پېشىن نامىزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
پېشىن نامىزى تۆت رەكئەتلىك پەرز نامازدۇر. پېشىن نامىزى بامدات نامىزىدىن كېيىنكى، ئەسىر نامىزىدىن ئىلگىرىكى ناماز بولۇپ، قۇياش چۈشتىكى ئەڭ ئېگىز ھالىتىدىن پەسلەشكە باشلىغان ھامان پېشىن نامىزى ۋاقتى كىرىدۇ ۋە جىسىمنىڭ سايىسى ئۆز باراۋىرىدە بىر ھەسسە كەلگەنگە قەدەر داۋاملىشىدۇ.
ناماز ئوقۇماقچى بولغان ئايال كىشى چوقۇم لېچەك-ياغلىق قاتارلىقلار بىلەن بېشىنى بوينىنى ۋە مەيدىلىرىنى ئورۇشى كېرەك، چاچ ياكى بويۇنلىرى ئېچىلىپ قالماسلىقى كېرەك. چېچى ياكى باش بويۇنلىرى ئېچىلىپ قالغان ئايالنىڭ نامىزى دۇرۇس بولمايدۇ. بىلمەستىن ئازغىنە مۇددەت ئېچىلىپ قېلىپ، دەرھال ئوڭشىۋالسا بۇ دۇرۇس. شۇنداقلا، سەھىھ سۈننەتنىڭ ھۆكمىگە، شۇنداقلا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى سەھىھ سۈننەتكە تايىنىپ تۇرۇپ بەرگەن ھۆكمىگە بىنائەن، ناماز ئوقۇماقچى بولغان ئايال ئىككى پۇتىغا پايپاق كىيىشى كېرەك، ئايال كىشى پۇتلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ھالدا، يالىڭاچ پۇت بىلەن ناماز ئوقۇسا نامىزى دۇرۇس بولمايدۇ. ئەگەر پۇتىغا پايپاق كەيمىگەن تەقدىردە، كىيىمى ئۇزۇن بولسا، ئىككى پۇتىنى نامازنىڭ ھەممە ھالىتىدە ئۈستىدىكى كىيىمى يېپىپ تۇرسا، ئۇ ھالدا پايپاق كەيمەستىن ئوقۇغان نامىزى دۇرۇس. مەقسەت، مەيلى پايپاق مەيلى كىيىم نامازدا ئايال كىشىنىڭ ئىككى پۇتىنى يېپىپ تۇرۇشى لازىم. ئايال كىشىنىڭ نامازدىكى كىيىمى بەدەن شەكلىنى كۆرسىتىپ قويمىغۇدەك دەرىجىدە كەڭرى بولۇشى، بەدىنىنى كۆرسىتىپ قويغۇدەك دەرىجىدە نېپىز بولماسلىقى لازىم.
ئەرلەرنىڭ نامازدا پۇتى ياكى بېشى ئوچۇق قالسا بولىۋېرىدۇ. بۇنىڭدا چەكلىمە يوق. ئەرلەرنىڭ نامازدا سەللە كىيىۋېلىش ياكى باش كىيىمى كىيىۋېلىش ئەۋزەل ئەمەس، مۇستەھەپ ئەمەس، ئىبادەتمۇ ئەمەس. بۇ ھەقتە ھېچقانداق سەھىھ دەلىل يوق. يالاڭباش ئوقۇسا تامامەن دۇرۇس، بېشىدا باش كىيىمى بولسا باش كىيىمى بىلەن ئوقۇسىمۇ دۇرۇس. ئەرلەر نامازدا بېلىكى ياكى پاچىقى ئوچۇق ناماز ئوقۇسا دۇرۇس، ئەمما ئىككى مۈرىسىنى ياپالمايدىغان ئاسما مايكا بىلەن نامازغا تۇرسا بولمايدۇ. تىزىنى ياپالمىغۇدەك كالتە كىيىم بىلەن، نامازدا تۇرغاندا ياكى رۇكۇ سەجدىگە بارغاندا بېلى ياكى قورسىقى ئېچىلىپ قالغۇدەك كالتە گاڭسەر ياكى كۆينەك قاتارلىقلار بىلەن نامازغا تۇرسا دۇرۇس بولمايدۇ. بەدەن ئەزالىرىنى بىلنەشتۈرۈپ قويغۇدەك تار كىيىملەرنى كىيىپ ناماز ئوقۇسا بولمايدۇ.
پېشىن نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن (باشقا ھەر قانداق نامازدا شەرت بولغانغا ئوخشاش) تاھارەت ئالغان بولۇش شەرتتۇر. پېشىن نامىزى ئوقۇماقچى بولغان كىشى پاكىز جايدا تۇرۇپ، تاھارەتلىك ھالدا، ئىچكى ۋە تاشقى كىيىملىرى تۈرلۈك مەينەتچىلىكتىن (مەسىلەن چوڭ كىچىك تەرەت قالدۇقلىرىدىن، قاندىن، يىرىڭدىن، قۇسۇقتىن…) پاكىز بولغان ھالدا قىلبە تەرەپكە يۈز كەلتۈرىدۇ. ئاندىن قەلبىدە پېشىن نامىزىنى نىيەت قىلىپ «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ قوللىرىنى ئىككى قۇلىقى ياكى ئىككى مۈرىسى باراۋىرىدە كۆتۈرىدۇ. (نىيەتنى تىلىدا ئېيتمايدۇ. چۈنكى، ناماز تاھارەت ۋە باشقا نۇرغۇن ئىبادەتلەرنىڭ نىيىتىنى تىلدا ئېيتىش بىدئەت. نىيەتنىڭ ئورنى قەلىپ، تىل ئەمەس.) قوللىرىنى كۆتۈرگەندە، ئىككى ئالقىنى قىبلىگە قارايدۇ، قوللىرىنىڭ بارماقلىرى بىر-بىرىگە چاپلاشقان ھالەتتە قىبلىگە قارىتىلىدۇ. بارماقلار بىلەن قۇلاقنى تۇتۇش، ياكى قوللارنى قۇلاققا قارىتىپ ئاللاھۇ ئەكبەر دېيىش توغرا ئەمەس. قوللارنى قۇلاق باراۋىرىدە كۆتۈرگەندە — قوللارنى قۇلاقنىڭ ئاستىنقى يۇمشىقىغا تەگكۈزۈش توغرا بولمايدۇ، قوللار قۇلاققا ھېچبىر شەكىلدە تەگمەيدۇ. قولنى ئەڭ ئېگىز كۆتۈرگەندە، قول بارماقلىرىنىڭ ئۇچى ئىككى قۇلاقنىڭ ئاستىنقى يۇمشىقىغا قەدەر كېلىدۇ، شۇنداقلا ئالقانلار قۇللاققا قارىتا ئېگىلمەستىن، قۇلاققا يېقىنلاشتۇرۇلماستىن، يەر بىلەن توقسان گرادۇس ھالەتتە، يەنى بەدىنى بىلەن پاراللېل ھالەتتە كۆتۈرۈلىدۇ. قولنى ئەڭ پاكار كۆتۈرگەندە ئىككى مۈرە باراۋىرىدە كۆتۈرىدۇ. بەزىدە ئىككى قۇلاقنىڭ يۇمىشىقى باراۋىرىدە، بەزىدە ئىككى مۈرە باراۋىرىدە ئالماشتۇرۇپ كۆتۈرسە بولىدۇ. چوقۇم بىر خىل شەكىلدە كۆتۈرۈش شەرت ئەمەس. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ بەزىدە قۇلاق يۇمىشىقى باراۋىرىدە، بەزىدە مۈرە باراۋىرىدە ئىككى قولىنى كۆتۈرگەن.
ئاندىن، ئوڭ قولى بىلەن سول قولىنىڭ بېغىشىنى ياكى بېلىكىنى قاماللاپ تۇتۇپ قوللىرىنى كۆكرەكنىڭ ئۈستىگە (يەنى كىندىكنىڭ يۇقىرىسىغىراق) قويىدۇ. نامازنىڭ قىيام (ئۆرە تۇرغان ھالىتى) رۇكۇ ۋە تەشەھھۇدلىرىدا ئىككى كۆز دائىما سەجدە قىلىدىغان ئورۇنغا قاراپ تۇرىدۇ. ناماز ئوقۇۋېتىپ ئۇياق بۇياققا قاراشقا، ياكى ئاسمانغا قاراشقا بولمايدۇ.
نامازنىڭ قىيامىدا (ئۆرە تۇرغان ھالىتىدە) ۋە رۇكۇ ھالىتىدە ئىككى پۇت ئىككى مۈرە كەڭلىكىدە ئېچىپ تۇتۇلىدۇ. ئادەتتە ئىككى پۇتنىڭ ئۈچ-تۆت مۇش پاتقۇدەك دەرىجىدە ئېچىلسا مۇۋاپىق بولىدۇ. قىيام ۋە رۇكۇ ھالىتىدە ئىككى پۇت (ئىككى پاچاق ئارىسىنى) بەك كەڭرى ئېچىۋېلىش، ياكى ئىككى پۇتنى بەك يېقىن ئەكىۋېلىش، ياكى ئىككى پۇتنى بىر-بىرىگە جۈپلىۋېلىشقا بولمايدۇ.
ئاندىن «سۇنھانەكە ئاللاھۇ ۋەبىھەمدىكە، ۋەتەبارەكەسمۇكە، ۋەتەئەلا جەددۇكە، ۋەئىلائىلاھە غەيرۇك» دېگەن زىكىرنى ئوقۇپ، ئاندىن سۈرە فاتىھەنى ئۈزىنىڭ قۇلىقى ئاڭلىغۇدەك شەكىلدە (يېنىدا تۇرغان كىشىدىن باشقىلار ئاڭلىمىغۇدەك شەكىلدە) ئىچىدە ئوقۇيدۇ. سۈرە فاتىھەنى ۋە باشقا سۈرىلەرنى ۋە زىكىرلەرنى ئوقۇغاندا چوقۇم تىلى ۋە لەۋلىرى مىدىراش، ئوقۇۋاتقىنىنى ئۆز قۇلىقى ئاڭلاش لازىم. نامازدىكى قىرائەت ۋە دۇئالارنى ھەر قانداق ئەھۋالدا دىلىدا ئوقۇشقا، لېۋىنى ياكى كالپۇكىنى مىدىرلاتماي جىممىدە تۇرۇپ ئوقۇشقا بولمايدۇ. (ناماز ئوقۇغاننى دۈشمەن بىلسە تۈرمىگە سولاش ياكى ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئېغىر ئاقىۋەتكە قېلىش مۇمكىنچىلىكى بولسا، ئۇ ھالدا يۇقىرىقىدەك مەخپىي ئوقۇش دۇرۇس.)
سۈرە فاتىھەنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىگە ئاسان بولغان باشقا بىر سۈرىنى ياكى بىر ئايەتنى ياكى بىر نەچچە ئايەتنى ئوقۇيدۇ. بۇ چاغلاردا قوللار ئوخشاشلا ئوڭ قول سول بېغىشنى ياكى بىلەكنى قاماللاپ تۇتقان ھالدا كىندىكنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ. يۇقىرىقى بايان قىلغان ناماز قائىدىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەرلەرگىمۇ، ئاياللارغىمۇ ئوخشاش. ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ناماز ئوقۇش شەكلىدە پەرق يوق.
سۈرە فاتىھەدىن كېيىن يەنە بىر سۈرە ياكى ئايەت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاللاھۇ ئەكبەر دەيدۇ، باشتىكى نامازغا كىرىش تەكبىرىدە كۆتۈرگەنگە ئوخشاش ھالدا ئىككى قولنى مۈرە باراۋىرىدە ياكى ئىككى قۇلىقى باراۋىرىدە كۆتۈرۈپ ئاندىن رۇكۇ قىلىدۇ.
رۇكۇ قىلىش — بەلنى توقسان گرادۇس ئېگىپ، ئىككى ئالقان بىلەن ئىككى تىزنى قاماللاپ تۇتقان ھالدا تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ ھالەتتە تۇرۇپ «سۇبھانە رەببىيەل ئەزىم» دەپ ئۈچ قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ تاق قېتىم دەيدۇ. ئاندىن «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىھەھ» دەپ رۇكۇدىن بىلىنى رۇسلاپ تىك ھالەتتە تۇرۇپ ئىككى قولىنى باشتىكىدەك ئالقانلارنى قىبلىگە قاراتقان ھالدا ئىككى مۈرە باراۋىرىدە ياكى قۇلاق يۇمشىقى باراۋىرىدە كۆتۈرۈپ، ئاندىن باشتىكىدەك ئوڭ قول بىلەن سول قولنىڭ بېغىشىنى ياكى بېلىكىنى قاماللاپ تۇتىدۇ. بۇ ھالەتتە «رەببەنا ۋەلەكەل ھەمدۇ» دەيدۇ. ياكى «رەببەنا ۋەلەكەل ھەمدۇ ھەمدەن كەسىيرەن تەييىبەن مۇبارەكەن فىيھ» دەيدۇ.
ئاندىن ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ سەجدىگە بارىدۇ. سەجدىدە پېشانە ۋە بۇرۇن يەرگە تېگىپ تۇرىدۇ. شۇنداقلا، ئىككى ئالقان بارماقلار بىر-بىرگە چاپلانغان ھالدا ئىككى مۈرە ياكى ئىككى قۇلاق باراۋىرىدە سەجدىگاھقا قويىلىدۇ. ئىككى تىزىمىز سەجدىگاھقا قويىلىدۇ. ئىككى پۇتىمىزنىڭ ئىچى تەرىپىدىكى ھوشۇق قىسىمى بىر-بىرىگە چاپلانغان ھالدا، ئىككى پۇتىمىزنىڭ بارماقلىرى قىبلىگە قارىغان ھالدا قىبلىگە قارايدۇ. سەجدە قىلىش جەريانىدا ئىككى پۇت يەردىن كۆتۈرۈلۈپ كەتمەسلىكى لازىم. شۇنداقلا، سەجدە جەريانىدا جەينەكلەرنى ئىتقا ئوخشاش يەرگە چاپلىۋېلىش چەكلىنىدۇ. ئەرلەرمۇ، خانىم-قىزلارمۇ جەينەكلىرىنى يەرگە چاپلىۋالماي يەردىن كۆتۈرۈپ تۇتىدۇ. شۇنداقلا جەينەكلەرنى بىقىنغا چاپلىۋالماي ئېچىپراق تۇتىدۇ. مۇشۇ ھالەتتە «سۇبھانە رەببىيەل ئەئلا» دەپ ئۈچ قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ تاق قېتىم دەيدۇ. ئاندىن، مۇمكىنقەدەر سەجدىدە ياخشى دۇئالارنى ئوقۇۋېلىشقا بولىدۇ. ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن قاتارلىق ئالىملارنىڭ ئېيتقىنىدەك، سەجدىدە ھەر مىللەت ئۆزىنىڭ تىلىدا دۇئا قىلىشى دۇرۇس. چۈنكى، ئاللاھ ھەممە تىلنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. مۇسۇلمان بەندە ئۆزى بىلىدىغان تىلدا ئاللاھقا دۇئا قىلىپ يالۋۇرغۇچىدۇر. سەجدىدە ئاللاھتىن گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىشنى، ئۆزىنى ھەق دىندا سابىت قىلىشنى، ئۆزىنى تەقۋادارلاردىن قىلىشنى ۋە ئۆزىنى ئاللاھنى رازى قىلىدىغان سالىھ ئەمەل-ئىبادەتلەرنى قىلىشقا ئاللاھنىڭ ياردە بېرىشىنى تىلەش بەك مۇھىم. شۇنداقلا، سەجدىدە ئاللاھتىن دۇنياۋى ھەر قانداق ھاجىتىنى تىلىسە دۇرۇس بولىدۇ. مەسىلەن، «ئىي ئاللاھ ماڭا كەڭرى ئۆي بەرگىن، كېسىلىمگە شىپا بەرگەن، ماۋۇ ماۋۇ قىينچىلىقلىرىمنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن، ماۋۇ كېسىلىمگە شىپالىق بەرگىن…» دېگەندەك خالىغان دۇنياۋى نەرسىلەرنى سورىسا دۇرۇس بولىدۇ. سەجدە ئاللاھقا ئەڭ كۆپ يېىلىنىپ يالۋۇرىدىغان پەيت بولۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «كىشىنىڭ ئاللاھقا ئەڭ يېقىن پەيتى سەجىدىدىكى پەيتىدىدۇر. شۇڭا، سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىۋېلىشقا تىرىشىڭلار» دېگەن.
سەجدىدە ئۈچ قېتىم «سۇبھانە رەببىيەل ئەئلا» دەپ بولۇپلا سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرسە دۇرۇس بولىدۇ. ياكى، بۇنى ئۈچ قېتىم دەپ بولۇپ، يۇقىرىقىدەك خالىغان دۇئالارنى كۆپلەپ قىلىۋالسا، بۇ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئەۋزەلدۇر، بەندە ئۈچۈن تېخىمۇ مەنپەئەتلىكتۇر.
ئاندىن، سەجدىدىكى كىشى «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرىدۇ. بۇ ھالەتتە ئىككى ئالقىنى ئىككى تىزى بىلەن ئىككى يوتىسىغا قويىلىدۇ. پۇتلار قاتلىنىپ، ئوڭ پۇتنىڭ بارماقلىرى قىبلىگە قارىتىلىدۇ. مۇشۇ ھالەتتە «رەببىغفىرلى» دەپ ئۈچ قېتىم دەيدۇ. ئاندىن، ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ ئىككىنچى سەجدىگە بارىدۇ. ئىككىنچى سەجدىمۇ بىرىنچى سەجدە بىلەن ئوخشاش.
ئاندىن، ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ ئىككىنچى سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرىدۇ. مۇشۇنىڭ ئۈستىگىچە بولغان ھالەت نامازنىڭ بىرىنچى رەكئىتىنىڭ تۈگىگەنلىكىدۇر. ئاندىن ئورنىدىن تۇرىدۇ ۋە ئىككىنچى رەكئەتنى باشلايدۇ. يەنى، سۈرە فاتىھە ئوقۇيدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ كەينىگە بىر سۈرە ياكى ئايەت قېتىپ ئوقۇيدۇ. ئاندىن ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ رۇكۇغا بارىدۇ، يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك شەكىلدە رۇكۇدىن تۇرىدۇ، سەجدە قىلىدۇ ۋە ئىككىنچى سەجدىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، بىرىنچى رەكئەتتىن ئىككىنچى رەكئەتكە تۇرۇپ كەتكەندەك ئورنىدىن تۇرۇپ كەتمەستىن، ئىككى ئالقاننى ئىككى تىز ۋە ئىككى يوتىغا قويغان ھالدا، پۇتلىرىنى قاتلاپ، ئوڭ پۇتنىڭ پارماقلىرىنى قىبلىگە قارىتىپ ئولتۇرىدۇ. بۇنى تەشەھھۇد دەيمىز، يەنى بۇ پېشىن نامىزىنىڭ بىرىنچى تەشەھھۇدىدۇر. سەجدىدىن باشنى كۆتۈرۈپ تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇپ، مۇنۇ تەشەھھۇد دۇئاسىنى ئوقۇيمىز:
«ئەتتەھىيياتۇ لىللاھى، ۋەسسەلەۋاتۇ ۋەتتەييىبات، ئەسسەلامۇ ئەلەيھە ئەييۇھەن نەبىييۇ، ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، ئەسسالامۇ ئەلە ئىبادىللاھىس سالىھىن، ئەشھەدۇ ئەن لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئابدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھۇ.»
بۇ تەشەھھۇد دۇئاسىنى ئوقۇپ بولۇپ، ئۈچىنچى رەكئەت ئۈچۈن تۇرغاچ ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى رەكئەتتىكىدەك تىك تۇرىمىز. ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرغاندا، باشتا نامازغا كىرگەن چاغدىكىدەك ئىككى قولنى قۇلاق ياكى مۈرە باراۋىرىدە كۆتۈرۈپ، ئاندىن ئوڭ قول بىلەن سول قولنىڭ بېغىش ياكى بېلىكىنى قاماللاپ تۇتىمىز.
ئەسكەرتىش: نامازدىكى رۇكۇغا بېرىش، رۇكۇدىن تۇرۇش، ئاندىن سەجىدىگە بېرىش قاتارلىق ھەر بىر يۆتكىلىش، بەدەن ھالىتىنى ئۆزگەرتىشلەردە ئالدىراپ كەتمەي، تەمكىنلىك بۇ ھالەتلەردە بولۇش لازىم. رۇكۇدىن چالا پۇلا تۇرۇپلا رۇكۇدىن تۇرۇپ سەجدىگە بېرىش، سەجدىدە توخۇ دان چوقۇغاندەك پېشانىنى سەجدىگاھقا قويۇپلا دەرھال سەجدىدىن باشنى كۆتۈرۈش قاتارلىق ھەر قانداق ئالدىراپ كەتكەن ھالدا ئوقۇلغان ناماز دۇرۇس بولمايدۇ. تەمكىنلىك، نامازنى ھەر بىر ھالىتىدە مەلۇم مۇددەت تۇرۇش شەرت.
ئۈچىنچى رەكئەتتە سۈرە فاتىھەنى ئوقۇيمىز، سۈرە فاتىھەدىن كېيىن باشقا سۈرە ئوقۇمايمىز. ئاندىن رۇكۇ قىلىمىز، رۇكۇدىن تۇرىمىز، بىرىنچى سەجدىنى ۋە ئىككىنچى سەجدىنى قىلىمىز. ئاندىن تۆتىنچى رەكئەتكە تۇرىمىز.
ھەر قېتىم رۇكۇغا بارغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا ئىككى قولنى كۆتۈرۈپ قوللارنىڭ ئالقىنىنى قىبلە تەرەپكە قاراتقان ھالدا مۈرە ياكى قۇلاق باراۋىرىدە كۆتۈرىمىز.
تۆتىنچى رەكئەتمۇ ئۈچىنچى رەكئەتكە ئوخشاش. سۈرە فاتىھەدىن كېيىن باشقا سۈرە ئوقۇمايلا ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ رۇكۇغا بارىمىز، رۇكۇدىن تۇرىمىز، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى سەجدىنى قىلىمىز، ئاندىن، بىرىنچى تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندەك ئولتۇرىمىز.
ئەتتەھىياتۇ دۇئاسنى ئوقۇپ بولۇپ (يۇقىرىدا ئەتتىھىياتۇ دۇئاسى يېزىلدى)، ئاندىن «سەللى بارىك دۇئاسى ئوقۇيمىز». سەللى بارىك دۇئاسى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئوقۇلىدىغان دۇرۇت-سالامدۇر. سەللى بارىك دۇئاسى مۇنداق ئوقۇلىدۇ:
«ئاللاھۈممە سەللىي ئەلا مۇھەممەدىن ۋەئەلا ئالى مۇھەممەد، كەماسەللەيتە ئەلا ئىبراھىمە ۋە ئەلا ئالىي ئىبراھىمە ئىننەكە ھەمىيدۇن مەجىيد. ئاللا ھۈممە بەرىك ئەلا مۇھەممەدىن ۋە ئەلا ئالىي مۇھەممەد، كەما بارەكتە ئەلا ئىبراھىمە ۋە ئەلا ئالىي ئىبراھىمە ئىننەكە ھەمىيدۇن مەجىيد.»
سەللىي بارىك دۇئاسىدىن كېيىن، خالىغان دۇئالارنى ئوقۇساق ياخشى. مەسىلەن، «رەببەنا ئاتىنا فىد دۇنيا ھەسەنەتەن ۋە فىل ئاخرەتى ھەسىنەتەن ۋەقىنا ئازابەن نار» دۇئاسىنى ئوقۇساق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزىمىزنىڭ دىنى، دۇنيالىقىمىز، ئاتا-ئانىمىز، ئائىلىمىز، بالا-چاقىمىز، تۇغقانلىىرمىز، دوستلىرىمىز ۋە جىمىي ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن ھەر قانداق ياخشى دۇئالارنى بىلسەك ئەرەپ تىلىدا، بولمىسا ئۇيغۇر تىلىدا تىلىمىزنى ۋە لەۋلىرىمىزنى مىدراتقان ھالدا ئىچىمىزدە ئوقۇيمىز. ئاللاھتىن دىندا مۇستەھكەم قىلىشنى، قۇرئانغا ۋە سۈننەتكە چىڭ يېپىشقان تەقۋادار مۆمىنلەردىن بولۇشنى تىلىشىمىز، ھەر قانداق توغرا دۇنياۋى ھاجىتىمىزنى خىجىل بولماستىن ئاللاھتىن سورىشىمىز بەك ياخشىدۇر. سەھىھ ھەدىستە دېيىلگىنىدەك ئاللاھ بەندىسىنىڭ ئۆزىگە دۇئا قىلىپ ئۆزىگە لازىملىق ۋە مەنپەئەتلىك نەرسىلەرنى سورىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئاللاھ ئۆزىگە دۇئا قىلمايدىغان، تىلىمەيدىغان كىشىنى ئۆچ كۆرىدۇ.
تەشەھھۇد دۇئاسىنى ئوقۇشتىن باشلاپ تاكى ئۆزىمىز خالىغان دۇئالارنى قىلىپ تۈگىتىپ ئوڭ سولغا سالام بەرگەنگە قەدەر ئوڭ قولىمىزنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ يېنىك مىدىرلىتىپ تۇتىمىز. سەھىھ سۈننەتتە مۇشۇنداق كەلگەن.
دۇئالىرىمىز تۈگىگەندە ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ دەپ ئوڭ تەرەپكە سالام بېرىپ، بېشىمىزنى ئوڭغا بۇرايمىز، ئاندىن ئەسسالامۇ ئەلەيھۇم ۋەرەھمەتۇلاھ دەپ بېشىمىزنى سول تەرەپكە بۇراپ سالام بېرىمىز. مانا مۇشۇنىڭ بىلەن تۆت رەكئەتلىك پېشىن نامىزىنى تۈگەتكەن بولدۇق.
ناماز جەريانىدا قەلبىمىزدە باشقا دۇنياۋىي ئويلارنى ئويلىمىغان ھالدا، ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرۇپ، ئاللاھتىن ئەيمىنگەن، قورققان ۋە ئاللاھتىن ئۈمۈت قىلىپ، ئاللاھقا باغلانغان ھالدا ھۆرمەت بىلەن تۇرىمىز، خارلىق بىلەن سەجدە قىلىپ تۆۋەنچىلىك بىلەن رۇكۇ قىلىمىز. دىلىمىزدا ھەر دائىم ئاللاھنىڭ بىزنىڭ نامىزىزنى، تىلاۋىتىمىزنى ۋە دۇئالىرىمىزنى ئاڭلاپ، بىزنى كۆرۈپ ۋە قۇلاق سېلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرىمىز. ئوقۇۋاتقان ئايەت ۋە زىكىر ۋە دۇئالارنىڭ مەنىسىنى بىلىپ ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىمىز. نامازنى ئالدىرىماستىن، تەمكىنلىك بىلەن، ئەستايىدىللىق بىلەن، ئاللاھتىن ساۋاپ كۈتكەن، ئاللاھتىن گۇناھلىرىمىزنى مەغفرەت قىلىشىنى كۈتكەن ھالدا ئوقۇيمىز.
سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن ناماز تۈگەن ھېسابلىنىدۇ. سالامدىن كېيىن «ئەستەغفرۇللاھ» دەپ ئۈچ قېتىم دېيىش، «ئاللاھۈممە ئەتەس سالام ۋە مىنكەس سالام، تەبارەكتە يازەل جەلالى ۋەلئىكرام» دېيىش ئەۋزەل. دېمىسە گۇناھ يوق. بۇنىڭدىن كېيىن، ئايەتەل كۇرسىي، سۈرە ئىخلاس، سۈرە فەلەق ۋە سۈرە ناسنى ئوقۇپ، ئاندىن 33 قېتىم «سۇبھانەللاھ»، 33 قېتىم «ئەلھەمدۇلىللاھ»، 34 قېتىم «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ زىكىر ئوقۇش رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كۈچەپ تەۋسىيە قىلغان پەزىلەتلىك ئەمەل. بۇ زىكىرلەرنى قىلغۇچى كاتتا ساۋاپقا ئېرىشىدۇ، قىلمىغۇچىغا گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن سۈننەتنى تەرك ئەتكەنلىكى ئۈچۈن بۈيۈك ساۋاپ ۋە پەزىلەتتىن مەھرۇم قالىدۇ.
دۇئا نامازنىڭ ئىچىدە قىلىنىدۇ، ماقالىدە بايان قىلىنغىنىمىزدەك ھەر قانداق ھاجىتى بار كىشى نامازدىكى سەجدىلەردە ۋە تەشەھھۇدتا بارچە دۇئاسىنى (ئەرەپ تىلىنى پىششىق بىلمىگەن تەقدىردە) ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا، يەنى ئۇيغۇر تىلىدا قىلىشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ. دۇئانى ناماز ئوقۇپ بولۇپ، ئىككى قولنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ قىلىشنىڭ سۈننەتتە ھېچقانداق ئورنى يوق. سۈننەتكە زىت ئەمەسل ھساپلىنىدۇ.
ئاللاھ ھەممىمىزنى نامازلىرىمىزنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئوقۇغاندەك توغرا شەكىلدە ئوقۇپ، باشقا ئىبادەتلىرىمىزنىمۇ قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قىلىپ، ھاراملاردىن ئۇزاق تۇرۇپ، پەرزلەرنى بىجاندىللىق بىلەن ئورۇندايدىغان تەقۋادار مۆمىنلەردىن بولغان ھالدا ياشاپ، مۇشۇ ھالىتىمىزدە ۋاپات تېپىشقا نېسىپ قىلسۇن.
— فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەييارلىدى