شىرك پەقەت بۇتقا چوقۇنۇشلىمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى

شىرك پەقەت بۇتقا چوقۇنۇشلىمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى

بەزى كىشىلەر «شىرك دېگەن پەقەت بۇتقا چوقۇنۇش» دېيىشىدۇ. توغرا، بۇتقا چوقۇنۇش شىرك. لېكىن ئەۋلىيادىن، سالىھلاردىن، ئۆلۈكلەردىن ياردەم سوراپ، ئۇلاردىن ھاجەت تىلەپ دۇئا قىلىشمۇ ئوخشاشلا شىرك.

ئۆزىنى ئىسلامغا تەۋە قىلدىغان نۇرغۇن كىشى مۇشۇ شىركنى سادىر قىلماقتا. ئۇلار قەبرىلەرنى ئۇلۇغلايدۇ، قەبرىلەردىن بەرىكەت ئىزدەيدۇ. زىياندىن قۇتۇلۇپ پايدىغا ئېرىشىش مەقسىتىدە قەبرىلەرنى (بولۇپمۇ ئەۋلىيا دەپ ئاتالغانلارنىڭ قەبرىلىرىنى) زىيارەت قىلىشىدۇ. بۇنداق قىلىش چوڭ شىرك. بۇنداق قىلىش ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلغانلىق.

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ