سەجدىنى ئۇزۇن قىلىش ئەۋزەلمۇ ياكى نامازنىڭ رەكئەت سانىنى كۆپەيتىشمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى

سەجدىنى ئۇزۇن قىلىش ئەۋزەلمۇ ياكى نامازنىڭ رەكئەت سانىنى كۆپەيتىشمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى

ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
ھەدىسلەرنىڭ ئاشكارا مەنىسى ناماز رەكئىتىنىڭ كۆپ بولۇشىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تەقەززا قىلىدۇ. لېكىن، بەزى ئەھلى ئىلىملار قىيامنىڭ (يەنى نامازدا سۈرە ئوقۇپ ئۆرە تۇرۇش مۇددىتىنىڭ) ئۇزۇن بولۇشىنى (رەكئەتنىڭ كۆپ بولۇشىدىن) ئەۋزەل دەپ قارىغان. چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بەزى كېچىلىرى نامىزىنى ئۇزۇن ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن (بەزى ئەھلى ئىلىملەر قىيامنى ئۇزۇن تۇتۇپ، نامازنى ئۇزۇن ئوقۇش ئەۋزەل دەپ قارىغان.) ھالبۇكى، ئەۋزەل بولغىنى نامازنىڭ ئوتتۇرىھال بۇلۇشى؛ رۇكۇ، سەجدە، قىيام مۇددىتىنىڭ بىر-بىرى بىلەن تەڭداش بولۇشىدۇر. بۇ ئارقىلىق كىشى ھەم زورۇقۇپ، ھېرىپ-چارچاپ قالمايدۇ. ھەم نامازنىڭ رەكئەت سانىنى (ئۇزۇن سەجدە، ئۇزۇن رۇكۇ قىلىپ ئوقۇغانغا قارىغاندا) كۆپەيتەلەيدۇ. | — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com
ئەرەپچە مەنبەسى: https://binbaz.org.sa/fatwas/21466/هل-كثرة-الركعات-افضل-ام-طول-السجود

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ