ئۆزىگە ياردەم قىلىشى ئۈچۈن قەبرىدىكى ئۆلۈككە دۇئا قىلغان كىشى مۇشرىك كاپىردۇر | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى

ئۆزىگە ياردەم قىلىشى ئۈچۈن قەبرىدىكى ئۆلۈككە دۇئا قىلغان كىشى مۇشرىك كاپىردۇر | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى

قەبرىلەرگە بېرىپ قەبرىدىكى ئۆلۈكلەردىن ھاجىتىنى سوراپ دۇئا قىلىش، ئۇلاردىن مەدەت تىلەش — ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈشتۇر، چوڭ شىرىكتۇر، كىشىنى دىندىن چىقىرىۋېتىدىغان كاپىرلىقتۇر. بۇنداق كىشىگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ مۇشرىك كاپىر. تاكى بۇ خىل شىرىكتىن يېنىپ، ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ ھەقكە قايتمىغۇچە بۇنداق مۇشرىكنىڭ ئوقۇغان نامىزى ناماز ھېساپلانمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھتىن باشقىسىغا دۇئا قىلىش شىركتۇر، ئۆلۈكتىن مەدەت-ياردەم سوراش شىرك. ئۆلۈككە مال بوغۇزلاش ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈشتۇر. بۇنداق بىرى تاكى تەۋبە قىلىپ، ھەقكە قايتمىغۇچە مۇسۇلمان ئەمەس. بۇنداق بىرىنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ. [ئەللامە سالىھ فەۋزان: ما حكم الصلاة خلف إمام مبتدع] مۇجتەھىد پەتىۋا تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ