ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
سۈننەت ھەققىدە يامان سۆز قىلغۇچى ئىسلام ھەققىدە يامان سۆز قىلغۇچىدۇر. ئىسلام ھەققىدە يامان سۆز قىلىش قۇرئان ھەققىدە يامان سۆز قىلغۇچىدۇر. سۈننەت ھەققىدە يامان سۆز قىلغۇچى قۇرئان ھەققىدە يامان سۆز قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، قۇرئان بىزنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىگە ئېسىلىشقا بۇيرۇيدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قۇرئاننى چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن. {لِتُبَيِّنَ لِلنَّاسِ مَا نُزِّلَ إِلَيْهِمْ} [النحل: 44] وَمَا آتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانْتَهُوا} [الحشر: 7] وقال سبحانه: {لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ} [الأحزاب: 21] قۇرئان رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشكە بۇيرۇيدۇ. سۈننەت قۇرئاننى تەپسىرلەيدۇ، قۇرئاننىڭ ھۆكۈملىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىپ بېرىدۇ، قۇرئاننى ئوچۇقلاپ بېرىدۇ. قۇرئاندا مۈجمەل بۇيرۇقلار بار بولۇپ، سۈننەت ئۇنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بايان قىلىپ بەرگەن. مەسىلەن، ئاللاھ قۇرئاندا نامازغا بۇيرۇدى، لېكىن قۇرئاندا نامازنىڭ قانچە ۋاخ ئىكەنلىكى بارمۇ؟ قانچە رەكئەت ئوقۇلىدىغانلىقى بارمۇ؟ قۇرئاندىكى بۇ بۇيرۇقلارنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بايان قىلىپ بەرگۈچى نېمە؟ سۈننەت. زاكات ھەققىدىمۇ ھەم شۇنداق، باشقا ھۆكۈملەردىمۇ شۇنداق. سۈننەت قۇرئاننى ئوچۇقلايدۇ، تەپسىرلەيدۇ، قۇرئاندىكى مۈجمەللەرنى چۈشەندۈرىدۇ. [ئەللامە سالىھ فەۋزان : هناك من يطعن في السنة وكتب الصحيح نرجو منكم الرد عليهم حتى يتنبه]