ياخشى دىنىي مەزمۇنلارنى ئىزچىل تارقىتىپ تۇرۇش — كىشىنىڭ بۇ ھەق دىننى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىڭ، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ھەقكە ئەگىشىشىگە بولغان كۈچلۈك ئارزۇسىنىڭ ئاشكارا ئىپادىسىدۇر. ياخشى دىنىي ماقالە، ئەسەرلەرنى ئىز قوغلاپ ئوقۇيدىغان ۋە ئىزچىل تارقىتىدىغان كىشىلەر ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ، لېكىن بۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ئورنى ئۇنداق قىلمايدىغانلارغا قارىغاندا كۆپ ئۈستۈندۇر. ھەقنى، يەنى ئايەتلەرنى، ھەدىسلەرنى، قۇرئان تىلاۋەتلىرىنى، پايدىلىق ماقالە-ئەسەرلەرنى ئىزچىل تارقىتىپ، تەۋسىيە قىلىپ تۇرۇش ئەڭ بۈيۈك سالىھ ئەمەللەر جۈملىسىدىندۇر. ھەر قانداق سالىھ ئەمەل — ئۇ مەيلى قانچىلىك ئاسان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر — كىشى ئۇنى قىلىشقا ئۆزىنى زورلىمىسا، ئاللاھ ئۇنى شۇ سالىھ ئەمەلگە مۇۋەپپەق قىلمايدۇ.
نۇرغۇن بەش ناماز مۇسۇلمانلار تەمرەتكىگە پايدىلىق، باش ئاغرىقىغا پايدىلىق راست ياكى يالغان رېتسىپلارنى ھە دەپ كۈچەپ تارقىتىدۇ-يۇ، كىشىنىڭ ئېتىقادىغا، نامىزىغا، ئەخلاقىغا پايدىلىق دىنىي مەزمۇنلارنى تارقىتىشتىن يولۋاستىن قاچقاندەك قاچىدۇ. ھەق بىباھادۇر، ھەقنىڭ قەدرىگە ھەممىلا ئادەم يەتمەيدۇ. كىچىك بالىغا قىممەت باھالىق ۋە سالامەتلىك ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق بېلىق يېغى بىلەن، ئەرزان باھالىق شاكىلات تەڭلەنسە، كىچىك بالا بېلىق يېغىنى تاشلاپ، شاكىلاتنى ئالىدۇ. ئەرزىمەس نەرسىلەرگە خېرىدارلىق قىلىپ، قىممەتلىك ھەقكە دۈمبىسىنى قىلىۋالىدىغانلارنىڭ يېشى قانچە چوڭ بولسۇن، ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى قىلمىشى ئەنە شۇنداق كىچىك بالىلارنىڭ قىلمىشىغا ئوخشاشتۇر. ھەممىدىن بەك ئايەت-ھەدىسلەرنىڭ خېرىدارى بولايلى. ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئەنە شۇ يەردىدۇر. ھەقنىڭ خېرىدارلىرىغا خۇش مۇبارەك بولسۇن. — فۇرقان دەۋەت مەركىزى