ئەر كىشىنىڭ ئۈزۈك تاقىشى سۈننەتمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى

ئەر كىشىنىڭ ئۈزۈك تاقىشى سۈننەتمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى

سوئال: ئەر كىشىنىڭ ئۈزۈك تاقىشى سۈننەتمۇ ياكى مۇباھمۇ؟ دەلىلى بىلەن قوشۇپ بايان قىلىپ بەرگەن بولسىلا.

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ

ئەر كىشىنىڭ ئۈزۈك تاقىشىنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىل بىلمەيمەن. ئەر كىشىنىڭ ئۈزۈك تاقىشى مۇباھتۇر. (مۇباھ — قىلىنسا ساۋاپ بولمايدىغان، قىلىنمىسا گۇناھ بولمايدىغان ئىشلاردۇر.) ساھابىلەرنىڭ بەزىسى ئۈزۈك تاقىغان، بەزىسى تاقىمىغان. ئۈزۈك تاقىغانلىرى كۈمۈش ئۈزۈك تاقىغان. ئەبى رەيھانەدىن كەلگەن، ئۈزۈكنى خان-پادىشاھلار تاقايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىس شاز ھەدىس بولۇپ، دەلىلگە يارىمايدۇ. ھەتتا، بۇ ھەقتىكى ھەدىسنىڭ سەنەدىمۇ تەنقىدتىن خالىي ئەمەس.

كۈمۈش ئۈزۈكنى ھەر قانداق ئەر كىشى تاقىسا، بۇ دۇرۇس. لېكىن، ئەر كىشىنىڭ ئالتۇن ئۈزۈك تاقىشى دۇرۇس ئەمەس. (ئەر كىشىنىڭ ئالتۇن ئۈزۈك تاقىشى ھەدىستە كۆرستىلگىنىدەك ھارام.) ئەر كىشىنىڭ ئۈزۈك تاقىشى سۈننەت ئەمەس، مۇباھتۇر. (حكم لبس الرجل للخاتم) — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ