قان تېگىپ قالغان كىيىمدە ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى

قان تېگىپ قالغان كىيىمدە ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى

سوئال: ئازغىنە قان يۇقۇپ قالغان كىيىمدە ئوقۇلغان نامازنىڭ ھۆكمى نېمە؟ كىيىمىگە قان يۇقۇپ قالغىنىنى بىلىپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ ئوقۇغان نامىزى دۇرۇس بولامدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ

كىيىمگە يۇقۇپ قالغان قان ئاز مىقداردىكى قان بولسا، نامىزى دۇرۇس ھېسابلىنىدۇ. ئەمما كىيىمگە ياكى بەدىنىگە يۇققان قاننىڭ مىقدارى كۆپ بولسا، كىشى بىلىپ تۇرۇپ بۇنداق كىيىمدە ناماز ئوقۇسا، نامىزى دۇرۇس بولمايدۇ.

كىيىمگە يۇقۇپ قالغان قان ئاز مىقداردا بولسا، بۇنداق كىيىمدە ئوقۇلغان ناماز دۇرۇس بولىدۇ.  شۇنداقلا، كىيىمگە يۇقۇپ قالغان قان كۆپ بولسا، لېكىن كىشى كىيىمىگە قان يۇقۇپ قالغانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ، ياكى بۇنداق كىيىمدە ناماز ئوقۇسا دۇرۇس بولمايدىغانلىقىنى بىلمەي قېلىپ ئۇ كىيىمدە ناماز ئوقۇغان بولسا، بۇنداق كىيىمدە ناماز ئوقۇشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى نامازنى ئوقۇپ بولۇپ بىلگەن بولسا، ئۇنىڭ نامىزى دۇرۇس بولىدۇ. ئوخشاشلا، سۈيدۈك ياكى باشقا تۈردىكى نىجاسەتلەر كىيىمگە ياكى بەدەنگە يۇقۇپ قالغان بولۇپ، بۇ خىل ھالەتتە ئىكەنلىكى ئېسىدە يوق ناماز ئوقۇغان بولسا، ئۇنىڭ بۇ نامىزى دۇرۇس ھېسابلىنىدۇ.

ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى | مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

مەنبە:

https://binbaz.org.sa/fatwas/17217/حكم-صلاة-من-في-ثوبه-دم-يسير#:~:text=ما%20حكم%20الصلاة%20للذي%20في,الصلاة%20إذا%20كان%20يعلم%20بذلك؟&text=الجواب%3A,دمًا%20كثيرًا،%20فصلاته%20غير%20صحيحة.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ