بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إِذَا أَمَّنَ الْإِمَامُ فَأَمِّنُوا، فَإِنَّهُ مَنْ وَافَقَ تَأْمِينُهُ تَأْمِينَ الْمَلَائِكَةِ غُفِرَ لَهُ مَا تَقَدَّمَ مِنْ ذَنْبِهِ)) «ئىمام ئامىن دېسە سىلەرمۇ ئامىن دەڭلار. چۈنكى، كىمنىڭ ئامىن دېيىشى پەرىشتىلەرنىڭ ئامىن دېيىشىگە ئۇدۇل كېلىپ قالسا، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنىدۇ.» ئىبنى شىھاب مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئامىن دەيتتى. hedisim.com (مالىك مۇۋەتتا 288؛ مۇسنەد شافىي 1\37؛ مۇسنەد ئەھمەد 7\37؛ سەھىھۇل بۇخارى 780؛ سەھىھۇل مۇسلىم 410؛ سۇنەن ئەبۇ داۋۇد 936؛ سۇنەن تىرمىزى 650؛ سۇنەن نەسائىي 967؛ سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە 570) ھەنەفىي مەزھەپ ئالىمى تاھاۋى رەھىمەھۇللاھ «ئۆلىمالارنىڭ ئىختىلاپى» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: بىزنىڭ ھەنەفىي مەزھىبىدىكىلەر، شۇنداقلا سۇفيا سەۋرىي، شافىي ۋە لەيس (ئىبنى سەئىد قاتارلىق مۇجتەھىدلەر) «ئىماممۇ، جامائەتمۇ <ئامىن> دەيدۇ» دېگەن. مالىك «ئىمام ئامىن دېمەيدۇ، لېكىن جامائەت ئامىن دەيدۇ، ئىمام يالغۇز ناماز ئوقۇغان بولسا <ئامىن> دەيدۇ» دېگەن. (اختلاف العلماء للطحاوي – اختصار الجصاص 1\202) ئىمام ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىقى ھەدىسنى نەقىل قىلىپ بولۇپ مۇنداق دېگەن: ھەدىستە «ئىمام ئامىن دېسە سىلەرمۇ ئامىن دەڭلار» دېيىلدى. بۇ ئىمامنىڭ «ئامىن» نى ئاشكارا دەيدىغانلىقىغا ئوچۇق-ئاشكارا دەلىلدۇر. ئىمامنىڭ (ئۈنلۈك قىرائەتلىك نامازلاردا) ئامىننى ئاشكارا دېمەسلىكى دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، ئىمام (ئۈنلۈك قىرائەتلىك نامازلاردا) «ئامىن» نى مەخپىي دېسە، ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان كىشىلەر ئىمامنىڭ «ئامىن» دېگىنىنى بىلەلمەي قالىدۇ. (نەتىجىدە ھەدىستە بۇيرۇلغاندەك «ئامىن» دېيىشتىن مەھرۇم قالىدۇ.) (الأوسط في السنن والإجماع والاختلاف 3\130) ئىبنى بەتتال سەھىھۇل بۇخارى شەرھىدە مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىس ئىمامنىڭ ئامىن دەيدىغانلىقىغا دەلىل بولىدۇ. (شرح صحيح البخاري-ابن بطال ٢/٣)
تابىئىنلاردىن مەنسۇر ئىبنى مەيسەرە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: مەن (ساھابە) ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇدۇم. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ {غَيْرِ الْمَغْضُوبِ عَلَيْهِمْ وَلا الضَّالِّينَ} نى ئوقۇپ بولۇپ «ئامىين» دەيتتى. بىز ئۇنىڭ «ئامىين» دېگىنىنى ئاڭلايتتۇق. ئاندىن جامائەتمۇ «ئامىين» دەيتتى. hedisim.com (أخرجه عبد الرزاق ٢/٩٥)
ئىمام ئەھمەدنىڭ ئوغلى سالىھ دادىسى ئىمام ئەھمەدتىن «(نامازدا سۈرە فاتىھەدىن كېيىن) <ئامىن>نى ئاشكارا دەمدۇق؟» دەپ سورىۋىدىم، دادام «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ھەئە. ھەم ئىمام، ھەم جامائەت ئاشكارا <ئامىن> دەيدۇ» دېدى. (ئىمام ئىبنى قەييىم: ئىئلامۇل مۇۋەققىئىين 2\591) — مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى