ئەللامە ئىبنى باز بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدىكى كىشى روزا تۇتمايدۇ. كېسەل ۋە يولۇچىنىڭ روزا تۇتماسلىقى ئەۋزەل ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ مۇنۇ سۆزىدۇر {وَمَن كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَى سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَ} (بەقەرە سۈرىسى، 185-ئايەت) شۇنداقلا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنۇ سۆزىدۇر. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن الله يحب أن تؤتى رخصه كما يكره أن تؤتى معصيته)) «ئاللاھ تائالا گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ قىلىنىشىنى يامان كۆرگىنىدەك، ئۆزىنىڭ رۇخسىتىنى تۇتۇشۇڭلارنى ياخشى كۆرىدۇ.» (مۇسنەد ئەھمەد، 5600) كېسەلنىڭ روزا تۇتماسلىقىنىڭ شەرتى، روزىنىڭ ئۇنى قىينىۋېتىدىغان بولۇشىدۇر. ئەگەر كېسەل كىشى روزا تۇتۇشى سەۋەبلىك قىينىلىپ كەتمىسە، بۇنداق كېسەل كىشىنىڭ روزا تۇتماسلىقى دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى، روزا تۇتۇشى سەۋەبلىك قىينىلىپ كەتمەيدىغان كىشى روزا تۇتمىسا بولىدىغان ئۆزۈرلۈك كىشى ھېسابلانمايدۇ. شۇنداقلا، سەپەر جەريانىدا روزا تۇتسا قىينىلىپ كەتمەيدىغان كىشىنىڭ روزا تۇتشى ئەۋزەل ھېسابلىنىدۇ. (كېسەللىك ياكى يولۇچىلىق سەۋەبلىك تۇتالماي قالغان رامزان روزىسىنىڭ رامزان ئېيىدىن باشقا چاغدا قازاسى قىلىنىدۇ.) ( قاراڭ: https://binbaz.org.sa/fatwas/11647/حكم-الفطر-في-السفر-مع-عدم-المشقة)
— ئەرەپچىدىن قۇدرەت بارات تەرجىمىسى