دادام تاغامدىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشۈمنى تەلەپ قىلدى، ئىتائەت قىلىمەنمۇ؟

دادام تاغامدىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشۈمنى تەلەپ قىلدى، ئىتائەت قىلىمەنمۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئابدۇلئەزىز راجىھىي رەھىمەھۇللاھ

سوئال: دادام بىلەن تاغام ئارىسىدا جاڭجال چىقىپ، ئىككىسى ئوتتۇرىسدا ئاداۋەت پەيدا بولدى. دادىمىز بىزگە تاغام بىلەن سالام-سەھەت قىلماسلىقىمىزنى، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشىمىزنى ئەمىر قىلدى. بۇنداق قىلىش (يەنى دادامنىڭ دېگىنىدەك قىلىش) ئۇرۇق-تۇغقاندارچىلىقنى ئۈزۈش دائىرىسىگە كىرەمدۇ؟

جاۋاب:

بۇنداق قىلىش ئۇرۇق-تۇغقاندارچىلىقنى ئۈزۈش ھېسابلىنىدۇ. (ئۇرۇق تۇغقاندارچىلىقنى ئۈزۈش جىمى ئۆلىمالارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن گۇناھى كەبىرىلەرنىڭ ئەڭ چوڭلىرىدىندۇر.) بۇ جەھەتتە مەزكۇر دادىغا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«خالىق (ئاللاھ) ئالدىدا گۇناھكار بولىدىغان ئىشتا بەندىگە ئىتائەت قىلىش يوق.» بۇ دادىنىڭ بالا-چاقىلىرى تاغىسىغا سالام قىلىشى (ئۇرۇق-تۇغقاندارچىلىق ھەققىنى ئادا قىلىشى) ۋاجىپ. (فتاوى منوعة – الراجحي 1\37) — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com

ئۇرۇق تۇغقاندارچىلىققا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ پەرزلىكى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((الرَّحِمُ مُعَلَّقَةٌ بِالْعَرْشِ تَقُولُ مَنْ وَصَلَنِي وَصَلَهُ اللَّهُ وَمَنْ قَطَعَنِي قَطَعَهُ اللَّ))  «رەھىم (ئۇرۇق تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى) ئەرشكە ئېسىقلىق بولۇپ، ئۇ <كىم ماڭا ئەھمىيەت بەرسە، ئاللاھمۇ ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. كىم مېنى ئۈزۈپ قويسا، ئاللاھ ئۇنىڭدىن رەھمىتىنى ئۈزىدۇ> (دەپ نىدا قىلىدۇ.)» hedisim.com (بۇخارى 5989؛ مۇسلىم 2555؛ رىيازۇس سالىھىن 323)

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:

((مَنْ أَحبَّ أَنْ يُبْسَطَ لَهُ في رِزقِهِ، ويُنْسأَ لَهُ في أَثرِهِ، فَلْيصِلْ رحِمهُ)) «رىزقىنىڭ كەڭرى بولۇشىنى ۋە ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى ئارزۇلىغان كىشى — ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تۇغقاندارچىلىقنى ياخشى يەتكۈزسۇن.» hedisim.com (بۇخارى 5986؛ مۇسلىم 2557؛ رىيازۇس سالىھىن 319)

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((لَيْسَ الْواصِلُ بِالمُكافئ وَلكِنَّ الواصِلَ الَّذي إِذا قَطَعتْ رَحِمُهُ وصلَهَا)) «ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن يەتكەن ياخشىلىققا جاۋابەن تۇغقاندارچىلىققا رىئايە قىلغۇچى — ئۇرۇق تۇغقاندارچىلىققا ئەھمىيەت بەرگەن كىشى ھېسابلانمايدۇ. تۇغقاندارچىلىققا ئەھمىيەت بەرگەن كىشى دېگەن — ئۇرۇق-تۇغقاندارچىلىقنى ئۈزۈپ قويغان تۇغقىنىغا ئۇرۇق-تۇغقاندارچىلىقنى يەتكۈزۈپ تۇرىدىغان كىشىدۇر.» hedisim.com (بۇخارى 5991؛ رىيازۇس سالىھىن 322)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ