ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان بۇ ھەقتە مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
(جازانە بىلەن شۇغۇللىنىدىغان) بانكىدا ئىشلەش جائىز ئەمەس. چۈنكى، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق بانكىنىڭ جازانە بىلەن شۇغۇللىنىشىغان ياردەم بەرگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: {وتعاونوا على البر والتقوى * وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ} {تەقۋادارلىققا ۋە ياخشىلىققا ياردەملىشىڭلار * گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار.} – سورة المائدة ٢. ھەتتا، جازانە بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بانكىدا ئىشىك باقار بولۇپ \ بىخەتەرلىك خادىمى بولۇپ ئىشلەشكىمۇ بولمايدۇ. [مەنبە ئۈچۈن چېكىڭ]
سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ باشقا بىر پەتىۋاسىدا مۇنداق دېگەن: سەئۇدىي ئەرەبىستاندىمۇ جازانە بىلەن شۇغۇللانمايدىغان بانكا تاپالمايسىز، بار بولسا ماڭا دەپ بېرىڭ.
جازانە بىلەن تىجارەت قىلىدىغان بانكىدا ئىشلەش جائىز ئەمەس، ھارام دېگەن ھۆكۈم يالغۇز ئەللامە شەيخ، پروپسور دوكتور سالىھ فەۋزان قاتارلىق ھەرەم ئالىملارنىڭلا ھۆكمى بولۇپ قالماستىن، باشقا ئېقىمدىكى، ئىسلام دۇنياسنىڭ باشقا يۇرتلىرىدا ياشايدىغان شەيخلەرمۇ بۇنداق بانكىلاردا ئىشلەشنى ھارام دېگەن. مەسىلەن، ئەشئەرىي(1) شەيخ مۇھەممەد ھەسەن دۇدۇمۇ ئوخشاشلا جازانە بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بانكىدا ئىشلەش جائىز ئەمەس، دەپ پەتىۋا بەرگەن. [مەنبە ئۈچۈن چېكىڭ] (1) [مەنبەسى ئۈچۈن چېكىڭ]
شەيخ ئابدۇلئەزىز تەرىفىي مۇنداق دېگەن: جازانە بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بانكىلاردا مەيلى كاتىپ، خىزمەتچى بولۇپ، مەيلى ئىشىك باقار بولۇپ ئىشلەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي ھارام. بۇنداق بانكىدا ھەر قانداق خىزمەتنى قىلىش دۇرۇس ئەمەس. [مەنبە ئۈچۈن چېكىڭ]
مۇناسىۋەتلىك پەتىۋا:
جەھمىيە ۋە ئەشئەرىي پىرقىلىرى قانداق پىرقە؟ | ئەللامە ئابدۇلئەزىز راجىھىي رەھىمەھۇللاھ
https://mujtehid.com/2023/06/14/jehmiyyepirqisirajihi/