كىشى پېقىر بولسىمۇ، بۇ پېقىر كىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان (ئۇنىڭ تۈرلۈك زۆرۈر ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىدىغان) تۇغقىنى بولسا، ئۇ ھالدا بۇنداق كىشىنىڭ زاكات ئېلىشى دۇرۇس بولمايدۇ.
(ئىمام ئىبنى باز، مەجمۇئۇل فەتۋا 14\270)
كىشىنىڭ كىرىمى ئۇنىڭ يېمەك—ئىچمەك، كىيىم—كېچەك ۋە تۇرالغۇ قاتارلىق ئېھتىياجلىرىنى قامدىيالىسا، ئۇ ھالدا بۇنداق كىشى زاكات بېرىلىشى دۇرۇس ھېسابلانغان مىسكىن ۋە پېقىر دائىرىسىدىكى كىشى ھېساپلانمايدۇ. بۇنداق كىشىگە زاكات بېرىش دۇرۇس بولمايدۇ. mujtehid.com | مۇجتەھىد تورى
(ئىمام ئىبنى باز، مەجمۇئۇل فەتۋا 14\266)