لائىلاھە ئىللەللاھ دېسىلا جەننەتكە كىرەمدۇ؟
سوئال: بىر كىشى مۇنداق دېدى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «كىمكى لائىلاھە ئىللەللاھ دېسە جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن.
باشقا بىرى مۇنداق دېدى: ئەگەر كىشى ماختىلىدىغان شەرىئەت يولىدا مېڭىپ، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ بۇيرۇق، چەكلىمىلىرىگە ئەمەل قىلسا بۇ ھەدىستىكىدەك بولىدۇ. ئەگەر، لائىلاھە ئىللەللاھ دەپ قويۇپ، ئەمما ئەمەلىيىتىدە ئىسلام شەرىئىتىگە ئەمەل قىلمىسا، ئۆزىنىڭ دىندىكى نۇقسانلىرىغا، دىنىدىن نېمىنىڭ كېمەيگەنلىكىگە پەرۋا قىلماستىن (گۇناھلاردىن ئۆزىنى تارتماي دىنغا خىلاپ ھالدا) ياشىسا، يۇقىرىقى ھەدىستە دېيىلگەن كىشىلەر قاتارىغا كىرەلمەيدۇ، دېدى.
ھەدىسنى باشتا نەقىل قىلغان كىشى: مەن قىلىنسا بولمايدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە لائىلاھە ئىللەللاھ دېسەم جەننەتكە كىرىمەن، دوزاخقا كىرمەيمەن، دېدى. (بۇ ھەقتە قانداق پەتىۋا بېرىلا؟)
پەتىۋا بەرگۈچى: شەيخۇل ئىسلام، ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ
جاۋاب: بارچە ھەقىقىي ۋە ئەڭ گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر. كىم «بۇ كەلىمىنى (يەنى «لائىلاھە ئىللەللاھ»نى) تىلىدا تەلەپپۇز قىلسا، بۇنداق قىلغۇچى جەننەتكە كىرىدۇ، دوزاخقا كىرمەيدۇ» دەپ ئېتىقاد قىلسا، بۇنداق ئېتىقاد قىلىدىغان كىشى توغرا يولدا بولمىغان ئازغۇندۇر؛ قۇرئانغا، سۈننەتكە ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئىجمائىغا خىلاپ يول تۇتقۇچىدۇر. چۈنكى، دوزاخنىڭ ئەڭ چوڭقۇرىغا چۈشىغان مۇناپىقلارمۇ «لائىلاھە ئىللەللاھ» كەلىمىسىنى تەلەپپۇز قىلىشقان ئىدى ۋە سانى كۆپ ئىدى. مۇناپىقلارمۇ روزا تۇتۇپ، ناماز ئوقۇپ، سەدىقە بېرىشىدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ بۇ ئەمەللىرى ئۇلاردىن قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ الْمُنَافِقِينَ يُخَادِعُونَ اللَّهَ وَهُوَ خَادِعُهُمْ وَإِذَا قَامُوا إِلَى الصَّلاةِ قَامُوا كُسَالَى يُرَاءُونَ النَّاسَ وَلا يَذْكُرُونَ اللَّهَ إِلا قَلِيلا﴾ مەنە تەرجىمىسى: {مۇناپىقلار ئاللاھنى ئالدىماقچى بولۇشىدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھ ئۇلارنى ئالدايدۇ. مۇناپىقلار نامازغا تۇرسا ھورۇنلۇق بىلەن تۇرىدۇ، (سالىھ ئەمەللەرنى) كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلىدۇ، ئاللاھنى پەقەت ئازغىنىلا زىكىر قىلىدۇ.} (نىسا سۈرىسى 142-ئايەت) ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿قُلْ أَنْفِقُوا طَوْعًا أَوْ كَرْهًا لَنْ يُتَقَبَّلَ مِنْكُمْ إِنَّكُمْ كُنْتُمْ قَوْمًا فَاسِقِينَ﴾ مەنە تەرجىمىسى: {(ئى پەيغەمبەر! مۇناپىقلارغا) ئېيتقىنكى: «سىلەر مەيلى خالاپ تۇرۇپ خەير-ئېھسان قىلىڭلار، ياكى ئىستەكسىز ھالدا خەير-ئېھسان قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ خەير-ئېھسانلىرىڭلارنى ئەسلا قوبۇل قىلمايدۇ. چۈنكى، سىلەر پاسىق كىشىلەرسىلەر.} (تەۋبە سۈرىسى 53-ئايەت) ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّ اللَّهَ جَامِعُ الْمُنَافِقِينَ وَالْكَافِرِينَ فِي جَهَنَّمَ جَمِيعًا﴾ مەنە تەرجىمىسى: {ئاللاھ مۇناپىقلارنىڭ ۋە كاپىرلارنىڭ ھەممىسىنى، چوقۇمكى، جەھەننەمگە توپلايدۇ.} (سۈرە نىسا، 140-ئايەت) ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿يَوْمَ لا يُخْزِي اللَّهُ النَّبِيَّ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ نُورُهُمْ يَسْعَى بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَبِأَيْمَانِهِمْ﴾ مەنە تەرجىمىسى:{قىيامەت كۈنى ئاللاھ پەيغەمبەرنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلارنى رەسۋا قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرلىرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرىپىدە بولىدۇ.} (سۈرە تەھرىم 8-ئايەت) ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَالْيَوْمَ لا يُؤْخَذُ مِنْكُمْ فِدْيَةٌ وَلا مِنَ الَّذِينَ كَفَرُوا﴾ مەنە تەرجىمىسى: {(ئى مۇناپىقلار!) بۈگۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) سىلەردىن ھېچقانداق فىدىيە قوبۇل قىلىنمايدۇ، كاپىرلاردىنمۇ ھەم شۇنداق.} (سۈرە ھەدىد 15-ئايەت)
سەھىھۇل بۇخارى ۋە سەھىھۇل مۇسلىمدا نەقىل قىلىنغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (آيَةُ الْمُنَافِقِ ثَلَاثٌ: إذَا حَدَّثَ كَذَبَ، وَإِذَا وَعَدَ أَخْلَفَ، وَإِذَا اُؤْتُمِنَ خَانَ) «مۇناپىقنىڭ ئالامىتى ئۈچتۇر: (1) سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ؛ (2) ۋەدە قىلسا ئەمەل قىلمايدۇ؛ (3) ئامانەت قويۇلسا خىيانەت قىلىدۇ.» hedisim.com (مۇتتەفەقۇن ئەلەيھى ھەدىس؛ بۇخارى 33-نومۇرلۇق، مۇسلىم 59-نومۇرلۇق ھەدىس؛ بۇلۇغۇلمەرام 1467-نومۇرلۇق ھەدىس) سەھىھ مۇسلىمدىكى ھەدىستە يەنە «وَإِنْ صَلَّى وَصَامَ وَزَعَمَ أَنَّهُ مُسْلِمٌ» «ئەگەر ناماز ئوقۇسىمۇ، روزا تۇتسىمۇ، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى داۋا قىلسىمۇ (بۇنداق كىشى مۇناپىقتۇر)» دېيىلگەن.
قال النبي صلى الله عليه وسلم : ( أَرْبَعٌ مَنْ كُنَّ فِيهِ كَانَ مُنَافِقًا خَالِصًا ، وَمَنْ كَانَتْ فِيهِ خَصْلَةٌ مِنْهُنَّ كَانَتْ فِيهِ خَصْلَةٌ مِنْ النِّفَاقِ حَتَّى يَدَعَهَا : إِذَا اؤْتُمِنَ خَانَ ، وَإِذَا حَدَّثَ كَذَبَ ، وَإِذَا عَاهَدَ غَدَرَ ، وَإِذَا خَاصَمَ فَجَرَ ) رواه البخاري (34) ، ومسلم (58)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «تۆت يامان خىسلەت بولۇپ، كىمدە بۇ يامان خىسلەتنىڭ ھەممىسى تېپىلسا ئۇ سېپى ئۆزىدىن مۇناپىقتۇر. كىمدە بۇ تۆت يامان خىسلەتنىڭ بىرى بولسا، ئۇنىڭدا مۇناپىقلىق خىسلەتلىرىدىن بىرى بولغان بولىدۇ. (بۇ تۆت يامان خىسلەت شۇكى) ئۇنىڭغا ئامانەت قويۇلسا خىيانەت قىلىدۇ، سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ، ۋەدە قىلسا ۋاپا قىلمايدۇ، جاڭجاللىشىپ قالسا ھەقتىن چىقىپ كېتىدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 34؛ مۇسلىم 58) «وَإِذَا خَاصَمَ فَجَرَ» [«جاڭجاللىشىپ قالسا ھەقتىن چىقىپ كېتىدۇ» دەپ تەرجىمە قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى، مۇشۇ جۈملە مۆتىۋەر ھەدىس شەرھلىرىدە مۇشۇنداق شەرھلەنگەنلىكى ئۈچۈندۇر. يەنى جاڭجاللىشىپ قالسا، ياكى داۋالىشىپ قازىنىڭ ئالدىغا بېرىپ قالسا، ھەر قانداق جاڭجال ھالىتىدە (قارشى تەرەپكە تۆھمەت قىلىش، نالايىق سۆزلەرنى ئىشلىتىش جۈملىسىدىن بولغان) ناھەق سۆزنى، ياكى (دۈشمەنلەشكۈچىگە قىلتاق قۇرۇش، تۈرلۈك ماددىي ۋە مەنىۋىي زىيان سېلىش قاتارلىق) ناھەق ئىشنى، جۈملىدىن ئادالەتكە ۋە ھەقكە ئۇيغۇن بولمىغان سۆزنى ياكى ئىشنى قىلىدۇ. [قاراڭ: الكوثر الجاري إلى رياض أحاديث البخاري ٥ /١٣٠؛ قاراڭ: منحة الباري بشرح صحيح البخاري ٥/٢٣٣) – تەرجىماندىن]
(سەھىھۇل بۇخارى ۋە سەھىھۇل مۇسلىمدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دوزاخقا تۇنجى بولۇپ تاشلىنىدىغان ئۈچ تۈرلۈك كىشىنى بايان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى مۇجاھىد، يەنە بىرى ياخشىلىق يولىدا پۇل مال سەرپ قىلىش يولىنى تۇتقان باي، ئۈچىنچىسى قۇرئاننى يادقا ئېلىپ ئۆگەنگەن قارىيدۇ. ئەگەر، لائىلاھە ئىللەللاھ دەپ قويۇش بىلەنلا جەننەتكە كىرىپ كېتىدىغان ئىش بولسا، مۇنۇ ئۈچ كىشىمۇ لائىلاھە ئىللەللاھ دەيدىغان كىشىلەر ئىدى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئېيتقان لائىلاھە ئىللەللاھى ئۇلارنى دوزاخقا كىرىشتىن قۇتقۇزۇپ قالالمىغان. چۈنكى، ئۇلار بۇ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ رازىلىقىنىلا كۆزلەپ ئىخلاس بىلەن قىلىشنىڭ ئورنىغا، كىشىلەرنىڭ ماختاش ۋە ياقتۇرۇشلىرىنى، مەدھىيەلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن رىياخورلۇق بىلەن قىلغان.-ت)
(شەيخۇل ئىسلامنىڭ يۇقىرىقى ئىككى ھەدىسنى بۇ ئورۇندا زىكىر قىلىشىدىكى سەۋەب، ھەدىستىكى يامان ئەمەللەرنى قىلغۇچىلارنىڭ ئىسلامنى داۋا قىلىپ تۇرۇپ، نىفاق ئەمەللەرنى قىلغانلىقىدىندۇر. ھەدىستىكىسى ئەمەلىي نىفاق بولۇپ، ئېتىقادىي نىفاق ئەمەس. ئەمەلىي نىفاق گۇناھى كەبىرىدۇر، كىشىنى دىندىن چىقارمايدۇ. ئەمما، ئېتىقادىي نىفاق كىشىنى دىندىن چىقىرىدۇ. ھەدىستىكىدەك ئەمەلىي نىفاقنى قىلغانلار قۇرئاندا ۋە ھەدىستە دوزاخ بىلەن تەھدىت قىلىنغان. ئەگەر، لائىلاھە ئىللەللاھ دەپ تىلىدا ئېيتىپ قويسا، دوزاخقا كىرمەي جەننەتكە كىرىپ كېتىدىغان ئىش بولسا، بۇ ھەدىسلەر مەنىسىنى ۋە قىممىتىنى يوقاتقان بولۇپ قالاتتى. شۇڭا، دەل ئەكسىچە، لائىلاھە ئىللەللاھ دەپ قويۇش بىلەنلا، جەننەتنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى مانا مۇشۇ ئىككى ھەدىسمۇ ئوچۇق كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. سورىغۇچى نەقىل قىلغان ھەدىس مانا مۇشۇ خىل ھەدىسلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ تۇرۇپ چۈشىنىلىدۇ. بىر ئايەت باشقا بىر ئايەتنى تەپسىرلەيدۇ، ياكى ئايەتنى ھەدىس تەپسىرلەيدۇ. شۇنداقلا، بىر ھەدىسنى شۇ ھەقتىكى باشقا بىر ھەدىس شەرھلەيدۇ. ھەدىسلەر بىر تەرەپتىن قوبۇل قىلىنىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنكار قىلىنمايدۇ. يەنى، سورىغۇچى نەقىل قىلغان ھەدىسنىڭ تېگى تەكتىنى بىلمەستىن تومتاقلا ئېسىلىۋېلىش، پەتىۋا بەرگۈچى نەقىل قىلغان ھەدىسلەرنى ئىنكار قىلىشقا، ئىككى ھەدىسنى زىتلاشتۇرۇپ سوقاشقا سېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ھەق ئەھلى ھېچقاچان بۇنداق يولغا كىرمەيدۇ. شەيخۇل ئىسلام مۇشۇنىڭغا ئىشارە قىلغان.-ت)
لېكىن، كىشى «لَا إلَهَ إلَّا اللَّهُ» نى چىن قەلبىدىن ئىمان كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، قەلبىدە چىن تەستىق قىلغان ھالەتتە تىلىدا ئېيتسا ۋە مۇشۇ ئېتىقادى ئۈستىدە ئۆلسە، بۇنداق كىشى دوزاختا مەڭگۈ قالمايدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن سەھىھ ھالەتتە نەقىل قىلىنغان ھەدىسلەردە كەلگىنىدەك، قەلبىدە قىچىنىڭ ئۇرۇقىچىلىك ئىمان بار كىشى دوزاختا مەڭگۈ قالمايدۇ. مۇسۇلمان ھېسابلانغانلار ئىچىدىكى ئوغرى، زىناخور، ھاراقكەش، يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈچى، جازانە يېگۈچى، يېتىمنىڭ مېلىنى يېگۈچى … قاتارلىق (ھەر قانداق چوڭ گۇناھنى قىلىپ ئۇنىڭدىن تەۋبە قىلمىغان ھالەتتە ئۆلگەن) پاسىق كىشىلەرگە كەلسەك، بۇنداق كىشىلەر دوزاختا دۇنيادا قىلغان گۇناھلىرىنىڭ مىقدارى بويىچە جازالىنىدۇ. سەھىھ ھەدىستە كەلگىنىدەك، ئۇلاردىن بەزىسىنى دوزاخ ئوتى ھوشۇقىغا قەدەر كۆيدۈرىدۇ، بەزىسىنى تىزىغىچە كۆيدۈرىدۇ، بەزىسىنى بېلىگىچە كۆيدۈرىدۇ. مانا بۇ خىل پاسىق مۇسۇلمانلار (گۇناھىنىڭ مىقدارىدا دوزاختا جازالانغاندىن كېيىن) ئاللاھ دوزاختىن ئازات قىلىدىغان دوزاخقا ئەھلى جۈملىسىدىندۇر. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر. [الفتاوى الكبرى لابن تيمية 2\377 ] — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com
مۇناسىۋەتلىك پەتىۋا:
جەھمىيە ۋە ئەشئەرىي پىرقىلىرى قانداق پىرقە؟ | ئەللامە ئابدۇلئەزىز راجىھىي پەتىۋاسى
مۇرجىئە پىرقىسى قانداق پىرقە؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى
فەقىھ مۇرجىئەلەر ئەھلى سۈننەتمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان [ئەرەپچە]