قۇرئان ئوقۇپ ساۋابىنى ئۆلۈككە ئاتاشنىڭ ھۆكمى
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ۋاپات بولۇپ كەتكەن كىشىگە قۇرئان ئوقۇپ، ساۋابىنى ئاتاش مەسىلىسىدە، شافىي مەزھىبىدىكى مەشھۇر قاراش، بۇنداق قىلىشنىڭ ساۋابى ئۆلۈككە يېتىپ بارمايدۇ، دېگەن قاراشتۇر. شرح مسلم» (1/90)
ئىمام نەۋەۋى پەتىۋالىرى توپلىمىدا مۇنداق كەلگەن:
سوئال: ۋاپات بولۇپ كەتكەن كىشىگە ئاتاپ سەدىقە قىلسا، دۇئا قىلسا، ياكى قۇرئان تىلاۋەت قىلسا، بۇنىڭ ساۋابى ۋاپات بولغۇچىغا يېتەمدۇ؟
جاۋاب: مىيىت ئۈچۈن قىلىنغان دۇئانىڭ ساۋابى ۋە سەدىقىنىڭ ساۋابى مىيىتقا يېتىدۇ، مۇشۇنداقلىقىدا ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ئىجمائى مەۋجۇت.
لېكىن، ئىسلام ئۆلىمالىرى قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ ساۋابىنى ئۆلۈككە ئاتىسا، بۇنىڭ ساۋابىنىڭ ئۆلۈككە يېتىش يەتمەسلىكىدە ئىختىلاپلاشقان. ئىمام ئەھمەد ۋە شافىي مەزھىپىدىكى بەزى ئالىملار «قۇرئان ئوقۇپ ئۆلۈككە ئاتىسا، بۇنىڭ ساۋابى ئۆلۈككە يېتىدۇ» دېگەن. ئىمام شافىي ۋە باشقا كۆپچىلىك ئالىم: «قۇرئان ئوقۇپ ئۆلۈككە ئاتىسا، ساۋابى ئۆلۈككە يېتىپ بارمايدۇ» دېگەن. (ئىمام نەۋەۋى پەتىۋالىرى 83-بەت)
ئىمام شافىينىڭ ۋە بۇ جەھەتتە ئۇ زاتقا ئوخشاش ھۆكۈمنى ياقىلىغۇچى ئالىملارنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ ساۋابىنى باشقىلارغا ئاتاشقا بولمايدۇ دېيىشىدىكى دەلىللەردىن بىرى مۇنۇ ئايەتتۇر: {وأن ليس للإنسان إلا ما سعى} {(ئاخىرەتتە) ئىنسانغا ئۆزى قىلغان ئەمىلىنىڭ جازا ياكى مۇكاپاتىدىن باشقىسى يوقتۇر.} (سۈرە نەجم39-ئايەت) شۇنداقلا، مۇنۇ ھەدىستۇر ((إذا مات بن آدم انقطع عمله إلا من ثلاث صدقة جارية أو علم ينتفع به أو ولد صالح يدعو له)) «ئادەم بالىسى ۋاپات بولسا ئۇنىڭ مۇنۇ ئۈچ ئەمىلىدىن باشقا ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى توختايدۇ. سەدىقە جارىيە، پايدىلىق ئىلىم ياكى ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدىغان سالىھ پەرزەنت. (مانا مۇشۇ ئۈچ ئىشنىڭ ساۋابى ئۆلۈككە يېتىپ بارىدۇ.)» (سەھىھۇل مۇسلىم 1631)
ئەللامە سالىھ فەۋزان بۇ جەھەتتە مۇنداق پەتىۋا بەرگەن: قۇرئان ئوقۇپ ساۋابىنى ۋاپات تاپقان كىشىگە ئاتاشنىڭ شەرئىي دەلىلى يوق، بۇنداق قىلىشنىڭ ئىسلام شەرىئىتىدە ئورنى يوق. بۇنىڭ ساۋابى ۋاپات تاپقۇچىغا يېتىپ بارمايدۇ. لېكىن، ھەج، دۇئا، سەدىقە قاتارلىق ئىبادەتلەرنىڭ ساۋابى ۋاپات تاپقۇچىغا يېتىپ بارىدۇ. چۈنكى، مۇشۇنداقلىقىدا شەرئىي دەلىللەر مەۋجۇت. قۇرئان تىلاۋەت قىلىش بەدەننىڭ ئەمىلى بولۇپ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنىڭ ساۋابى ئۇنى تىلاۋەت قىلغان كىشىگە بولىدۇ. قۇرئان ئوقۇپ ساۋابىنى باشقىسىغا ئاتاش توغرىسىدا شەرئىي دەلىل مەۋجۇت ئەمەس. (حكم إهداء ثواب قراءة القران للميت)
ئىمام مۇھەممەدسالىھ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە سورالغان سوئالغا پەتىۋا بېرىپ مۇنداق دېگەن: بۇ جەھەتتە ئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار. (شەيخ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئايەت ۋە ھەدىسنى نەقىل قىلدى.) لېكىن، قۇرئان ئوقۇپ ساۋابىنى ۋاپات تاپقۇچىغا ئاتاشتىنمۇ ياخشى بىر ئىش بار، ئۇ بولسىمۇ، ۋاپات تاپقۇچى ئۈچۈن دۇئا قىلىشتۇر. ئۆلۈككە مەغفىرەت تىلەپ دۇئا قىلىشنىڭ ياخشىلىقىدا، يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ئوچۇق دەلىل مەۋجۇت. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۈممىتىگە كۆيۈنۈش، كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارغا پايدىلىق ئىشلارنى ئۆگىتىشتە ئىنتايىن يۇقىرى چەكتە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋاپات تاپقۇچى ئۈچۈن (يەنى گۇناھىنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشى، جەننەتتە دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، دوزاختىن قۇتقۇزۇلىشى ئۈچۈن…) دۇئا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئۈممىتىگە تەلىم بەرگەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى زاتتۇر. ئەگەر، قۇرئان ئوقۇپ ساۋابىنى ۋاپات تاپقۇچىغا ئاتاشتا ۋاپات تاپقۇچى ئۈچۈن ساۋاب بولىدىغان بولسا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇنى چوقۇم ئۈممىتىگە كۆرسەتمە قىلغان بولاتتى. (ما حكم اهداء ثواب قراءة القرآن للميت)
ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ۋاپات تاپقۇچى كىشىگە ساۋابى بولسۇن دەپ قۇرئان ئوقۇش، ناماز ئوقۇش قاتارلىقلارنىڭ شەرىئەتتە ئورنى يوق. ئورنى بار بولغىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىش، ھەج قىلىش ۋە سەدىقە قىلىشتۇر. ئىبادەت دېگەن ئاللاھ ۋە رەسۇلى بەلگىلەپ بەرگىنى بويىچە قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ سىرتىغا چىقىلمايدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «كىم بۇ دىن ئىشىدا بىز قىلمىغان ئىشنى قىلسا، ئۇنىڭ قىلغان ئىشى رەت قىلىنىدۇ» دېگەن. مەيلى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم، مەيلى ساھابىلەر قۇرئان ئوقۇپ، ئۇنىڭ ساۋابىنى ۋاپات تاپقۇچىغا ئاتىغان ئەمەس.
شەيخنىڭ يۇقىرىقى پەتىۋاسىدىن كېيىن، رىياسەتچى شەيختىن مۇنۇ سوئالنى قوشۇمچە سورىدى: ھۆرمەتلىك شەيخ، ۋاپات تاپقان كىشىگە يېتىپ بارىدىغان ئەڭ ئەۋزەل ئەمەل قايسى؟
ئىمام ئىبنى باز: ۋاپات تاپقۇچىغا يېتىپ بارىدىغان ئەڭ ئەۋزەل ئەمەل دۇئا ۋە سەدىقە. (حكم وصول ثواب قراءة القرآن للميت) — مۇجتەھىد تورى