جۈمە كۈنىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان پەيت قايسى؟ | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إنَّ فِي الجُمُعَةِ لَساعَةً، لا يُوافِقُها مُسْلِمٌ، قائِمٌ يُصَلِّي، يَسْألُ اللهَ خَيْرًا، إلّا أعْطاهُ إيّاهُ» وقالَ بِيَدِهِ: يُقَلِّلُها يُزَهِّدُها)) «جۈمە كۈنىدە بىر پەيت بولۇپ، قايسى بىر مۇسۇلمان ناماز ئوقۇغان ھالەتتە ئۇ پەيتكە توغرا كەلسە ۋە ئاللاھتىن ياخشىلىق تىلىسە، ئاللاھ جەزمەن ئۇنىڭ تىلىكىنى بېرىدۇ.» رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇشۇنداق دەپ بولۇپ، قولى بىلەن ئىشارەت قىلىپ بۇ پەيتنىڭ مۇددىتىنىڭ قىسقا ئىكەنلىكىنى ئىشارە قىلدى. hedisim.com (بۇخارى 883؛ مۇسلىم 1406؛ رىيازۇس سالىھىن 1156)

ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن: جۈمە كۈنىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى بۇدۇر. بۇ پەيت شۇنداق بىر پەيتكى، بۇ پەيتتە ئاللاھتىن تىلىگەن ھەر قانداق نەرسەڭنى ئاللاھ ساڭا بېرىدۇ. ئەمما، سەن سورىغان ئىش ياكى نەرسە گۇناھلىق ئىش ياكى نەرسە بولماسلىقى، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە ئالاقىدار بولماسلىقى كېرەك. (دىققەت قىلىدىغان نۇقتا شۇكى) ھەدىستە «ناماز ئوقۇغان ھالەتتە ئۇ پەيتكە توغرا كەلسە» دېيىلگەن. بۇ قىسقا بىر پەيت بولۇپ، ئالىملار ئارىسىدا بۇ پەيتنىڭ جۈمە كۈنىنىڭ ئاۋۋالقى ۋاقتىمۇ، ياكى ئوتتۇرىسىمۇ، ياكى جۈمە كۈنىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدىمۇ، زادى قايسىسىدا ئىكەنلىكى توغرىسىدا پىكىر ئىختىلاپى مەۋجۇت.

بۇ پەيتنىڭ جۈمە كۈنىنىڭ قايسى ۋاقتىغا توغرا كېلىدىغانلىقىغا، ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھەقتە نەقىل قىلغان ھەدىستە بىر قەدەر ئاشكارا بولغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇشۇ پەيتكە ئائىت باشقا ھەدىسلىرىدە ئىمام مۇنبەرگە چىققاندىن باشلاپ، جۈمە نامىزىنى ئوقۇپ تۈگەتكەنگە قەدەر داۋاملىشىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. يەنى، ھەدىستە دېيىلگەن دۇئا ئىجابەت پەيتى ئىمام مەسجىدكە كىرىپ، ئىنسانلارغا سالام بېرىپ، مۇنبەرگە ئولتۇرغان ۋاقىتتا باشلىنىدۇ. مەلۇم بولغىنىدەك، ئىمام خۇتبە ئوقۇش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرغىنىدا جامائەت گەپ-سۆز قىلماسلىقى، ئىمامغا قۇلاق سېلىشى كېرەك. ئەمما، ئىمام ئىككى خۇتبە ئارىسىدا ئولتۇرغاندا ۋە جۈمە نامىزى ئىچىدە دۇئا قىلىنسا بولىدۇ. پەرز نامازدا دۇئا قىلىش قوبۇل بولۇنىشقا تېخىمۇ يېقىندۇر. چۈنكى، بۇ پەيتتە ئىنسان ئاللاھقا سەجدە ھالىتىدۇ بولىدۇ، بۇ ئىنساننىڭ رەببىگە ئەڭ يېقىن بولغان پەيتىدۇر. بۇ ۋەجىدىن بىز، ھەدىستە ئېيتىلغان دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقتنى ئىمام مۇنبەرگە چىقىپ ئولتۇرغان چاغدا باشلىنىپ، جۈمە نامىزىنىڭ پەرزنى ئوقۇپ تۈگەتكەن پەيت ئارىسىدا دەپ قارايمىز. ئۇنداقتا، ئىي قېرىندىشىم، بۇ پەيتتە چىڭ تۇرۇپ، ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلغىن. ئۈمىدكى، ئاللاھ دۇئالىرىڭنى ئىجابەت قىلغۇسى. دۇئا قىلغىنىڭدا ھېيىقما، ئاللاھتىن سورىماقچى بولغان نەرسەڭنى چوڭ نەرسە دەپ بىلىۋالما. چۈنكى، ئاللاھنىڭ لۇتفى ئالددا ھېچقانداق چوڭ نەرسە يوق. ئاللاھتىن ھەر قانچە چوڭ، بۈيۈك ئىشنى تىلىسەڭمۇ، تىلىگىنىڭنى ساڭا ئاتا قىلىش ئاللاھقا ئاساندۇر. ئۆز نەزىرىڭدە ھەر قانچە چوڭ نەرسىنى تىلىسەڭمۇ ئۇ ئاللاھ ئۈچۈن كىچىكتۇر ۋە ئاددىي نەرسىدۇر. ئۇنداق ئىكەن، بۇ ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى بىل. ئاللاھقا يالۋۇرۇپ، چىڭ تۇرۇپ دۇئا قىلىشقا سەل قارىما.

بۇ پەيتنىڭ قايسى پەيت ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئىككىنچى خىل كۆز قاراش ئەسىر نامىزىدىن كېيىن باشلىنىپ، كۈن پاتقىچە داۋاملىشىدۇ، دېگەن قاراشتۇر. بۇ ۋاقىتتا دۇئالارنىڭ ئىجابەت قىلىنىشى ئۈمىد قىلىنىدۇ. ئەمما، بۇ پەيت رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «ناماز ئوقۇغان ھالەتتە ئۇ پەيتكە توغرا كەلسە» دېگەن سۆزىگە زىت كېلىپ قالىدۇ. چۈنكى، (رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەردە بىلىنگىنىدەك) ئەسىر نامىزىدىن كېيىن  شام نامىزى كىرگۈچە ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ. بىراق، بۇ زىتلىقنى يوق قىلىش ئۈچۈن مۇنۇ چارىلەرنى بايان قىلىش مۇمكىن: كىشى ئەسىر نامىزىدىن كېيىنكى بۇ پەيتتە تاھارەت ئالىدۇ ۋە تاھارەتتىن كېيىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيدۇ. ياكى، (سەھىھ ھەدىستە كەلگىنىدەك) ئىنسان بىر نامازنى ئوقۇپ بولۇپ باشقا بىر نامازنى ساقلاپ ئولتۇرسا نامازنىڭ ئىچىدە تۇرغاندەك ھېسابلىنىدۇ.

لېكىن، بىز ئىجابەت پەيتىنىڭ ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىسلەردە بىلىنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىكەنلىكى قانائىتىدىمىز. جۈمە كۈنىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان بۇ پەيت ھەققىدە سۆزلەنگەن باشقا خىلمۇ خىل قاراشلارنىڭ روشەن دەلىلى يوق. (شرح رياض الصالحين) — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

ئەسكەرتىش: ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ نامازدىكى دۇئالارنى كىشىنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇشنىڭ دۇرۇسلۇقىنى ئېيتقان، بۇنى رەت قىلغان، ئەرەپچە ئوقۇشى لازىم دېگەن قاراشلارنىڭ، ئانا تىلى ئەرەپچە بولمىغان كىشىلەرگە مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى، شۇڭا رەت قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. يەنى، ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا، نامازنىڭ سەجدە، تەشەھھۇدلىرىدا — مەيلى ئۇ نەپلە ياكى پەرز ناماز بولسۇن — كىشىنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا (ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا) دۇئا قىلىشى دۇرۇس.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ