بۇرۇتنى قانچىلىق قىرقىيمىز، چۈشۈرۈۋېتىشكە بولامدۇ؟ | ئەللامە ئابدۇلئەزىز راجىھىي
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئابدۇلئەزىز راجىھىي رەھىمەھۇللاھ
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «بۇرۇتلارنى قىرقىڭلار» دەپ بۇيرىغان. بۇ ھەدىستىكى «الحف» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى «ھەممىسىنى ئېلىش» دېگەنلىك بولىدۇ. كىشى ئەگەر قايچا بىلەن بۇرۇتىنىڭ ھەممىسىنى كېسىۋەتسە، بۇ دۇرۇس. ياكى، مەلۇم ئۇزۇنلۇقتا قالدۇرۇپ قويۇپ، ئاشقان قىسىمىنى كېىسەتسە، بۇمۇ دۇرۇس.
بۇرۇت قىرقىشتا سۈننەتكە ئۇيغۇن يول ھەر جۈمە كۈنى قىرقىشتۇر. بۇرۇتنى قىرقىشتا قىرىق كۈندىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. (يەنى قىرىق كۈن ئىچىدە بىر قېتىممۇ بۇرۇت قىرقىماسلىق جائىز ئەمەس.) ئەۋرەت ۋە قولتۇق تۈكلىرىنى قىرقىشتىمۇ قىرىق كۈندىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن ھەدىستە «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىزگە بەدىنىمىزدىكى مويلارنى ئېلىشتا قىرىق كۈندىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكىمىزنى بەلگىلەپ بەردى» دېيىلگەن. بۇرۇتنى ئۇستۇرا بىلەن چۈشۈرۈۋېتىشكە كەلسەك، بۇنىڭدىن ساقلىنىش ۋاجىپ. (فتاوى منوعة – الراجحي 1\28) — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com