كىتابنى خار قىلغۇچىلار خار بولىدۇ
قۇدرەت بارات
بۇ ئاي ئىچىدە نەچچە بەت كىتاب ئوقۇدىڭىز؟ ئەگەر ئەڭ كەم ئەللىك بەت بولسىمۇ كىتاب-ماقالە ئوقۇيالمىغان بولسىڭىز، بۇ بىر ئېيىڭىزدا سىزنىڭ ئەقىل-تەپەككۇر ۋە ئاڭ-ساپايىڭىزدا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى دېگەن گەپ. بىر جەمئىيەتتە كىتاپ ئوقۇمايدىغان كىشىلەر ئاۋۇپ كەتسە، ئۇ جەمئىيەت ئەزالىرى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ باشقىلارنىڭ قولىدىكى پېچكىغا، ئويۇنچۇققا ئايلىنىپ قالىدۇ؛ بۇنداق جەمئىيەت ئەزالىرى ئۆزىگە خاس يېڭى يوللار بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ ئەكسىچە، باشقىلار سىزىپ بەرگەن يوللاردا مېڭىپ ئۆز يولىدىن ئادىشىدۇ؛ باشقىلار قۇرۇپ قويغان توزاقلارغا تولا چۈشۈپ ئاقىۋەتتە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىدۇ. كىتاپ ئەقىلنىڭ گىمناستىكىسى، ئاڭ-ساپانىڭ ئوزۇقىدۇر. ئاڭ-ساپالىق بولمىغۇچە، مەرىپەتپەرۋەر بولمىغۇچە ھېچبىر شەخىس، ھېچبىر ئائىلە، ھېچبىر مىللەت ھەقىقىي مەنىدە گۈللىنەلمەيدۇ. ئۇنۇتمايلىكى، كىتاپنى چوڭ بىلمەي راڭپىزا بىلەن داپەنجىنى چوڭ بىلىپ ياشاۋەرسەك، دۇنيا بىزگە بارغانچە تارىيىدۇ. كىتابنى خار قىلغۇچىلار خار بولىدۇ. [يَا يَحْيَىٰ خُذِ الْكِتَابَ بِقُوَّةٍ] «ئى يەھيا! كىتابقا مەھكەم ئېسىل!» (قۇرئان كەرىم، سۈرە مەريەم، 12-ئايەت)
