شەيخ ئابدۇراھمان ئىبنۇل قاسىم رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھ.1392) «ساقال چۈشۈرۈشنىڭ ۋە قىسقارتىشنىڭ ھاراملىقى» ناملىق رىسالىسىدە مۇنداق دېگەن:
ورخص بعض أهل العلم في أخذ ما زاد عن القبضة لفعل ابن عمر ، وأكثر العلماء يكرهه ، وهذا أظهر لما تقدم ، وقال النووي : والمختار تركها على حالها وألا يتعرض لها بتقصير شيء أصلاً … وقال في الدر المختار: وأما الأخذ منها وهي دون القبضة كما يفعله بعض المغاربة ومخنثة الرجال فلم يبحه أحد اهـ.
ئۆلىمالاردىن بەزىلىرى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ (ھەجدە ساقىلىنىڭ بىر تۇتامدىن، يەنى بىر ئالقان ئۇزۇنلۇقتىن ئاشقان قىسىمىنى كېسىۋېتىشى) پېئىلىنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ (بۇ سەھىھۇل بۇخارىدا بار)، ساقالنىڭ بىر تۇتامدىن، يەنى بىر ئالقاندىن ئاشقان قىسىمىنى كېسىۋېتىشنى دۇرۇس دېگەن. لېكىن، ئۆلىمالارنىڭ كۆپىنچىسى بۇنداق قىلىشنى مەكرۇھ دەپ قارىغان. مۇشۇ قاراش ئەڭ توغرا بولۇپ، سەۋەبى يۇقىرىدا بايان قىلىندى. ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: «تاللانغان قاراش شۇكى، ساقالنى ئۆز ھالىغا قويۇپ بېرىش لازىم، ساقالدىن ھەر قانداق شەكىلدە ھەر قانداق نەرسىنى قىسقارتىۋەتمەسلىك لازىم.» (مۇسلىم شەرھى) (ھەنەفىيلەرنىڭ مەشھۇر فىقھ ئەسىرى) «الدر المختار» دا مۇنداق دېيىلگەن: مەغرىپلىكلەردەك ۋە ئاياللىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە زەيپانە ئەرلەردەك ساقالنى بىر تۇتامدىنمۇ، يەنى بىر ئالقاندىنمۇ قىسقارتىۋېتىشنى (ئۆلىمالاردىن) ھېچكىم دۇرۇس دېگەن ئەمەس. (الدر المختار 2\418) [تحريم حلق اللحى،11] دىيارىمىزدىكى ئۆزىنى ھەنەفىي مەزھەپكە نىسبەت بېرىدىغان قارىم، داموللاملارنىڭ بۇ ھۆكۈمنىڭ سىرتىغا چىقىپ، جىمىي مەزھەپلەرگە خىلاپ ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇ ھەقتىكى بارچە بۇيرۇقلىرىغا خىلاپ يول تۇتۇشى ئېغىر مۇنكەردۇر، تۈزىتىلىشى ۋاجىپتۇر. دىن بىلەن شۇغۇللانغۇچى داموللاملارنىڭ بۇ ھەقتە ئەرلەرگە گۈزەل ئۈلگە بولىشى لازىم.
دەۋرىمىزدىكى پېشقەدەم مۇھەددىس ئالىم ئابدۇلمۇھسىن ئابباد ھافىزەھۇللاھ «سۇنەن ئەبۇ داۋۇد شەرھى» دە مۇنداق دېگەن: (حلق اللحية من الرجال تشبه بالنساء؛ لأن النساء لا شعر لهن، والرجال إذا فعلوا ذلك فإنهم يكونون بذلك متشبهين بالنسا.) «ئەرلەر ئارىسىدىكى ساقال چۈشۈرىدىغانلار ئاياللارغا ئوخشىۋالغان كىشىلەردۇر. چۈنكى، ئاياللارنىڭ ساقىلى بولمايدۇ. ئەرلەر ساقىلىنى چۈشۈرۈۋەتسە، بۇ قىلمىشى سەۋەبلىك ئاياللارغا ئوخشىۋالغان بولىدۇ.» (شرح سنن أبي داود للعباد ٤٦٠/١٨) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاياللارغا ئوخشىۋالغۇچى ئەرلەرگە ۋە ئەرلەرگە ئوخشىۋالغۇچى ئاياللارغا لەنەت قىلغان. (سەھىھۇل بۇخارى)
مۇناسىۋەتلىك پەتىۋالار:
ساقالنى كېسىش، قىسقارتىش، چۈشۈرۈۋېتىش گۇناھمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ پەتىۋاسى
ساقال چۈشۈرۈشنىڭ، ئەر كىشىنىڭ كىيىمىنى ئۇزۇن كىيىۋېلىشىنىڭ ۋە تاماكا چېكىشنىڭ ھۆكمى