسلىگەن ھالدا ئوقۇدىڭىزمۇ؟
بۈگۈن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى تەلەپ قىلغاندەك دۇرۇست مۇسۇلمان بولۇشقا غەيرەت قىلىپ ياشىدىڭىزمۇ؟
بۈگۈن بىلگىنىڭىزگە ئەمەل قىلىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئايەتتىن ۋە ھەدىستىن ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە غەيرەت قىلدىڭىزمۇ؟
بۈگۈن مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشتىن، مۇسۇلمانلارغا ھەسەت قىلىشتىن، مۇسۇلمانلار بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن ئۇزاق ھالدا؛ ئۇلارغا ئۆزىڭىزگە تىلىگەن ياخشىلىقنى تىلىگەن، ئۆزىڭىز ئۈچۈن قورققان يامانلىقتىن ئۇلار ئۈچۈنمۇ قورققان ھالدا، پاك قەلب ئىگىسى بولۇپ ياشىيالىدىڭىزمۇ؟
بۈگۈن ئاتا-ئانىڭىزنى، ئايال-بالىلىرىڭىزنى ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرىڭىزنى شەرىئەت بۇيرۇغان ياكى ئۇيغۇن كۆرگەن شەكىلدە، بىرەر جەھەتتىن بولسىمۇ خۇش قىلدىڭىزمۇ؟
بۈگۈن مۇسۇلمانلارغا ماددىي ياكى مەنىۋىي جەھەتتىن، سۆز-تىل ياكى ھەرىكەت ئارقىلىق ئازار بېرىشتىن ئۇزاق تۇرالىدىڭىزمۇ؟
بۈگۈن بىر كىشىنى ياكى بىر توپ كىشىنى يامان ئىشتىن توستىڭىزمۇ؟
بۈگۈن بىرەر يېقىنىڭىزغا، تونۇشىڭىزغا ياكى تۇغقىنىڭىزغا ئاللاھ ۋە رەسۇلى بۇيرۇغان ياكى ياخشى كۆرىدىغان بىرەر ھەقنى تەۋسىيە قىلدىڭىزمۇ؟
بۈگۈن بىرەر مۇسۇلماننىڭ بىرەر ئېغىرچىلىقىنى يەڭگىللەشتۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن ئىقتىساد، كۈچ، ۋاقىت ياكى زېھىن سەرپ قىلدىڭىزمۇ؟
بۈگۈن قۇرئاننىڭ مەنىلىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ۋە تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت-زېھىن سەرپ قىلدىڭىزمۇ؟
بۈگۈن ئارىسىغا سوغۇقچىلىق چۈشۈپ قالغان ئىككى يېقىننى ياراشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتىڭىزمۇ؟
بۈگۈن بىرەر يېتىم بالىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن (مۇكاپاتىنى ئاخىرەتتە ئاللاھتىن كۈتكەن ھالدا) ئۇ يېتىم بالىغا بىرەر ياخشىلىق قىلدىڭىزمۇ؟
بۈگۈن بىرەر ئېغىرچىلىق ئىچىدىكى تۇل ئايالغا ئۇنىڭغا يامان نىيەتتە بولمىغان، يامان سۆز قىلمىغان، ئۇنىڭ بىلەن كۆز ياكى تىل زىناسى قىلمىغان ھالدا، قىيامەت كۈنى سىزگە ساۋاب كېلىدىغان شەكىلدە ياردەم بېرەلىدىڭىزمۇ؟
بۈگۈن بىرەر ئاچنى، تاماققا ياكى ئىچىملىككە ھاجىتى بار دوستىڭىزنى، تونۇشىڭىزنى ياكى يېتىم-يېسىرنى ئاللاھتىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ تويغۇزدىڭىزمۇ؟
بۈگۈن ئايال-بالىلىرىڭىزدىن بۈگۈنىنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكى توغرۇلۇق ھېساب ئالدىڭىزمۇ؟
بۈگۈن ئايال-بالىلىرىڭىزغا ئاز بولسىمۇ بىرەر ياخشىلىقنى تەۋسىيە قىلىپ، ئۇلارنى بىرەر يامانلىقتىن چەكلىدىڭىزمۇ؟
بۈگۈن دىلىڭىزدىكىنى ئاللاھنىڭ بىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۆزىڭىزنى ئاللاھنىڭ كۆرۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى قەتتىي ئېتىقاد قىلغان ئاساستا ئۆزىڭىزدىن ھېساب ئېلىپ، بۈگۈن قىلغان خاتالىرىڭىز ئۈچۈن تەۋبە قىلىپ، ئىستىغفار ئېيتتىڭىزمۇ؟
بۈگۈن كىشىلەرگە تايىنىپ قېلىش، كىشىلەرنىڭ قولىغا قاراپ قېلىشتىن قۇتۇلۇپ، ھەقىقىي ئازاد-ھۆر بولۇپ، ھالال كۈچىڭىز بىلەن ئىشلەپ، ئاز تاپسىڭىزمۇ ھالالدىن تاپالىدىڭىزمۇ؟
بۈگۈن ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بىرەر ئايەتنى، بىرەر ھەدىسنى، بىرەر رەببانىي ئالىمنىڭ ئېسىل ماقالە ياكى پەتىۋاسىنى مۇسۇلمانلارغا يەتكۈزدىڭىزمۇ؟
بۈگۈن ۋاقتىڭىزنى زايە قىلماسلىق ئۈچۈن توردىكى ۋە بازاردىكى ئاللاھ يامان كۆرىدىغان كۆرۈنۈش، ئاۋاز ياكى ئىنسانلاردىن قاچتىڭىزمۇ؟
بۈگۈن ئۆزىڭىز ئىلگىرى زۇلۇم قىلغان بىرەر تۇغقىنىڭىز، بالا-چاقىڭىز، دوستىڭىز ياكى تونۇشىڭىزدىن ئەپۇ سوراپ ياكى ئۆزرە ئېيتىپ، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشقا تىرىشتىڭىزمۇ؟
بۈگۈن ئاللاھ تەلەپ قىلغاندەك دۇرۇس ئىنسان بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتىڭىزمۇ؟
بۈگۈن دىنىي بىلىمىڭىزنى كۈچەيتىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن بىرەر ياخشى كىتابتىن ئوقۇدىڭىزمۇ؟
بۈگۈن قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭىزنى ئاللاھنىڭ قوبۇل قىلماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئاللاھقا تۆۋەنچىلىك بىلەن دۇئا قىلدىڭىزمۇ؟
بۈگۈن ئاللاھقا ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلىپ ئۆزىڭىزگە كۈچلۈك ھىدايەت بېرىشىنى، قەلبىڭىزگە تەقۋانى سېلىپ، ئەمەللىرىڭىزنى ئۆزى رازى بولىدىغان شەكىلدە ئىسلاھ قىلىپ بېرىشنى ئاللاھتىن سورىدىڭىزمۇ؟
بۇلاردىن كۆپىنى ياكى ھەممىسىنى قىلغان بولسىڭىز، بۈگۈنىڭىز ناھايىتى مۇكەممەل ئۆتتى دېگەنلىكتۇر.
بۇلاردىن بىر تۈركۈمىنى قىلغان بولسىڭىز، ئاللاھ سىزنى تاشلىۋەتمىدى دېگەنلىكتۇر.
بۇلارنى كۆپىنى قىلمىغان بولسىڭىز ئاللاھتىن يىراقلىشىش يولىدا كېتىۋاتسىز دېگەنلىكتۇر.
بۇلاردىن ھېچبىرىنى قىلمىغان بولسىڭىز، ئۇ ھالدا دەرھال ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ، ئاللاھقا قايتىپ، ئاللاھتىن مەغفىرەت سورىغايسىز ۋە ئەتىڭىزنى ئاللاھ رازى بولىدىغان شەكىلدە پىلانلاپ، پىلانىڭىزغا ئەمەل قىلىشقا تىرىشقايسىز.
ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: دۇنيا ئۈچ كۈندىن ئىبارەتتۇر. تۆنۈگۈن — ئىچىدىكى ھەممە نەرسىسى بىلەن كېتىپ قالدى. ئەتە — بەلكىم سەن ئۇنىڭغا ئۇلىشالماسلىقىڭ مۇمكىن. بۈگۈن — سەن ئۈچۈندۇر. ئۇنداقتا، بۈگۈنىڭدە سالىھ ئەمەل قىلىشقا تىرىش. mujtehid.com (بەيھەقى: زۇھد ئەلكەبىر 477)
— فۇرقان دەۋەت مەركىزى