سەپەردە جۈمە نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىنى جۈپلەپ ئوقۇش دۇرۇسمۇ؟
ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان بۇ ھەقتىكى سوئالغا مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:
جۈمە نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىنى جۈپلەپ ئوقۇشقا بولمايدۇ، بۇنداق قىلىشنىڭ يوللۇقلىقىغا شەرئىي دەلىل يوق. سەلەف سالىھىننىڭ جۈمە نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىنى جۈپلەپ ئوقۇغانلىقى توغرىسىدا نەقىل مەۋجۇت ئەمەس.
ئەسىر نامىزى تۈر جەھەتتە جۈمە نامىزى بىلەن ئوخشىمايدۇ. ئەسىر نامىزى (سەپەر پەيتىدە ياكى كۈچلۈك ئېھتىياج ھالىتىدە) پېشىن نامىزى بىلەن جۈپلەپ ئوقۇلىدۇ (جۈمە نامىزى بىلەن ئەمەس).
جۈمە نامىزىنى ئەسىر نامىزى بىلەن جۈپلەپ ئوقۇشقا بولمايدۇ.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى