ئايال كىشى چېچىنى قارا رەڭدىن باشقا رەڭگە بويىسا بولامدۇ؟
ئەللامە سالىھ فەۋزان ھافىزەھۇللا بۇ ھەقتە مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
ئايال كىشىنىڭ قارا رەڭلىك چېچىنى باشقا رەڭگە بويىشىغا كەلسەك، مېنىڭ نەزىرىمدە بۇنداق قىلىش دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، ئايال كىشىنىڭ قارا رەڭلىك چېچىنى باشقا رەڭگە بويىشىغا ھاجەت يوق. چۈنكى، چاچنىڭ قارا بولۇشى گۈزەللىك بولۇپ، قارا چاچ (بوياش ئارقىلىق) ئۆزگەرتىلىشكە ھاجەت تۇغۇلىدىغان ناچار كۆرۈنۈشتە ئەمەس. بۇنىڭدىن سىرت، قارا چاچنى باشقا رەڭگە بوياپ ئۆزگەرتىش كاپىر ئاياللارغا ئوخشىۋېلىش ھېسابلىنىدۇ. (مەنبە: تنبيهات على أحكام تختص بالمؤمنات) — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
پەتىۋانىڭ ئەرەپچىسى: وأما صبغ المرأة لشعر رأسها الأسود؛ ليتحول إلى لون آخر، فالذي أرى أن هذا لا يجوز؛ لأنه لا داعي إليه؛ لأن السواد بالنسبة للشعر جمال وليس تشويها يحتاج إلى تغيير، ولأن في ذلك تشبها بالكافرات.