بەدەندىن چىققان يىرىڭ ۋە زەرداپ تاھارەتنى بۇزامدۇ؟

بەدەندىن چىققان يىرىڭ ۋە زەرداپ چىقسا تاھارەتنى بۇزامدۇ؟

بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم

مۇجتەھىد، مۇھەددىس، فەقىھ، ئىمام ئىبنى مۇنزىر (ۋاپاتى: 319) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئەھلى ئىلىم يىرىڭ ۋە زەرداپنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقان بولۇپ، بىر بۆلۈك ئەھلى ئىلىم «يىرىڭ ۋە زەرداپنىڭ ھۆكمى قاننىڭ ھۆكمى بىلەن ئوخشاش» دەپ قارىغان. بۇ ئىبراھىم نەخەئىي، مۇجاھىد، ئەتا، ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير، قەتادە، شەئبىي قاتارلىق تابىئىن ئالىملارنىڭ ھۆكمىدۇر. بىر بۆلۈك ئالىم يىرىڭ ۋە زەرداپ تاھارەتنى بۇزمايدۇ دېگەن، بۇ ھەسەن بەسرى قاتارلىق تابىئىن ئالىملارنىڭ ھۆكمىدۇر. ئىمام ئەۋزائى يىرىڭ ۋە زەرداپ تاھارەتنى بۇزمايدۇ دېگەن. ئىمام ئەھمەد يىرىڭ ۋە زەرداپ ھۆكۈم جەھەتتە قاندىنمۇ يەڭگىلدۇر، دېگەن. ئىمام ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ قاندىن باشقا ھېچقانداق نەرسە تاھارەتنى بۇزمايدۇ، دېگەن. (الأوسط في السنن والإجماع والاختلاف 1\183) يۇقىرىقى ھۆكۈملەرنى بايان قىلغان، 3-ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر مۇجتەھىد، مۇھەددىس، فەقىھ ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىقى بايانلاردىن كېيىن مۇنداق دېگەن: «يىرىڭ، زەرداپ سەۋەبلىك تاھارەت ئېلىش ۋاجىپ بولىدۇ، دەيدىغانلارنىڭ دەلىلى يوق.» (الأوسط في السنن والإجماع والاختلاف 1\183)

زامانىمىزدىكى فىقھ مۇتەخەسسىسى، پەزىلەتلىك ئالىم سەئىد خەسلان مۇنداق دېگەن: توغرا كۆز قاراشقا بىنائەن، بەدەندىن چىققان يىرىڭ ۋە زەرداپ (ئالدى ياكى كەينى جىنسىي يولدىن چىقمىغانلىكى تەقدىردە) تاھارەتنى بۇزمايدۇ. يىرىڭ بىلەن زەرداپنىڭ تاھارەتنى بۇزۇدىغانلىقىغا ئوچۇق دەلىل يوق. (شەيخ، پروفسور دوكتور سەئىد خەسلان ھافىزەھۇللاھ) [مەنبە ئۈچۈن چېكىڭ]

ئىمام ئىبنى باز، ئىبنى ئۇسەيمىن، ئەلبانى قاتارلىق يېڭى زامان ئالىملىرىمۇ يۇقىرىقىدەك پەتىۋا بەرگەن.

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جاراھىتىدىن قان ئېقىپ تۇرغان ھالەتتە ناماز ئوقۇغان. (المدونة ١/١٢٦)

ئەبۇ ئەۋفا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاغزىدىكى قاننى تۈكۈرۈۋېتىپ نامىزىنى داۋام قىلغان.

ئىمام مالىك جاراھەتتىن كىيىمگە يۇققان يىرىڭ، زەرداپ كۆپ بولمىسا، بۇنداق كىيىمدە ناماز ئوقۇشنى جائىز دېگەن، يىرىڭ زەرداپ كۆپ چىقىپ كەتسە، بۇنداق كىيىمدە ناماز ئوقۇماسلىققا ھۆكۈم بەرگەن. ئىبنۇل قاسىم رەھىمەھۇللاھ ئېيتقاندەك، ئىمام مالىك يىرىڭ ۋە زەرداپنى قاننىڭ ھۆكمى بىلەن ئوخشاش دېگەن. ئىمام مالىك بەدەندىكى جاراھەتتىن، چاقىدىن چىققان قان (يىرىڭ ياكى زەرداپ) ئاز مىقداردا بولسا، ئۇنى سۈرتىۋېتىپ، نامىزىنى داۋام قىلىۋېرىدۇ دېگەن. (المدونة ١/١٢٦)

ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: قان يىرىڭ مەيلى ئاز چىقسۇن، مەيلى كۆپ چىقسۇن، سەھىھ قاراشقا ئاساسەن تاھارەتنى بۇزمايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان. (المجموع شرح المهذب  ٣/١٣٥)
— مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى | mujtehid.com

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ