رۇكۇدىن تۇرغاندا ئىككى قولنى كۆكرەك ئۈستىدە تۇتۇش بىدئەتمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى

سوئال: پەزىلەتلىك شەيخ! رۇكۇدىن تۇرغاندا ئىككى قولنى كۆكرەك ئۈستىدە تۇتۇش بىدئەتمۇ؟  مەن بىر كىتابتا بۇنداق قىلىشنى بىدئەت دەپ ئوقۇدۇم.

ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ بۇ سوئالغا مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:

نامازدىكى ئۆرە تۇرۇش ھالىتىدە — مەيلى بۇ ھالەت رۇكۇدىن بۇرۇنقى ئۆرە تۇرۇش ھالىتى بولسۇن مەيلى ئۇنىڭدىن كېيىن بولسۇن — ئىككى قولنى كۆكرەك ئۈستىدە تۇتۇش رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن سابىت بولغان سۈننەتتۇر. بۇنى بىدئەت دېگۈچى  ئۆزى بىدئەتچىدۇر. [سالىھ فەۋزان: هل وضع اليدين على الصدر بعد الرفع من الركوع بدعة] — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى mujtehid.com

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ