چاشگاھ نامىزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى
چاشگاھ نامىزىنىڭ ۋاقتى كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەندىن باشلىنىپ، چىڭقى چۈشكىچە داۋاملىشىدۇ. ئىككى رەكئەتتىن ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇلىدۇ. چاشگاھ نامىزى ئەڭ ئاز ئىككى رەكئەت، ئەڭ كۆپ سەككىز رەكئەت ئوقۇلىدۇ. ھەر ئىككى رەكئەتنىڭ ئارىسى سالام بىلەن ئايرىلىدۇ. سەھىھ ھەدىستە كەلگىنىدەك، چاشگاھ نامىزىنى چىڭقى چۈشكە تارتىپ، كېچىكتۈرۈپ ئوقۇش تېخىمۇ ئەۋزەل بولىدۇ. [ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان: متى يبدأ وقت صلاة الضحى ومتى ينتهي وكم عدد ركعاتها] — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى