تاغدەك ساۋاپلىرىنى باشقىلارغا تارتۇققا بېرىدىغان ئەقىلسىز كىشى

بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم

دۇنيادا يامان مۇئامىلىگە ئۇچرىغۇچى مۇسۇلمان قىيامەت كۈنى ئۆزىگە يامان مۇئامىلە قىلغۇچى مۇسۇلماننى ئاللاھقا شىكايەت قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقسىز تەرەپتىن ھەقلىق تەرەپنىڭ ھەققىنى ئېلىپ بېرىدۇ. كېلىنلەر، قېينىئانىلار، دوستلار، تۇغقانلار ھەر قانچان مۇشۇنى ئۇنۇتمايلى. باشقىلارغا ناچار مۇئامىلە قىلىش، گەپتە چېقىۋېلىش؛ چۈشۈرۈشكە، كەمسىتىشكە، قىلغان ئىشىدىن قۇسۇر ئىزدەشكە تىرىشىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ ئۆچ كۆرىدىغان ھارام قىلمىشلاردۇر. بۇ خىل خاراكتېرگە ئىگە كىشى ئىسلام شەرىئىتىدە — ناچار ئەخلاقلىق كىشى دەپ قارىلىدۇ. ناچار ئەخلاقلىق كىشى قىيامەت كۈنى ئۆزى سۆز، قاش-كۆز ۋە ئىش-ھەرىكىتى ئارقىلىق قەلبىنى رەنجىتكەن، ئازار بەرگەن ئىنسانلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىپ بولالماي، بارچە ياخشىلىقلىرى قەرز تۆلەشكە كېتىپ، ئاقىۋەتتە ياخشىلىق تارازىسى يامانلىق تارزىسىدىن يەڭگىل كېلىپ قېلىپ دوزاخقا ھۆكۈم قىلىنىپ كېتىدۇ. دوزاختىن راستتىنلا قورقسىڭىز ئەخلاقىڭىزنى ياخشىلاڭ. بالا-چاقىلارغا، كىشىلەرگە، قوشنىلارغا، دوستلارغا، تونۇشلارغا، قۇدا-باجا، كېلىن-قېينانىلارغا سۆز ۋە ھەرىكەت ئارقىلىق ئازار بېرىشتىن ھەر قاچان ئۇزاق تۇرۇڭ. ئەگەر مۇشۇنداق قىلىپ قالغان بولسىڭىز، بۇ خىل گۇناھلىرىڭىزغا چىن تەۋبە قىلىپ، قىلمىشىڭىزغا ئېغىر پۇشمان بولۇپ، ئاللاھتىن مەغفىرەت سوراپ، ئىككىنچى بۇنداق ئەخلاقسىزلىق، ناچارلىق قىلماسلىققا بەل باغلاڭ. ئۆزىڭىز ئازار بەرگەن كىشىلەردىن ئەپۇ سوراش، پۇل-مال، سوۋغا-سالام، مېھمان قىلىش ئارقىلىق قارشى تەرەپتىن رازىلىق ئېلىشقا تىرىشىڭ. ئاللاھ باشقىلارغا ئازار بەرگۈچىلەرنى؛ سۆز، ھەرىكەت يامانلىق قىلغۇچىلارنى ئۆچ كۆرىدۇ؛ كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلغۇچى مۆمىنلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. ئاللاھ ئۆچ كۆرىدىغان ئەمەس، ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بولۇشقا تىرىشىڭ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن (مەرفۇ ھالدا) رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، مۇفلىسنىڭ (ۋەيران بولغان كىشىنىڭ) كىملىكىنى بىلەمسىلەر؟ دەپ سورىدى. ئۇلار: بىزدە ۋەيران بولغان كىشى دېگەن، بىرەر تالمۇ دەرھىمى (پۇل بىرلىكى نامى) ياكى مال-ماتاسى يوق ئادەمدۇر، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مېنىڭ ئۈممىتىم ئىچىدىن ۋەيران بولغان كىشى (يەنى مۇفلىس) دېگەن: قىيامەت كۈنى ناماز، روزا ۋە زاكاتلار بىلەن كېلىدۇ- يۇ، ئەمما بۇنى تىللىغان، ئۇنىڭغا بۆھتان چاپلىغان، بىرىنىڭ مال- مۈلكىنى يەۋالغان، بىرىنىڭ قېنىنى تۆككەن ۋە يەنە بىرىنى ئۇرغان ھالەتتە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭغا بۇ ئادەمنىڭ ساۋاپلىرىدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ئۈستىدىكى جىنايەتنى تۆلەپ بولغىچە ساۋاپلىرى تۈگەپ قالسا، ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىدىن ئېلىپ بۇنىڭغا ئارتىلىدۇ. ئاندىن (گۇناھى ياخشىلىقلىرىدىن كۆپ بولۇپ كېتىپ، يامان قىلمىشلىرى قويۇلغان تارازىسى ياخشى قىلمىشلىرى قويۇلغان تارازىسىنى بېسىپ كېتىدۇ، نەتىجىدە) دوزاخقا تاشلىنىدۇ. [ئىمام مۇسلىم»سەھىھ مۇسلىم»ناملىق ئەسىرىدە نەقىل قىلغان]
—فۇرقان دەۋەت مەركىزى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ