ساقال چۈشۈرۈشنىڭ، ئەر كىشىنىڭ كىيىمىنى ئۇزۇن كىيىۋېلىشىنىڭ ۋە تاماكا چېكىشنىڭ ھۆكمى

ساقال چۈشۈرۈشنىڭ، ئەر كىشىنىڭ كىيىمىنى ئۇزۇن كىيىۋېلىشىنىڭ ۋە تاماكا چېكىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: تاماكا چېكىش، ساقال چۈشۈرۈش، كىيىمىنى ھوشۇقتىن پەسكە ساڭگىلىتىپ ئۇزۇن كىيىۋېلىش قاتارلىقلار گۇناھى كەبىرە ھېسابلىنامدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئابدۇلئەزىز راجىھىي رەھىمەھۇللاھ

جاۋاپ:

ئەرلەرنىڭ كىيىمىنى ھوشۇقىدىن پەسكە ساڭگىلىتىپ ئۇزۇن كىيىۋېلىشى گۇناھى كەبىرىلەردىن ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «كىيىمنىڭ ھوشۇقتىن ئاشقان قىسىمى دوزاختا» دېگەن. (بۇخارى) تاماكا چېكىش بىلەن ساقال چۈشۈرۈشكە كەلسەك، بۇلار ھارامدۇر، گۇناھ-مەئسىيەت جۈملىسىدىندۇر. (فتاوى منوعة – الراجحي 1\30) — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com

[مۇغىيرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن:رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (يا سفيان بن سهل! لاتُسبِل، فإنّ الله لا يحبُّ المسبِلين) «ئى سۇفيان ئىبنى سەھل! كىيىمىڭنى ھۇشۇقىڭدىن پەسكە چۈشۈرۈپ كىيىۋالما! ئاللاھ كىيىمىنى ھۇشۇقىدىن پەسكە چۈشۈرۈپ كىيىۋالغان ئەرلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ.» hedisim.com (سەھىھ ھەدىس؛ أخرجه ابن أبي شيبة (٨/٣٩٥)، وعنه ابن ماجه (٣٥٧٤)، وابن حبان (١٤٤٩)، وأحمد (٤/٢٤٦و٢٥٠و٢٥٣)، والبغوي في «الجعديات» (١٠١/٢)، سلسلة الأحاديث الصحيحة 4004)]


ئۆلىمالار مۇنداق دېگەن: كىچىك گۇناھلاردا داۋام قىلىش چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. چوڭ گۇناھىدىن يېنىپ تەۋبە قىلىش چوڭ گۇناھنى قىلمىغانغا ئوخشاش بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك پەتىۋالار:
ساقالنى بىر تۇتامدىنمۇ پەسەيتىۋېتىش دۇرۇسمۇ؟ | ھەنەفىي ئالىم مۇھەممەد ئەلھەسكافى

«(ئەرلەر ئۈچۈن) كىيىمنىڭ ھوشۇقتىن ساڭگىلىغان قىسىمى دوزاختا» ھەدىسىنىڭ شەرھى | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن

پەتىۋا كومېتىتى: ئىشتاننى ھوشۇقتىن ئاشۇرۇپ كەيگۈچىنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇش دۇرۇسمۇ؟

ئىشتاننىڭ پۇچقىقىنى قاتلىۋېلىپ ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ