جۈمە كۈنى يۇيۇنۇش پەرزمۇ؟
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
ئىسلام ئۆلىمالىرى جۈمە كۈنى يۇيۇشنىڭ شەرىئەتتە تەلەپ قىلىنغان ياخشى ئەمەل ئىكەنلىكىگە ئىتتىپاققا كەلگەن. بۇنىڭ سەۋەبى مۇنۇ ھەدىستۇر. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (إِذَا جَاءَ أَحَدُكُمُ الْجُمُعَةَ فَلْيَغْتَسِل) «سىلەردىن بىرىڭلار جۈمە نامىزىغا كەلسە، (كېلىشتىن ئاۋۋال) يۇيۇنسۇن.» hedisim.com (بۇخارى، مۇسلىم) لېكىن، ئىسلام ئۆلىمالىرى جۈمە كۈنى يۇيۇنۇشنىڭ ھۆكمى جەھەتتە، يۇيۇنۇشنىڭ ۋاقتى توغرىسىدا، شۇنداقلا بۇ يۇيۇنۇش جۈمە كۈنى ئۈچۈنمۇ ياكى جۈمە نامىزى ئۈچۈنمۇ؟ دېگەن جەھەتلەردە ئىختىلاپلاشقان.
جۇمھۇر ئۆلىما جۈمە كۈنى يۇيۇنۇشنى سۈننەت دېگەن.
ئىمام ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: جۈمە نامىزىغا كەلگەن كىشىنىڭ يۇيۇنۇپ كېلىشى مۇستەھەپ. كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشى بويىچە، بۇ پەرز ئەمەس. مۇنۇ ھەدىس جۈمە كۈنى يۇيۇنۇشنىڭ پەرز ئەمەس، مۇستەھەپلىكىگە دەلىل بولىدۇ. سەمۇرە ئىبنى جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (مَنْ تَوَضَّأَ يَوْمَ الْجُمُعَةِ فَبِهَا وَنِعْمَتْ، وَمَنِ اغْتَسَل فَالْغُسْل أَفْضَل) «جۈمە كۈنى (جۈمە نامىزى ئۈچۈن) تاھارەت ئالغان كىشى ياخشى قىلغان بولىدۇ. كىم يۇيۇنسا، يۇيۇنۇش ئەۋزەلدۇر.» hedisim.com(تىرمىزى 2\369)
ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھتىن بۇ جەھەتتە رىۋايەت قىلىنىغان ئوخشىمىغان ئىككى خىل كۆز قاراشتىن بىرىدە، ئۇ زات جۈمە كۈنى يۇيۇنۇشنى پەرز دېگەن. بۇ ھۆكۈمىگە مۇنۇ ھەدىسنى دەلىل قىلغان. ئەبى سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (غُسْل يَوْمِ الْجُمُعَةِ وَاجِبٌ عَلَى كُل مُحْتَلِمٍ) «جۈمە كۈنى يۇيۇنۇش بالاغەتكە يەتكەن ھەر بىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر.» hedisim.com (بۇخارى ۋە مۇسلىم)
[مەنبە: الموسوعة الفقهية الكويتية 45\304] — مۇجتەھىد پەتىۋا تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com