بەخىتلىك ھاياتنىڭ بىر مۇھىم پىرىنسىپى
كىشىلەرگە مەقسەتسىز ياخشىلىق قىلىڭ. ئەمما، كىشىلەرنىڭ سىزنى ياخشى دېيىشىنى، سىزگە ياخشى باھا بېرىشىنى كۈتمەڭ. قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەرگە قاراڭ، ئۇلار بىرەر چوڭ پادىشاھنىڭ ياكى دۇنياۋى باينىڭ؛ ۋەياكى دۇنيادىكى ھەممە كىشىنىڭ ئۆزىنى ياخشى دېيىشىنى كۈتەمدۇ؟
دۇنيا ئەھلىنىڭ ئۇنى ياخشى دېيىشىنىڭ قەبرىدىكى ئۆلۈك ئۈچۈن ھېچبىر ئەھمىيىتى يوقتۇر.
ئۆلۈكلەردىن ئىبرەت ئالمايدىغان تىرىك — تىرىكلەر ئارىسىدا مېڭىپ يۈرگەن ئۆلۈكتۇر.
كىشىنىڭ ئاللاھتىن باشقىسىغا قۇل بولمىغان ھۆر ئىنسان ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتى — باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قانداق قارايدىغانلىقىغا پەرۋا قىلماسلىقتۇر.
شۇنىسى ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، پەيغەمبەرلەر ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئۈستۈنى، مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ ياخشىسى تۇرۇپ، سانسىزلىغان ئەقىلسىزلار تەرىپىدىن ئەڭ يامان سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن. سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ساراڭ، ئەقىلسىز، دىنسىز … دېگەندەك يامان سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن. لېكىن، پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى دەرىجىسى تاكى قىيامەت كۈنىگە قەدەر كۈنسېرى ئۆرلەپ ماڭىدۇ. بۇنداق ئۇلۇغ پەيغەمبەرگە يامان باھالارنى بەرگەن ئىنسانلار بولغان ئىكەن، سىزنى يامان دەيدىغان ئىنسانلارنىڭ بولۇشى تەبئىي ئەھۋال.
تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى، كاپىرلار، مۇشرىكلار ۋە بىدئەتچىلەر ئاللاھنى ئاللاھقا لايىق بولمىغان تۈرلۈك يامان سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەشتىن بىر كۈنمۇ توختاپ قالغىنى يوق. بىردىنبىر ئۇلۇغ ئىلاھقا قارىلار چاپلىنىپ، يامان سۈپەتلەر تېڭىلغان ئىكەن، ئۇ ھالدا سىز يەنە كىملەردىن ماختاش كۈتىسىز، يەنە كىملەرنىڭ ئۆزىڭىزنى ياخشى دېيىشىنى تاما قىلىسىز؟ ئەقلىڭىزنى تېپىڭ.
دۇرۇست، مۇۋەھھىد ئىنسان بولۇڭ، ئەمما ئىنسانلارنىڭ ماختاش ياكى تىللاشلىرىغا ئەسلا پەرۋا قىلماڭ. مانا بۇ بەختلىك ھاياتنىڭ پرىنسىپلىرىدىن بىرىدۇر. — فۇرقان دەۋەت مەركىزى