ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
ھەر قايسى پۇل بىرلىكلىرىنى ئۆز ئارا ئېلىش، سېتىش — پۇللارنىڭ قولدىن قولغا، نەق ئېلىپ-سېتىلىشى شەرتى بىلەن — دۇرۇس. مەسىلەن، بىر كىشى لىۋىيە پۇلىنى ئامېرىكا دوللىرىغا ساتسا، ياكى مىسىر پۇلىغا ۋە ياكى باشقا ھەر قانداق پۇل بىرلىكىگە ساتسا، بۇ پۇلنى ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچى ئىككىسى يۈز-تۇرانە ھالدا بىر يەردە بولغان، ۋە پۇللارنى نەق بېرىپ، نەق ئالغان تەقدىردە، بۇ خىل ئېلىم-سېتىم دۇرۇس ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، (قايسى بىر تەرەپ) قارشى تەرەپكە پۇلنى تۆلەشنى كېچىكتۈرسە، بۇ دۇرۇس ئەمەس. شۇنداقلا، ئېلىپ-سېتىش يۈز تۇرانە ئېلىپ-سېتىش بولمىسا، بۇمۇ دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، بۇنداق ئېلىم-سېتىم قىلىش، جازانىلىك ئېلىم-سېتىم قىلىش تۈرىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئوخشىمىغان پۇللارنى ئېلىپ ساتقۇچىلار نەق مەيداندا بولۇشى ۋە قولدىن ئېلىپ قولغا بېرىشى لازىم.
ئەگەر، ئېلىم-سېتىم ئوخشاش تۈردىكى پۇل ياكى مالدىن بولسا، ئۇ ھالدا ئىككى شەرت بىلەن — مىقدارى ئوخشاش بولۇش ۋە يۈز تۇرانە شەرتى بىلەن جائىزدۇر. «مجموع فتاوى ابن باز» (19/171– 174) — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى