قۇرئان ئوقۇپ ساۋابىنى ئۆلۈككە ئاتاش دۇرۇسمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى
ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ بۇ سوئالغا مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
ساۋابى مېيىتقا يېتىپ بېرىشى ئۈچۈن قۇرئان تىلاۋەت قىلىش توغرىسىدا سەھىھ دەلىل مەۋجۇت ئەمەس. بۇنداق قىلىش شەرىئەتتە يوق. (رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ بۇنداق قىلغانلىقى توغرۇلۇق ھېچقانداق دەلىل يوق. بىز رەسۇلۇللاھقا ۋە ساھابىلەرگە ئەگىشىشكە بۇيرۇلغانمىز. ئۇلارنىڭ يولىدىن چەك ئايرىپ بىدئەت چىقىرىشتىن چەكلەنگەنمىز.) لېكىن، مېيىت ئۈچۈن دۇئا قىلىش، مېيىت ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغفىرەت سوراش، مېيىت ئۈچۈن پۇل-مال سەدىقە قىلىش، مېيىت ئۈچۈن ھەج ۋە ئۆمرە قىلىش دۇرۇس. لېكىن، مېيىت ئۈچۈن قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنىڭ شەرئىي دەلىلى يوق. قۇرئان تىلاۋەت قىلىش بەدەننىڭ ئەمىلى بولۇپ، قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىشنىڭ ساۋابىىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلغۇچىدىن باشقىسىغا يېتىپ بارىدىغانلىقى توغرىسىدا دەلىل مەۋجۇت ئەمەس. [ئەللامە سالىھ فەۋزان: حكم إهداء ثواب قراءة القران للميت] — مۇجتەھىد تورى mujtehid.com