يەل كەلگەندەك ھېس قىلغان كىشىنىڭ تاھارىتى بۇزۇلغان بولامدۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى

يەل كەلگەندەك ھېس قىلغان كىشىنىڭ تاھارىتى بۇزۇلغان بولامدۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى

ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ بۇ سوئالغا مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
مەقئىتىدىن يەل كەلگىنىنى ھېس قىلغان ئەمما ئاۋازنىمۇ ئاڭلىمىغان، پۇراقنىمۇ سەزمىگەن كىشىنىڭ تاھارىتى بۇزۇلمايدۇ. ئاۋازمۇ، پۇراقمۇ بولماستىن مەقئەتتىن يەل كەلگەننى ھېس قىلىش — شەك ھېسابلىنىدۇ. تاھارەت شەك بىلەن بۇزۇلمايدۇ. يەقىين شەك سەۋەبلىك يوق بولمايدۇ. [ئەللامە سالىھ فەۋزان: إذا أحس الإنسان بخروج الريح من دبره فهل ينتقض وضوؤه ولو لم يسمع صوتا أو يجد ريحا]

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ