ئۆمرە قىلىش ئەۋزەلمۇ، سەدىقە قىلىشمۇ؟
سوئال: بىزنىڭ يۇرتىمىزدا بىر قېتىمدىن كۆپ نەپلە ئۆمرە قىلىغان كىشىلەر بار. يۇرتىمىز پېقىر ۋە مىسكىنلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان يۇرت بولۇپ، يېگۈدەك يېمەك-ئىچمەك تاپالمايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت. تەكرار نەپلە ئۆمرە قىلىدىغان كىشىلەرگە قانداق نەسىھەتلىرى بار؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان
شۇنىڭدا شەك يوقكى، موھتاجلىق ئىچىدىكى پېقىر-مىسكىنلەرگە تائام بېرىش نەپلە ئۆمرىدىن ئەۋزەل، ھەتتا نەپلە ھەجدىن ئەۋزەل. بۇ ئىبادەتلەرنى نەپلە ھالەتتە ئادا قىلىشتىن، موھتاجلىق ئىچىدىكى پېقىر-مىسكىنلەرگە سەدىقە قىلىش ئەۋزەل. چۈنكى، پېقىر-مىسكىنلەرگە سەدىقە، خەير-ئېھسان قىلىشنىڭ مەنپەئەتى مۇسۇلمانلارغا يېتىدۇ. نەپلە ئۆمرە بىلەن نەپلە ھەجنىڭ ساۋابى بولسا شۇ نەپلە ئۆمرە ياكى نەپلە ھەجنى قىلغۇچى كىشى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. [أيهما أولى تكرار العمرة أم الصدقة]
* سەھىھ ھەدىسكە ئاساسلانغان توغرا قاراشتا، ئۆمرە ھەج قىلىش پەرز. شەيخ دەۋاتقىنى پەرز ئۆمرىنى ۋە پەرز ھەجنى ئادا قىلىپ بولغان كىشى تەكرار ئۆمرە ياكى تەكرار ھەج قىلسا، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن نەپلە بولىدۇ. شەيخ مانا مۇشۇ نەپلە ھەج ۋە نەپلە ئۆمرە قىلغاننىڭ ساۋابىدىن يوقسۇل، مىسكىنلەرگە خەير-ئېھسان قىلىشنىڭ ساۋابى ئۈستۈن، دەۋاتىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك پەتىۋالار:
ئۆمرە ھەج قىلىش پەرزمۇ سۈننەتمۇ؟ | ئىمام ئىبنى ھەجەر