جۇنۇب بولۇپ قالغان كىشى سۇ زىيان قىلىدىغان ئەھۋالدا تەيەممۇم قىلسا بولامدۇ؟ | ئىمام ئىبنى تەيمىييە پەتىۋاسى

جۇنۇب بولۇپ قالغان كىشى سۇ زىيان قىلىدىغان ئەھۋالدا تەيەممۇم قىلسا بولامدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:

كىشى مەيلى شەيتان ئاتلىۋېتىش سەۋەبلىك ياكى مۇناسىۋەت سەۋەبلىك جۇنۇپ بولۇپ قالغان تەقدىردە، غۇسل قىلىپ ئاندىن ناماز ئوقۇشى كېرەك. ئەگەر سۇ بولماسلىق سەۋەبلىك، ياكى غۇسل قىلىپ يۇيۇنسا كېسىلىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرىسە؛ ياكى ھاۋا سوغۇق بولغانلىقى ئۈچۈن غۇسۇل قىلىش نەتىجىسىدە باش ئاغرىقى، نەپەس يولى ياللۇغى دېگەندەك ئاغرىقلارغا مۇپتىلا بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىسە، بۇ خىل ئەھۋالدا بۇنداق كىشى تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇيدۇ. بۇ ھۆكۈم ئەر كىشى بىلەن ئايال كىشىگە ئورتاق. (يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەرنى باھانە قىلىپ) نامازنى ۋاقتى چىقىپ كەتكەنگە قەدەر كېچىكتۈرۈش دۇرۇس ئەمەس. «مجموع الفتاوى» (21/451) — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ