كېسەل بولۇپ قالغان كىشى ناماز ئوقۇمىسىمۇ بولامدۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى

سوئال: نۇرغۇنلىغان كېسەللەر نامازغا سەل قاراپ «ياخشىلىنىپ قالغاندا نامىزىمنىڭ قازاسىنى قىلىۋالمەن» دېيىشىدۇ. بەزى كىشلەر «تاھارەت ئېلىشقا ۋە مەينەتچىلىكتىن پاكىزلىنىشقا كۈچىمىز يەتمەيدىغان تۇرسا، قانداقمۇ ناماز ئوقۇيمىز؟» دېيىشىدۇ. بۇنداق كىشلەرگە قانداق تەۋسىيەلىرى بار؟

بۇ سوئالغا ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ بۇ سوئالغا مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:

جاۋاب: ئەقلى ھوشى جايىدا بولغان كېسەل كىشىنىڭ تاھارەت ئېلىشقا قۇربى يەتمىگەنلىكىنى باھانە قىلىپ ناماز ئوقۇماسلىقى توغرا بولمايدۇ. ئەكىسچە كېسەل كىشى ناماز ئوقۇشى ۋە كۈچى يەتسە تاھارەت ئېلىشى كېرەك. سۇ بىلەن تاھارەت ئېلىشقا قۇربى يەتمىسە تەييەمۇم  قىلىپ ناماز ئوقۇيدۇ.

ناماز ئوقۇشتىن ئىلگىرى كىيمىگە تېگىپ قالغان مەينەتچىلىكنى يۇيىۋېتىشى ياكى پاكىز كىيىم كىيىپ ناماز ئوقۇشى كېرەك. بۇنى قىلىشقا كۈچى يەتمىگەن كېسەل كىشىنىڭ بوينىدىن كىيمىدىكى نىجاسەتنى پاكلاش مەجبۇرىيىتى ساقىت بولىدۇ، قانداق ھالەتتە بولسا شۇ ھالەتتە نامىزىنى ئوقۇيدۇ.

چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:«(ئى مۆئمىنلەر) تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار.» (سۈرە تەغابۇن16- ئايەت)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەرگە بىر ئىشنى بۇيرۇسام ئۇنى تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە قىلىڭلار.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم)

ئىمران ئبنى ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ كېسىلىدىن رەسۇلۇللاھقا شىكايەت قىلغان ۋاقتتا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: «نامازنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇ، ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇشقا قادىر بولالمىساڭ ئولتۇرۇپ ئوقۇ، ئولتۇرۇپ ئوقۇشقا قادىر بولالمىساڭ يېتىپ تۇرۇپ ئوقۇ.» (بۇخارى)

نەسائىنىڭ رىۋايىتىدە  يەنە مۇنداق كەلگەن: «يېتىپ تۇرۇپ ئوقۇشقا كۈچۈڭ يەتمىسە ئوڭدا يېتىپ ئوقۇ.» (نەسائى سەھىھ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان) – مۇجتەھىد پەتىۋا تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

(مەنبە: شەيىخ بىن باز، ئىسلامنىڭ بەش ئاساسىغا ئالاقىدار سوئال – جاۋاپ، ناماز بۆلۈمى،17-پەتىۋا، 122-بەت)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ