مۆمىنلەرگە جىددىي تەۋسىيە
ئەزىز مۇسۇلمانلار! فېيسبۇك، ئىنستاگرام، تۋىتىر قاتارلىق ئىشلەتكۈچىنىڭ كۆڭۈل ئېچىشى، ياسىغۇچىنىڭ پۇل تېپىشى ئۈچۈن بازارغا سېلىنغان كۆڭۈل ئېچىش ۋاستىلىرىدە يېرىم-يالىڭاچ ئەرلەر، ناخشا-مۇزىكا، زىنا-پاھىشە قاتارلىق باتىل مەزمۇنلار باتىل ئەھلى تەرىپىدىن توختاۋسىز رەۋىشتە تارقىتىلىپ تۇرۇلىۋاتىدۇ. باتىل ئەھلىنىڭ بۇ تىرىشچانلىقى كىشىلەرنى ئۆيىدە ئولتۇرۇپلا كۆز، قەلب ۋە تىل زىناسىغا مۇپتىلا قىلىۋاتىدۇ. بۇ كۆڭۈل ئېچىش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەتكۈچى ھەق ئەھلىنىڭ بۇ ۋاسىتىلەردە ھەقنى كۈچەپ تارقىتىشنىڭ ئورنىغا، تۈگۈلۈپ تۇرۇۋېلىش ئارقىلىق باتىلغا تاماشىبىن بولۇۋاتقىنى — مەسىلىنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق تەرىپىدۇر.
باتىل ئەھلىنىڭ باتىل مەزمۇنلارنى تارقىتىشتىكى تىرىشچانلىقىنىڭ ئەكسىچە، ئۆزىنى ھەق ئەھلى دەپ قارايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن ئىسلامىي مەزمۇنلارنى تارقىتىشتىكى سۇسلىقىنى ۋە بوشاڭلىقىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەشتە قىيىن بىر ھالەتتىمىز. مۇسۇلماننىڭ نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىشى ھەر زامان پەرزدۇر. ھەقنى تارقىتىش ئۈچۈنمۇ، ئەڭ ئاددىي بىر ياخشىلىقنى قىلىش ئۈچۈنمۇ كىشى ئۆز نەپسىنى زورلىمىسا، نەپسىگە قارشى جىھاد قىلمىسا، ئۇ ياخشىلىققا مۇۋەپپەق بولالمايدۇ. ئىسلام نۇرىنى جاھانغا تارقىتىش، كىشىلەرنىڭ شەيتاننىڭ يوللىرىغا ئەمەس، ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ يولىغا ئەگىشىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر. بۇ ۋەجىدىن، فۇرقان دەۋەت مەركىزىمىز مەزكۇر كۆڭۈل ئېچىش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەتكۈچى مۇسۇلمانلارنى باتىلغا تاماشىبىن بولماسلىققا، ھەقنى تارقىتىشقا دۈمبىسىنى قىلىۋالماسلىققا چاقىرىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئالدىغا ھارام مەزمۇنلارنىڭ ئۇچراۋېرىشىدىكى سەۋەبلەردىن بىرى، ھەق ئەھلىنىڭ ئىسلامىي مەزمۇننى ئىزچىل تارقىتىپ تۇرماسلىقىدۇر. ساھابىلەر جېنى بەدىلىگە تارقاتقان بۇ دىننى، ئىمكانىيىتى بار تۇرۇپ، بارماقلىرى بىلەن بىر-ئىككى كونۇپكىنى بېسىش ئارقىلىق بەكمۇ ئاسان ھالدا تارقىتىپ قويۇشقا كۆڭۈلشىمىگۈچى ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا، ھەق دىن ئۈچۈن جان بەرگەنلەرگە ئەسلا يۈز كېلەلمەيدۇ. مەزكۇر كۆڭۈل ئېچىش ۋاستىلىرىنى ئىشلەتكەن ئىكەنسىز، ئۇنىڭدا ھەقنى تارقىتىشتىن ئىبارەت ۋەزىپىڭىزگە سەل قارىسىڭىز، بۇ قىلمىشىڭىز قىيامەت كۈنى سىزگە ھەسرەت ئېلىپ كېلىدۇ. مېلى نىسابىغا يەتكەن كىشىنىڭ زاكات بېرىشى پەرز بولغىنىدەك، قولىدا بۇ ۋاستىلەر بار كىشىنىڭ (ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش يۈزىسىدىن) قولىدىن كېلىشىچە ھەقنى تارقىتىشى پەرزدۇر. — فۇرقان دەۋەت مەركىزى