قۇرئان (ئايەتلىرىنىڭ مەنە-تەپسىرلىرى) توغرىسىدا ئۆز چۈشەنچىسى بويىچە سۆز قىلغان كىشى دوزاختىكى جايىغا ھازىرلانسۇن

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((مَنْ قَالَ فِي الْقُرْآنِ بِرَأْيِهِ فَلْيَتَبَوَّأْ مَقْعَدَهُ مِنَ النَّارِ)) «قۇرئان (ئايەتلىرىنىڭ مەنە-تەپسىرلىرى) توغرىسىدا ئۆز چۈشەنچىسى بويىچە سۆز قىلغان كىشى دوزاختىكى جايىغا ھازىرلانسۇن.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 3252؛تىرمىزى 2950؛ ئەھمەد 2429؛ نەسائىي: سۇنەن كۇبرا 8030؛ مۇسنەد بەززار 4757؛ بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2275؛ مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە 26553؛ تىرمىزىي ھەسەن سەھىھ دېگەن؛ بەغەۋىي: شەرھۇس سۈننەدە ھەسەن دېگەن؛ شەرھۇس سۈننە 119؛ ئەلبانى، شۇئەيىب ئەرنائۇت زەئىپ دېگەن) — ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((مَنْ قالَ في القُرآنِ برأْيِهِ فأصابَ فقدْ أخطَأَ)) «كىمكى قۇرئان (ئايەتلىرىنىڭ مەنە-تەپسىرلىرى) توغرىسىدا شەخسىي چۈشەنچىسى بويىچە سۆز قىلسا، ئۇنىڭ بۇ شەخسىي چۈشەنچىسى توغرىغا ئۇدۇل كېلىپ قالغان تەقدىردىمۇ گۇناھكار بولىدۇ.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 3652؛ تىرمىزى 2952؛ نەسائىي: سۇنەن كۇبرا 3262) — ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى * بۇ ئىككى ھەدىسنىڭ سەنەدىدە زەئىپلىك بولسىمۇ قۇرئاننىڭ مەنە-تەپسىرلىرى ھەققىدە ئۆز چۈشەنچىسى بويىچە مەنە بېرىش ياكى قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنىڭ مەنىلىرىنى ئاللاھ مۇراد قىلغاندىن باشقا مەقسەتە بۇرمىلاش قاتارلىق ئىشلارنى قاتتىق چەكلىگەن. «مەسىلەن، <ئاللاھنىڭ قولى> لەۋزى بىلەن كەلگەن ئايەتنى «ئاللاھنىڭ نېمىتى» دەپ بۇرمىلاپ مەنە بېرىش مۇشۇنىڭ جۈملىسىدىن.» (ئىبنى ئۇسەيمىن) چۈنكى، قۇرئان ئايەتلىرى يازغۇچى، خاتىپ، تەرجىمانلار تەرىپىدىن، ياكى بىدئەتچىلەر تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە تەپسىرلىنىپ، قۇرئانغا بۇنداقلارنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە مەنە بېرىلسە، قۇرئاننىڭ ئەسلى مەنىسى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ ھۆكۈم ۋە مەنىلىرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىك بولىدۇ. دىنغا قارشى بۇنىڭدىن چوڭ جىنايەت بولمىسا كېرەك. ئەبۇ بەكرى سىددىقتىن بىر ئايەتنىڭ مەنىسى سورىلىۋىدى «مەن ئاللاھنىڭ ئايەتلەر ھەققىدە ئۆز چۈشەنچەم بىلەن سۆز قىلسام قايسى ئاسمان مېنى سايىدىتىدۇ، قايسى زېمىن مېنى كۆتۈرىدۇ» دەپ، سورالغان ئايەت ھەققىدە ئۆز چۈشەنچىسىنى بايان قىلىشتىن ئۇزاق تۇرغان. (جامع بيان العلم ٢/ ٨٣٣، إعلام الموقعين 2\99) قۇرئاننىڭ تەپسىرى چوقۇم رەسۇلۇللاھنىڭ، ساھابىلەرنىڭ ۋە تابىئىنلارنىڭ  تەپسىرى بويىچە تەپسىرلىنىدۇ. شۇڭا، تەبەرىي، ئىبنى ئەبىي ھاتىم، بەغەۋىي، ئىبنۇل جەۋزى، ئىبنى كەسىر … قاتارلىق مۆتىۋەر ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى ھەم قۇرئان تەپسىرىدە، ھەم فىقھتا، ھەم ھەدىسشۇناسلىقتا ئىنتايىن يۇقىرى بىلىمگە ئىگە بولىشىغا قارىماي، قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ تەپسىرى ھەققىدە شەخسىي چۈشەنچىسىنى بايان قىلمىغان. پەقەت رەسۇلۇللاھتىن، ساھابىلەردىن، تابىئىنلاردىن ۋە تەبەئىي تابىئىنلاردىن شۇ ئايەتلەر ھەققىدە نەقىل كەلتۈرۈش بىلەنلا چەكلەنگەن، ئۇنىڭ نېرىسىغا ئۆتمىگەن. ئەگەر قۇرئاننى چۈشەنچىسى بويىچە تەپسىرلەش جائىز بولسا، ئەڭ ئاۋۋال مانا مۇشۇنداق ئۈستۈن دەرىجىلىك مۇجتەھىد ئالىملار قۇرئان تەپسىرىدە چوقۇم ئۆز چۈشەنچىسىنى بايان قىلغان بولاتتى. بۇ زاتلار ئىلىمدە، پەزىلەتتە ۋە ئىنساپلىق بولۇشتا، ئەڭ مۇھىمى ئاللاھتىن قورقۇشتا ھەممىگە ئۈلگە بولىدىغان رەببانىي ئۆلىمالار بولغانلىقى ئۈچۈن، قۇرئان تەپسىرىگە شەخسىي چۈشەنچىسىنى ھەرگىز قوشمىغان، ھەددىنى بىلگەن. ھەممە مۇسۇلمان مۇشۇنداق بولۇشى پەرز. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ مەنىلىرى ئۆزگەرتىش يەھۇدىلارنىڭ ۋە خىرستىيانلارنىڭ يولى بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ھەققىدە شەخسىي چۈشەنچە بىلەن سۆز قىلغان كىشىلەر ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىدەك ئاللاھنىڭ لەنىتىگە قېلىشتىن قورققاي.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ