بۇ مەسىلە ھەققىدە ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ شاگىرتى ئىمام ئىبنى قەييىم «زادۇل مەئاد» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:
ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ (بۇ مەسىلىدە كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەرنى نەزەردە تۇتۇپ) بىر يەردە تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرۇپ قېلىشنى نىيەت قىلغان كىشىنىڭ نامازلىرىنى قىسقارتماي تولۇق ئوقۇيدىغانلىقى، تۆت كۈندىن ئاز تۇرۇپ قېلىشنى نىيەت قىلغان كىشىنىڭ نامازلىرىنى قىسقارتىپ ئوقۇيدىغانلىقى كۆز قارىشىدا. تۆت كۈندىنمۇ ئارتۇق تۇرغان تۇرۇقلۇق نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇغانلىق ھەققىدىكى ھەدىس، ئەسەر ۋە سەلەپنىڭ شۇ ھەقتىكى سۆزلىرى ھەققىدە ئىمام ئەھمەد مۇنداق دېگەن: (تۆت كۈندىن ئۇزاق تۇرۇپمۇ نامازلارنى قىسقارتىپ ئوقۇشتىكى سەۋەب) رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلىرى تۇرۇپ قېلىشنى قەتئىيەت بىلەن قارار قىلمىغان، بەلكى بۈگۈن ماڭىمىز، ئەتە ماڭىمىز ئۈمىدى بىلەن تۇرۇپ قالغان.
ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ ۋە ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (ئۆز يۇرتى بولمىغان جايدا) تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرۇپ قېلىشنى نىيەت قىلغان كىشى نامىزىنى تولۇق ئوقۇيدۇ. تۆت كۈندىن ئاز مۇددەت تۇرۇپ قېلىشنى نىيەت قىلغان بولسا، نامىزىنى قىسقارتىپ ئوقۇيدۇ. (زاد المعاد) — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com