سۈرە تەۋبىدىكى مۇنۇ ئايەت، پۇل-مېلىنىڭ زاكىتىنى بەرمەيدىغان كىشىلەر ھەققىدىكى ئايەتتۇر.
ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: {وَالَّذِينَ يَكْنِزُونَ الذَّهَبَ وَالْفِضَّةَ وَلَا يُنفِقُونَهَا فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَبَشِّرْهُم بِعَذَابٍ أَلِيمٍ ﴿٣٤﴾ يَوْمَ يُحْمَىٰ عَلَيْهَا فِي نَارِ جَهَنَّمَ فَتُكْوَىٰ بِهَا جِبَاهُهُمْ وَجُنُوبُهُمْ وَظُهُورُهُمْ ۖ هَٰذَا مَا كَنَزْتُمْ لِأَنفُسِكُمْ فَذُوقُوا مَا كُنتُمْ تَكْنِزُونَ﴿٣٥﴾} {ئالتۇن-كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلمايدىغان (يەنى يىغقان ئالتۇن-كۈمۈش\ پۇل-مېلىنىڭ زاكىتىنى بەرمەيدىغان) كىشىلەرگە (قىيامەت كۈنى ئۇچرايدىغان) قاتتىق جازا بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن. بۇلار (يەنى ئالتۇن كۈمۈشلەر) جەھەننەم ئوتىدا قىززىتىلىپ، ئۇلارنىڭ پېشانىلىرى، بېقىنلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ ۋە (ئازارلاش يۈزىسىدىن) «مانا بۇ (زاكىتىنى بەرمەستىن) ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ساقلىغان پۇل-ماللىرىڭلاردۇر، (زاكىتىنى بەرمەي) ساقلىغانلىرىڭلارنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ.} — سۈرە تەۋبە 34-، 35-ئايەتلەر
ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: {وَوَيْلٌ لِّلْمُشْرِكِينَ * الَّذِينَ لَا يُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَهُم بِالْآخِرَةِ هُمْ كَافِرُونَ} {مۇشرىكلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار زاكات بەرمەيدۇ. ئۇلار ئاخىرەتنى (قەبرىدىكى سوئال-سوراقنى، قەبرە ئازابىنى، قايتا تىرىلىشنى، قىيامەتنى، جەننەتننى ۋە دوزاخنى) ئىنكار قىلىدۇ.} — سۈرە فۇسسىلەت، 6-،7-ئايەتلەر