چاكىنا ئىنسانلار بىلەن ئارىلاشقۇچى تارتىدىغان ئېغىر زىيان

بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم

چاكىنا ئىنسانلار بىلەن ئارىلىشىش ئۇلارنىڭ ناچارلىقلىرىنى سىزگە يۇقتۇرۇپ قالماي، سىزدىكى بىر تۈركۈم ياخشى ئىللەتلەرنىڭمۇ يوق بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
سىز بۇرۇن بەك ئاقكۆڭۈل، ئوچۇق سۆزلۈك، كەمتەر، ھەر ئادەمگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدىغان بىرى ئىدىڭىز.
بىر قاتار چاكىنا ئىنسانلار بىلەن بىر مەزگىل ئارىلاشقاندىن كېيىن سىزنىڭ بۇ خىل ئاقكۆڭۈل ۋە سەمىمىيەتنىڭ ئۆزىڭىزگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى قايتا قايتا ھېس قىلىپ، ئاقىۋەتتە ئىنسانلارغا ئۇ قەدەر سەمىمىي، ئاقكۆڭۈل، كەمتەر مۇئامىلە قىلماس بولۇپ قالدىڭىز.
مانا بۇ ئىنتايىن چوڭ زىيان. ناچار ئادەملەر بىلەن ئارىلىشىشتىن كېلىپ چىققان زىيان. شۇڭا، چاكىنا ئادەملەردىن ئۇزاق تۇرۇش لازىم. يالغۇز ياشىسىڭىز ياشاڭكى، ھاياتىڭىزغا بىرمۇ چاكىنا ئادەمنى داخىل قىلماڭ، ئۇلار بىلەن سورۇنداش، ئۈلپەتداش بولماڭ. قاتتىق ئېغىر زىيان تارتىسىز. ئۇلار بىلەن يىللاپ ئارىلاشقاندىن كېيىن، ئۆزىڭىزنى قايتا تارازىغا سېلىپ كۆرسىڭىز، بارغانچە ئۆزىڭىز يىللار ئاۋۋال ناھايىتى يامان كۆرىدىغان مىجەز خاراكتېرلارنىڭ بىر قىسىمىنىڭ، ھەتتا كۆپ قىسىمىنىڭ ھازىر ئۆزىڭىزدە بار بولۇپ قالغىنىنى ھېس قىلىسىز.
ئىلگىرىكى سەمىمىيلىككە، ئاقكۆڭۈللۈككە قايتىڭ.
يامان، چاكىنا ئادەملەر بىلەن ئارىلىشىش ئۈچۈن سەمىمىيلىكنى، كەمتەرلىكنى تاشلاشنىڭ ئورنىغا؛ يامان ئادەملەر بىلەن ئارىلىشىشنى تاشلاش ئارقىلىق، ئىلگىرىكى سەمىمىيلىكىڭىزنى، كەمتەرلىكىڭىزنى ۋە باشقا پەزىلىتىڭىزنى تۇتۇپ قېلىڭ. مانا بۇ ھەقىقىي ئاقىل كىشىنىڭ يولىدۇر.
— فۇرقان دەۋەت مەركىزى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ