ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
كىشى مال بوغۇزلايدىغاندا ئۇنتۇپ قېلىپ ياكى بىلمىگەنلىكتىن «بىسمىللاھىرراھمانىررەھىم» دېمەي، ياكى «بىسمىللاھ» دېمەستىن ئۇ مالنى بوغۇزلىسا، بۇنداق مالنىڭ گۆشى ھالال. ئەمما، مال بوغۇزلايدىغاندا بىلىپ تۇرۇقلۇق ئاللاھنىڭ ئىسمىنى يۇقىرىقىدەك شەكىلدە زىكىر قىلىشنى قەستەن تەرك ئەتسە، ئۆلىمالارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەڭ توغرا قارىشىغا بىنائەن، بۇنداق مالنىڭ گۆشى ھارام بولىدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مال بوغۇزلايدىغاندا ياكى ئوۋ ئوۋلايدىغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىشقا بۇيرۇغان. [ئىمام ئىبنى باز: حكم أكل الذبيحة التي لم يذكر اسم الله عليها]
— مۇجتەھىد پەتىۋا تور تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com