جۈمە كۈنى سۈرە كەئفنى تىلاۋەت قىلىش ھەققىدىكى ھەدىسلەر سەھىھمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى
ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتىكى سوئالغا مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
جۈمە كۈنى سۈرە كەئفنى قىرائەت قىلىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى زەئىپ. لېكىن بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەر بىر-بىرىنى كۈچلەندۈرىدۇ. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەر جۈمە كۈنى سۈرە كەئفنى تىلاۋەت قىلغانلىقى سابىتتۇر. كىشى بۇنىڭ ئۈچۈن ئەجرگە ئېرىشىدۇ. جۈمە كۈنى سۈرە كەئفنى تىلاۋەت قىلىش مۇستەھەب. [ئىمام ئىبنى باز: فضل قراءة سورة الكهف يوم الجمعة]
زامانىمىزنىڭ ئەڭ پېشقەدەم ۋە مۆتىۋەر مۇھەددىسى ئابدۇلمۇھسىن ئابباد ھافىزەھۇللاھ ئىمام ئىبنى بازنى «مۇھەددىس، فەقىھ، شەيخۇل ئىسلام» دەپ تەرىپلىگەن. بىر مۆتىۋەر مۇھەددىس باشقا بىر ئالىمنى ئەگەر ئۇ ئالىمدا مۇھەددىسلىك شەرتلىرى تېپىلمىسا، ئەسلا «مۇھەددىس» دەپ سۈپەتلىمەيدۇ. (مەنبە ئۈچۈن چېكىڭ)
جۈمە كۈنى سۈرە كەئفنى قىرائەت قىلغۇچى جۈمە كۈنى كۈن چىققاندىن باشلاپ كۈن ئولتۇرغۇچە بولغان ئارىلىقنىڭ قايسى بىرىدە ئوقۇسا، بۇنىڭ ئۈچۈن ساۋاپقا ئېرىشىدۇ. [ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن: وقت قراءة سورة الكهف _ يوم الجمعه – ابن عثيمين]